• 2010-12-03

    خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارە-2 - [تۇراقلىق ئىبارىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86769603.html

    暧昧不明 ــ پوزىتسىيىسى ئېنىق بولماسلىق.

    碍手碍脚 ــ پۇتلىكاشاڭ بولماق؛ كاشىلا بولماق.

    安邦定国 ــ ئەلنى ئەمىن قىلماق.

    安步当车 ــ پۇتنى ئات، قولنى قامچا قىلىپ ماڭماق؛ پىيادە بىمالال ماڭماق.

    安不忘危 ــ ئامان-ئېسەن چاغلاردا خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇماسلىق؛ ياخشى چاغدا يامان چاغنى ئۇنتۇماسلىق.

    安常处顺 ــ ① تىنچ-ئوڭۇشلۇق شارائىتتا ئۆتمەك؛ ② بارىغا شۈكۈر قىلماق.

    安分守己 ــ ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر-قانائەت قىلماق؛ سىڭگەن نېنىنى يېمەك؛ ئۆزىنى بىلىپ يۈرمەك؛ ياۋاش-يۇمشاق ياشىماق.

    安富尊荣 ــ دۆلەت ۋە ئىززەتكە سازاۋەر بولماق؛ باياشات بەخىرامان ياشىماق.

    安家立业 ــ ماكانلىشىپ تىرىكچىلىك قىلماق؛ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئورۇنلىشىپ قالماق.

    安家落户 ــ ياقا يۇرتتا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، تۇرۇپ قالماق؛ ماكان تۇتماق؛ ماكانلاشماق؛ يەرلەشمەك.

    安居乐业 ــ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماق؛ ئارامخۇدا ياشىماق.

    安乐世界 ــ پاراغەتلىك دۇنيا.

    安乐窝   ــ ئىسسىق ماكان؛ راھەت ماكان.

    安民告示 ــ ① خەلقنى تىنچلاندۇرۇش ئېلانى؛ ئېلان چىقىرىپ ئاھالىنى خەۋەردار قىلماق. ② بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنىنى ئالدىن مەلۇم قىلماق.

    安贫乐道 ــ پېقىرلىققا شۈكۈر قىلىپ مۆمىن بولۇپ ياشىماق.

    安然无恙 ــبالا-قازاغا ئۇچرىماي،تىنچ-ئامان تۇرماق؛خەۋپ-خەتەردىن ئامان قالماق.

    安如磐石 ــ ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم؛ تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرماق.

    安如泰山 ــ تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت تۇرماق؛ تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرماق.

    安身立命 ــ جېنىنى جان ئەتمەك؛ كۈنىنى ئالماق.

    安土重迁 ــ يۇرتىدىن كۆچۈپ كېتىشنى ئېغىر ئالماق؛ يۇرتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك؛ كۆنۈپ قالغان جايدىن كەتكۈسى كەلمەسلىك.


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: