• 2010-05-17

    ۋاقىتنى ئويلىشىدىغان مال ساتقۇچى - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63710305.html

    ۋاقىتنى ئويلىشىدىغان مال ساتقۇچى

    (ھېكايە)

    خوشى شىنيىچى]ياپونىيە[

    دەسلەپكى غەلىبە

     

    ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ ئىسىم كارتۇچكامنى ئىشىكنى ئاچقان ئايالغا ئۇزاتتىم. كارتامغا قاراپلا ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭدى:

       بىزگە ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس، —

    ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشىنى بىلەتتىم. شۇڭا  ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك مەڭسىتمەسلىك بىلەن نارازى بولۇپ غۇدۇردىم:

    — مېنى مال ساتقۇچىمىكىن دەپ قاپسىز-دە، ئۇنداقتا تامامەن خاتالاشقان بولىسىز. بۇنىڭدىنغۇ يامانلىغىلى بولمايدۇ، تىنچلىق ھەمىشە مال ساتقۇچىلارنىڭ ئىشىك قېقىشى بىلەن بۇزۇلىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە كىشنى بىزار قىلدىغان ئىش يوق.

    — ھىم، شۇ ئەمەسمۇ.

    ئۇمېنى رەت قىلىشقا باھانە ئىزدەۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم:

      يېقىندىن بېرى بىۋاستە يەتكۈزۈلىدىغان پوچتا ئېلانلىرى بەك كۆپىيىپ كەتتى، پوچتا ساندۇقىڭىز شۇنداق ئېلانلارغا توشۇپ كەتكەندۇ ھەقىچان؟

      شۇنى دەڭا، ئاشۇ ئېلانلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ىويمۇ زېرىكتىم.

     ئۇنىڭ نەزىرى پوچتا ساندۇقىغا ئاغدۇرۇلدى. دېگەندەك، پوچتا ساندۇقى ئېلان ۋەرەققىلىرى بىلەن لىق توشقانىدى.

    —سىزگە ئوخشاش ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىلەر دەل ئاشۇ ھېلىگەر مال ساتقۇچىلارنىڭ نىشانى بوپ قالدى. تېلېۋىزور ئېلانىدىنغۇ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىپلا قۇتۇلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بىۋاستە يەتكۈزۈلىدىغان پوچتا ئېلانلىرىدىن قۇتۇلماق تەس.

         ھەقىقەتەن شۇنداق، — دېدى ئۇ سۆزۈمنى قۇۋۋەتلەپ.

               ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلدىغان ئاشۇ ئېلانلارنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ، رەتلەپ، تاشلايدىغاننى تاشلاپ يوقاتمىسىڭىز بولمىغان، شۇنىڭغا ئىسراپ بولغان ۋاقىتتا شېئىر ئوقۇش ياكى تىنچقىنا ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ھەقىقىي تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىش دېسە بولىدۇ. ئۆمرىمىزنى ئېلان ئوقۇشقىلا سەرپ قىلىۋەتسەك بولماس؟ بىز زىيالىلارزە ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇنداق ئېلانلارنى چەكلىمىسەك بولمايدىغان يەرگە يەتتى.

    «تەپەككۇر»، «زىيالى» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈمى بولدى. ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى شائىرەلەرگە ئاز-تولا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.

               ھەي... تىنچ تەپەككۇر، تىنچ ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلمىغىنىمغا ئۇزۇن  يىللار بولۇپ كەتتى.

    مەن ئامالىمنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشكە تىرىشتىم:

               كۆڭلىڭىزنى پۈتۈنلەي چۈشىنىمەن، چۈنكى بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق بولغان.

         نېمە؟ سىز «بولغان» دەيسىزغۇ؟ ئەجىبا ھازىر ئۇنداق ئەمەسما؟

    تەڭرىمگە شۈكۈر، نېمىلا بولسۇن ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالىدىم، شۇنداق بولسىمۇ ھازىرلا مەقسەتكە كۆچۈشكە بولمايتتى.

               ھەئە، ئەلۋەتتە. بىراق بۇ ئىشلارنى كېيىن سۆزلەپ بېرەي، — دېدىم مەن ئەتەيگە.

               دەپ باقسىڭىز يامان بولماستى؟

    ئۇ توزىقىمغا ئاسانلا چۈشتى. بىراق، بۇنداق چاغدا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشۇم كېرەك ئىدى.

               ئەمەلىيەتتە دېگۈدەك ئىشمۇ يوق، بىر خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن شۇ،— مەن چەبدەسلىك بىلەن سومكامدىن ئەسۋابنى چىقاردىم، — مانا مۇشۇ مەھسۇلات، ئاۋۋال پوچتا ساندۇقىڭىزغا ئورنىتاي، كۆرۈپ بېقىڭ.

    ئەسۋاپنىڭ گېزىت ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئېلانلارنى بىر-بىرلەپ سۇغۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىغاچ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم:

         بۇ ئەسۋاپنى ئورناتقانلارنىڭ ھەممىسى بەكمۇ خۇرسەن بولۇشتى. چۈنكى بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى تېجەپ، تەپەككۇر قىلىشىمىزغا ۋاقىت چىقىرىپ بېرىدۇ.

         باھاسى قانچىكەن؟

    مەن باھاسىنى دەپ بەردىم.

               سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم-ھە، مەن قايتاي، — شۇنداق دېگەچ ئەسۋاپنى چىقىرۋالماقچى بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم.

         بولدى، بۇنى مەن سېتىۋالاي.

               بىراق بۇنداق قىلسام  مەن ئشىك ئالدىغا كېلىپ مال ساتقۇچى بولۇپ قالمامدىم؟ — مەن قوشۇمامنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنى تېخىمۇ تەققاززا قىلدىم.

               ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، قىلچە كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، سىز باشقىلارغا تەپەككۇر قىلىدىغان ۋاقىت چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز.

               ئۇنداقتا ئەسۋاپنى مۇقىملاشتۇرۇۋېتەي. تېجىۋالغان ۋاقتىڭىزدىن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىسىز. ھە راست، پۇلىنى ئۆزىڭىزگە قولايلىق چاغدا تۆلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىملىق مال سېتىش ئوڭۇشلۇق بولدى، مەن تەشەككۈر ساداسى ئىچىدە رازىمەنلىك بىلەن قايتتىم.

    كونا ئۇسۇلنى قايتا ئىشلىتىش

    بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، مەن ئىككىنچى قېتىم مال ساتقىلى ئۇ ئۆيگە يەنە باردىم.

               قانداقراق، ئەسۋاپ ياخشى ئىشلەۋاتقاندۇ؟

    ھېلىقى ئۆي ئىگىسى ئايال  چىرايلىرى گۈلدەك ئېچىلىپ ئالدىمغا چىقتى.

         بەك ياخشى، خېلى ئارام تېپىپ قالدىم، چوڭ ياردىمى بولدى.

         بىراق، قارىسام بۇرۇنقىدەكلا پەرىشان كۆرىنىسىز...

               ئۇنى بىر سېمەڭ، ھەممىسى بىزنىڭ ئېلان كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالدىمۇ قانداق، مال ساتقۇچىلار تولا كېلىۋالىدىغان بولدى،زادى ئامال قىلالمىدۇق.

     ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلدى. ئۇ مېنى مال ساتقۇچى دەپ قارىمىدى بولغاي، دەردىنى تۆكۈپلا كەتتى.

               چېكىدىن ئاشقانبۇ مال ساتقۇچىلارنى سىلەرگە بۇنداق يۇقىرى تەبىقىدىكى ئائىلىلەرنىڭ رەت قىلىشى ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ، بۇنى ئوبدان چۈشىنىمەن.

         بۇنىڭغا بىرەر ئامالىڭىز بارمۇ؟

               ئەلۋەتتە بار. بۈگۈن سىزنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىممۇ دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن. سىز ئىتنى ياقتۇرامسىز؟

         ئىت؟

               شىركىتىمىز مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئىت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ ئىتلار مال ساتقۇچىلارنى پەرق ئېتەلەيدۇ ھەمدە قاۋاپ ئۇلارنى ھەيدىۋېتىدۇ، باشقىلارغا بولسا قۇيرۇق شىپاڭلىتىپ يېقىنچىلىق قىلىدۇ.

         مۇشۇنداقمۇ ئىت بارما؟

    مەن دەرھال ھەر خىل ئىتلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلات تۈرلىرى جەدىۋىلىنى چىقاردىم.

               ياقتۇرىدىغىنىڭىزنى تاللىۋېلىڭ. مال ساتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ئۇنداق زېرىكىشلىك ئىشنى ئىتقا قويۇپ بېرىڭ. ئادەم دېگەن ئادەمدەك ياشىشى ، ئازادىلىك ئىچىدە تەپەككۇر قىلىشى كېرەكتە....

    شۇنداق قىلىپ، بىر يۈرۈش مەھسۇلاتنى بۇ ئائىلىگە سېتىپ بەردىم. بۇنىڭدىن تېگىشلىك شېرىنكانىگىمۇ ئېرىشتىم، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ نېمىلەرنى تەپەككۇر قىلىشىغا كەلسەك،  ئۇ ماڭا قاراڭغۇ ئىدى.

    كۈتۈلمىگەن بالا-قازا

    يېڭى بىر تۈرنى قانداق يولغا قويۇش توغرىسىدا ئويلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغۇرىقى سايراپ كەتتى. بىرەر دوستۇم كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈمگىمۇ مال ساتقۇچىلاردىن مۇداپىئەلىندىغان بىر يۈرۈش قۇرۇلما ئورمىتىلغانىدى. مەن خوشياقمىغان ھالدا ئاستا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ناتونۇش بىرەيلەن قولىدا بىر سومكىنى تۇتۇپ تۇراتتى.

         سىز كىم؟

               ئاڭلىسام سىز مال ساتقۇچى ئىكەنسىز، شۇڭا تەۋەككۇل قىلىپ ئالدىڭىزغا كېلىشىم. يېقىندىن بېرى مال سېتىش سېتىش رىقابىتى بەك كەسكىنلىشىپ كەتتى، سىزدەك مال سېتىش ماھىرىنىڭ ئوقتىمۇ ئىلگىرىكىدىن قىيىنلىشىپ كەتكەندۇ. ئەمما، مەن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ بىر يۈرۈش نەرسىنى ئىشلەتسىڭىز رىقابەتتە چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسىز، ئىشلىرىڭىز يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.

               ئوھۇي، مۇشۇنداق نەرسىمۇ بارمىكەن؟ ئەكىلىڭە كۆرۈپ باقاي.

     بۇنداق قىزىقتۇرۇش ھەرقانداق ئادەمنى جەلپ قىلاتتى.

               مال سېتىشنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئاجايىپ مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ئورنىتىۋالغانلىقى سەۋەب بولغان. مەندىكى بۇ نەرسە ئېلاننى شاللىۋېتىشتىن مۇداپىئە كۆرىدىغان مەخسۇس كونۋېرت ۋە ئىتنىڭ چىشلىۋېلىشىدىن ساقىلىنىدىغان بىھۇش دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولامدىكەن؟ بۇ نەرسە بولسىلا مال سېتىش چوقۇم مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىدۇ، ھېچقانداق قىيىنچىلىق تۇغۇلمايدۇ.

    ئىش چاتاق، كۈتۈلمىگەن بالا –قازا دېگەن شۇ ئەمەسمۇ، مېنىڭ روناق تېپىۋاتقان ئىشلىرىم تۈگەشتى دېگەن گەپتە. بىراق، بۇنى قايسى ئەبلەخ ئويلاپ تاپتىكىنە؟

               بۇنى مېنىڭ خانىمىم ئويلاپ تاپقان. يېقىندىن بېرى ئۇ بىكار بوپ قالغانىدى، شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ تەپەككۇر قىلىدىغان بولدى، ئاخىر بۇ قالتىس كەشپىياتنى ئويلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ بۇ ئۇنى سېتىشقا ئاتلاندىم. بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان مال ساتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بەك رازى بولۇشتى، مەنمۇ پايدا ئالدىم. بۇ قالتىس خۇشاللىنارلىق ئىشتە...

     

    «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    «دۇنيا ئەدەبىياتى» 2009-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ئۇلىنىش قىلشاق قانداق؟
    ئارغۇ回复ھونزادە 说:
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا، ئۇلىنىش قىلساق ئەلۋەتتە بولىدۇ.
    2010-12-07 18:20:52
  • سالام سىزگە، تور ئېچىلغاندىن كېيىن بىلوگىڭىزغا كىردىم، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.چ چ
    1224648126
    ئارغۇ回复رەيھانئاي بلوگى说:
    مەرھابا، خش كەپسىز، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. چ چ 278953613
    2010-05-18 17:39:19