ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شېنياڭ ھايۋاناتلار باغچىسى تاقىلىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلدى

2010-يىلى03-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن بۇ يىل 2-ئايغىچە شېنياڭ ياۋايى ھايۋانلار ئورمان باغچىسىدا 11يولۋاسكەينى-كەينىدىن ئاغرىپ ئۆلۈپ كەتكەن ، ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى يولۋاس باغچا خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن راست ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىلگە
  
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى :  ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن بۇ يىل 2-ئايغىچە شېنياڭ ياۋايى ھايۋانلار ئورمان باغچىسىدا 11 يولۋاس كەينى-كەينىدىن ئاغرىپ ئۆلۈپ كەتكەن ، ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى يولۋاس باغچا خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن راست ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن . بۇ ۋەقە جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقتىن  13-مارت دۆلەت ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكى جىددي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، شېنياڭ ياۋايى ھايۋانلار ئورمان باغچىسىغا مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ، شۇنداقلا ھايۋاناتلار باغچىسىنى تاقاپ تەرتىپكە سېلىش ھەمدە ھەر قانداق ئادەمنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى چەكلەشنى بۇيرۇدى .


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر