
خەلق تورى 15–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : يېقىندا ، ئامېرىكا لويىزاننا ئىشتاتىدىكى بىر مېكسىكا قولتۇقىغا يېقىن دەريا ‹‹ئۈلۈك بېلىق دېڭىزى››غا ئايلانغان بولۇپ ، نۇرغۇن بېلىق ، قىسقۇچپاقا ۋە يىلان بېلىقلارنىڭ جەسىتى دەريا يۈزىنى قاپلاپ كەتكەن . يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مىسسىسىپپى دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان بۇ بۆلىكىدە ھەتتا بىر كىتنىڭ جەسىتىنىمۇ بايقىغان . يەرلىك ئامما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا تېزدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان .
يەرلىك ئاممىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ھەر يىلى ياز پەسلىدە ، بۇ رايوندا ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ‹‹ تۇيۇقسىز ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك ›› ھادىسىسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن سۇ جانلىقلىرى ئۆلۈپ كېتىدىكەن ، لېكىن ، ئادەتتە بۇ خىل ھادىسە بىر خىللا بېلىقنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ ، ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ خىل سۇ جانلىقلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، بەزىلەر بۇ دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ قارىغان .
