-
2009-07-04
خەنزۇچە تۇراقلىق ئىبارىمۇ ئۆگىنەيلى-1 - [تۇراقلىق ئىبارىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41901006.html
خەنزۇچە تۇراقلىق ئىبارە ئۆگەنگىڭىز بارمۇ؟ بىلوگىمغا بۈگۈندىن باشلاپ ئاز-ئازدىن تۇراقلىق ئىبارىلەرنى تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ يوللاشنى لايىق تاپتىم، دوستلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ۋە ئىشتىراك قىلىشىنى سورايمەن.
--哀兵必胜ئەلەم تارتقان يېڭىدۇ؛ دەرت-ئەلەمدىن غەزەپلەنگەن قوشۇن يېڭىدۇ؛
--哀而不伤قايغۇلۇق ئەمەس، مۇڭلۇق؛ ئوشۇقمۇ ئەمەس، كەممۇ ئەمەس، دەل جايىدا؛
--哀感天地ئاسمان زېمىننى تەسىرلەندۈرىدغان قاتتىق قايغۇ؛
--哀感顽艳ئاقىلنىمۇ، ناداننىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغان؛ ۋايىغا يەتكەن ؛
--哀鸿遍野ھەممە يەرنى ئاھ-زار قاپلىماق؛ داد-پەرياد كۆتۈرمەك؛
--哀毁骨立دەرد-ئەلەمنىڭ ئازابىدا بىر تېرە، بىر ئۇستخان بولۇپ قالماق؛ قۇرۇق سۆڭەك بولۇپ قالماق؛
--哀莫大于心死ئەڭ قاتتىق ئۈمىدسىزلىك؛
--哀丝毫竹مۇڭلۇق نەغمە ناۋا؛
--哀思如潮قاتتىق غەمگە چۆممەك؛ ئېغىر قايغۇغا قالماق؛
--挨肩擦背قىستا-قىستاڭ؛ تىقما-تىقماق؛
--挨门逐户ئۆيمۇ ئۆي؛ ھەممە ئۆيلەرنى قالدۇرماي ئارىلاپ چىقماق؛
--唉声叹气ئاھ ئۇرماق؛ ھەسرەت چەكمەك؛ خۇرسىنماق ؛
--矮人看戏قارىسىغا ئەگەشمەك؛ قارىسىغا قوشۇلماق؛
--爱不释手قولدىن چۈشۈرمەسلىك؛ يېنىدىن ئايرىماسلىق؛ كۆز قىيالماسلىق؛
--爱才如命پۇل ئۈچۈن جان بەرمەك؛ پۇل-مالنى جاندىن ئەزىز كۆرمەك؛
--爱毛反裘موينى ئاياپ جۇۋىنى تەتۈر كىيمەك؛ ئايىدىم دەپ بۇزۇپ قويماق؛
--爱莫能助بىراۋنىڭ دەردىگە ئىچى ئاغرىسىمۇ، دەردىگە دەرمان بولالاماسلىق؛ ياردەم قىلاي دېسىمۇ قولىدىن كەلمەسلىك؛
--爱人以德كىشىنى ھەقلىق يوسۇندا ئاسرىماق؛ كىشىگە توغرا يول بىلەن خەيرخاھلىق قىلماق؛
--爱屋及乌ئۆزى ياخشى كۆرگەننىڭ ئۆگزىسىدىكى قاغىسىمۇ ئاق كۆرۈنۈپتۇ؛ ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ ھەممە نېمىسى گۈل كۆرۈنۈپتۇ؛ ئىگىسىنى ياخشى كۆرگەن، ئىتىغىمۇ سۆڭەك تاشلاپتۇ؛
--爱憎分明مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولماق؛
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى:
评论