• 2010-12-28

    بېلىقچى بوۋاي - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/93937627.html

    بېلىقچى بوۋاي

    (ھېكايە)

     [ئامېرىكا] مارىي باتتېرىس براي

    بىز جون خوپكىنس دوختۇرخانىسىنىڭ قارشىسىدا ئولتۇراتتۇق. ئەتىراپىمىزدىكى خوشنىلىرىمىزدەك ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆيىمىزنى دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيىسىگە داۋالانغىلى كەلگەنلەرگە ئىجارىگە قويۇپ، ئاستىنقى قەۋىتىدە ئۆزىمىز ئولتۇراتتۇق.

    يازنىڭ بىر كەچقۇرۇنلىقى كەچلىك تاماق ئېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغۇرىقى سايراپ قالدى، قارىسام ئىشىك ئالدىدا ۋىجىك ھەم دۈمچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. ئادەمنى كىشىنى چكچىتىدىغان يېرى شۇكى ئۇنىڭ يۈزى قىپ-قىزىل ئىششىق ۋە بىر-بىرىگە ماس ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ تەلەتىنىڭ بۇنچە سۆرۈن بولىشىغا قارىماي ئاۋازى بەك مۇلايىم ئىدى:

    — خەيرلىك كەچ خانىم، سىزدە ئىجارە قويىدىغان ئۆي بارمىكى دەپ، بىر ئاخشاملا تۇراتتىم. ئۆزۈم شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىن بۇ دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا كېلىشىم، قايتىدىغان ئاپتۇۋۇز ئەتە ئەتىگەن ئاندىن قايتىدىكەن.

    ئۇ چۈشتىن ھازىرغىچە ياتىدىغان ئورۇن ئىزدەپ تاپالماپتۇ، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ئۆيىنى بەرگۈسى كەلمىگەن چېغى.

    — پەمىمچە ھەممىسى مۇشۇ چىرايىم ئۇلارنى قورقۇتىۋەتتى بولغاي، ئەمما دوختۇر داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، دېدى.

    راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بەتبەشىرە چىرايىغا قاراپ مەنمۇ ئىككىلىنىپ قالدىم. ئاخىر يەنىلا بوۋاينىڭ سەمىمىيلىكى مېنى تەسىرلەندۈردى.

    — كارىدوردىكى ئۇزۇن ئورۇندقتا

    ياتساممۇ بولىدۇ، ئەتە سەھەردىلا ئاپتوۋۇز بىلەن قايتىمەن، — دېدى ئۇ.

    كەچلىك تاماق پىشقاندا ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلدۇق، ئۇ:

    — رەھمەت، تاماق ئېلىۋالغانتىم، — بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ قولىدىكى قوڭۇر رەڭ قەغەز خالتىنى كۆرسەتتى.

    تاماقتىن كېيىن سىرتتا بوۋاي بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ تېنى ۋىجىك بولغىنى بىلەن دەريادەك كۆكسى باركەن. ئۇ ئادەتتە بېلىقچىلىققا تاينىپ قىزى كۈيئوغلى ۋە ئۇلارنىڭ بەش بالىسىنى باقىدىكەن. كۈيئوغلى يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قاپتۇ. بوۋاينىڭ پاراڭىنىڭ ئورانىدىن ئۇنىڭ قىسمىتىدىن ياكى باشقىلاردىن قىلچىمۇ ئاغرىنغاندەك قىلمايتتى. ئۇ ئكزى بىر خىل تېرە راكىغا گىرىپتار ئىكەن، ئەمما بۇ كېسەلنىڭ ئاغرىتىمىغانلىقىدىن ناھايىتى ئاراملىق ھېس قىلىدىكەن، ئۇ تەڭرىنىڭ ئۆزىگە كۈچ مادار ئاتا قىلىپ ئىشلىرىنى قەتئىي داۋام ئېتەلىگەنلىكىگە شۈكرىلەر ئېيتىدىكەن.

    كەچتە بالىلىرىمنىڭ ئۆيىگە بوۋايغا بىر كارىۋات قويۇپ ئورۇن راسلاپ بەردىم. ئەتىسى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بوۋاي ياتقان ئورۇن كۆرپىلەرنىڭ رەتلىك يىغىلغانلىقىنى كۆردۈم، بوۋاي بولسا ھويلىدا بىزنى ساقلاۋېتىپتۇ. بىز ئۇنى ناشتىغا تەكلىپ قىلىۋىدۇق، ئۇ يەنىلا چىرايلىق رەت قىلدى. خوشلىشىدىغان چاغدا بوۋاي دۇدقلاپ تۇرۇپ:

    — كېلەر قېتىم كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەندە يەنە سىلەرنىڭكىدە تۇرسام بولارمۇ؟ سىزلەرگە كۆ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەيمەن، — ئۇ سەل تۇرۇۋېلىپ ئاندىن:

    — سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار مېنى ئۆز ئۆيۈمدە تۇرغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈردى، چوڭلار مېنىڭ چىرايىمدىن سەسكىنىدۇ، ئەمما بالىلار ئۇنداق قىلمايدىكەن.

    بىز ئۇنىڭ يەنە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق.

    ئىككىنچى قېتىم بوۋاي ئالاھەزەل ئەتىگەن سائەت يەتتىلەردە بىزنىڭكىگە كەلدى. ئۇ تېخى چوڭ بىر بېلىق ۋە بىر خالتا ئوستېر قۇلۇلىسى ئېلىپ كەپتۇ، بۇ مەن ئۆمرۈمدە كۆرگەن ئەڭ چوڭ قۇلۇلە ئىدى. قۇلۇلىنى يېڭى پېتى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن شۇ كۈنى سەھەردە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن قېپىدىن ئاجراتقان گەپ، ئۇ ئولتۇرىدىغان ئاپتۇۋۇز بولسا سەھەر سائەت تۆتتە يولغا چىقىدۇ، شۇنداق بولغاندا بوۋاي نەچچىدە ئورنىدىن تۇرغاندۇ،ھە؟

    شۇندىن كېيىن بوۋاي دائىم كېلىپ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىدىغان بولدى، ھەر قېتىم كەلگەندە بىزگە يېڭى بېلىق، قۇلۇلە ياكى ئۆزى تېرىغان كۆكتاتلاردىن ئېلىپ كېلەتتى. بەزى تېخى ئۇ ئەۋەتكەن پوسۇلكىلارنىمۇ تاپشۇرۇۋالاتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھلەت ئىچىدە يەتكۈزىلىدىغان پوسۇلكا قىلىپ ئەۋەتەتتى. بېلىق، قۇلۇلە ۋە پالەك، كاپۇستا نەپىس قۇتىغا قاچىلانغان، كۆكتاتلارنىڭ ھەر بىر تال يوپۇرماقلىرى پاكىز يۇيۇپ تازىلانغان. پوسۇلكىلارنى پوچتىغا سېلىش ئۈچۈن ئۇ ئۈچ ئېنگىلىز مېلى ئۇزۇنلۇقتا يول يۈرىدۇ...

    مەن ھەر قېتىم بوۋاينىڭ پوسۇلكىسىنى تاپشۇرۇۋالغىنىمدا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆيىمىزدىن ئايرىلغان چاغدا خوشنىمىز لۇسىينىڭ مۇنۇ سۆزلىرى يادىمدىن كېچىدۇ:

    — سىز نېمانداق بۇ بەتبەشىرە بوۋاينى قوندۇرۇۋالىسىز؟ ئەگەر ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلگەن بولسا ھايدىۋەتكەن بولاتتىم. بىلىشىڭىز كېرەككى ئۇ باشقا مېھمانلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.

    شۇنداق، ئەگەر بوۋاينى قوندۇرمىغان بولساق بەلكىم بىرەر-ئىككى مېھماننى ئارتۇق قوندۇرالايتتۇق، ئەمما ئائىلىمىزىدىكىلەرنىڭ ھەممىمىز بوۋاي بىلەن تونۇشقانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بىز ئۇنىڭ ھەر قانداق قىسمەتكە يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن قوبۇل قىلىشتەك قىممەتلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسىنى ئۆگىنىۋالدۇق.

    كېيىنچە بىر دوستۇمنىڭ پارنىك گۈللۈكىدە شۇنداق چىرايلىق ئېچىلغان ئالتۇنرەڭ جۈخار گۈلىنىڭ دات بېسىپ كەتكەن بىر تۆمۈر چىلەكتە ئېچىلغانلىقىنى كۆردۈمدە، دوستۇمغا:

    — مەنچە بولسام بۇنداق گۈزەل گۈلنى چوقۇم چىرايلىق تەشتەكتە باققان بولاتتىم. — دېدىم، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى:

    — مېنىڭ تەشتەكلىرىم جىق ئەمەس، مەنمۇ بۇ گۈلنىڭ شۇنچە گۈزەللىكىنى بىلىمەن، ئەمما بۇ گۈلمۇ بۇ ئەسكى تەشتەكتە تۇرغىنىنى كۆڭلىگە ئالمايدۇ. مەنمۇ ئۇنى پات ئارىدا سىرتتىكى گۈللۈككە كۆچۈرىۋېتىمەن، ئۇ جاي كەڭرى، قۇياش نۇرى تولۇق چۈشىدۇ.

    دوستۇمنىڭ سۆزى ھېلىقى بېلىقچى بوۋاينى يادىمغا سالدى. بوۋايدىكى گۈزەل قەلب ئاشۇ ۋىجىككىنە تەندە تۇرغىنىغا ئۆكۈنمىگەن ئىدى.

    بۇ ۋەقەلەر ناھايىتى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن. مېنىڭچە ھازىر ئۇ بوۋاي تەڭرىنىڭ گۈزەل باغچىسىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ مەغرۇرانە ياشاۋاتقاندۇ، دەپ ئويلايمەن.

     

    «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 23-سانىدن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • ۋاقتىم بولسىلا سىزنى يوقلاپ تۇرىمەن .
  • ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ،يەنىمۇ كۆپلىگەن تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز.
    ئارغۇ回复ئەسكى说:
    قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت، مۇندىن كېيىن پات-پات كىرىپ، پىكىر تەكلىپ بېرىپ تۇرارسىز.
    2010-12-28 22:33:37