يۈننەن ئۆلكىسى تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن بۇيان ، ھازىرغىچە پۈتۈن ئۆلكە تەۋەسىدىكى 16 شەھەر (ناھىيە)-ئوبلاستتىن 24 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ ، 47 مىليون مو زىرائەت ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان .
يۈننەن ئۆلكىلىك ھاۋارايى تارماقلىرى كېيىنكى بىر ئايدا ئاپەت ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەندىن كېيىن ، نۇرغۇن كىشىلەر پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان ئەنئەنىۋى سۇ چېچىش بايرىمىنىڭ نورمال ئۆتكۈزۈلىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن . يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ئىشقا ئىزاھات بېرىپ ، سۇ چېچىش بايرىمىنىڭ ۋاقتى-قەرەلىدە نورمال ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ، پەقەت بايرامنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە سۇ ئىشلىتىش مىقدارى مۇۋاپىق تىزگىنلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
سۇ چېچىش بايرىمى يۈننەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ، بولۇپمۇ دەيزۇ مىللىتىنىڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ ، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ .