• 2009-07-04

    ئەرلەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41864499.html

    ئەرلەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن

    1.      بېيجىڭلىق ئەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن. تالاغا قارىغۇچىنىڭ ئايالى شەخسىي رازۋېت قىلىش ئورنىغا بېرىپ 2000يۈەن پۇل بېرىدۇ-دە،ئېرىنىڭ تالاغا قارىغان قىلمىشلىرىنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرىنى توپلىتىدۇ.بىر ھەپتىدىن كېيىن ئەر سوت مەھكىمىسى ئەۋەتكەن ئايالىنىڭ نىكادىن ئاجرىشىش توغرىسىدىكى چاقىرىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئەر سوت تەرىپىدىن خاتالىق سادىر قىلغۇچى تەرەپ دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بارلىق ئۆي-مۈلۈك ئايالىغا ھۆكۈم قىلىپ بېرىلىدۇ.

    2.     شاڭخەيلىك ئەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن. تالاغا قارىغۇچىنىڭ ئايالى بىر سەتىراچخانىغا بېرىپ چاچلىرىنى ياسىتىپ ھۆسۈن تۈزىتىپ، راسا جەزبىدار ئىچ كىيىمدىن بىر قۇر سېتىۋېلىپ ئۆيگە كېلىپ تازا ئوخشىتىپ تاماق تەييارلاپ لاتاپەت بىلەن ئېرىنى ساقلايدۇ. ئېرى ئۆيگە كېلىپ ئايالىنىڭ مۇنچە گۈزەل بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ شۇنچە گۈزەل ئايالىغا دىققەت قىلماي يۈرگەنلىكىدىن ئۆكۈنۈپ ئايالىدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ.

    3.     گۇاڭدۇڭلۇق ئەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن. تالاغا قارىغۇچىنىڭ ئايالى تازا چىرايلىق ياسىنىپ ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىگە تېلېفون قىلىدۇ: ۋەي، مەن ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۈگۈن كەچ بەك زېرىكىپ كەتتىم ھەمراھ بولالارسىزمۇ؟ ...... شۇنىڭ بىلەن ئېرى تالادا ئۆزىنى خوش قىلسا ئايالمۇ ئۆيىدە تاماشاسىنى قىلىۋېرىدۇ، ھېچ قايسىسى بىربىرىگە دەخلى قىلىشماي مۇشۇنداق ئۆتۈشىۋېرىدۇ.

    4.     سىچۈەنلىك ئەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن. تالا قارىغۇچىنىڭ ئايالى ئۆينى پاك-پاكىز تازىلاپ ئېرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى رەتلىك قاتلاپ، ئۈستىگە: دورىڭىزنى ۋاقتىدا ئىچىشنى ئۇنۇتماڭ، دېگە خەت يېزىلغان باغاقچىنى قالدۇرىدۇ، ھەمدە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىدۇ. ئەر قايتىپ كېلىپ ۋىجدانى ئازاپلىنىپ ،دەرھال قېيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئايالىغا يالۋۇرۇپ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

    5.     خۇنەنلىك ئەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن. تالاغا قارىغۇچىنىڭ ئايالى ئۆيدىكى ئىككى قىڭراقنى بىلەپ پارقىرىتىپ ئالدى كەينىگە بىردىن قىستۇرۇپ ئەرنى ئىزدەپ چىقىدۇ. كۆڭلىدە: بۈگۈن سەن بىلەن يا ئۆلۈم يا كۆرۈم، دەپ ئويلايدۇ. ئاخىرى ئەر يۇۋۋاشلىق بىلەن ئايالىنىڭ كەينىدىن ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ.

    6.     سەنشىلىك ئەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن. تالاغا قارىغۇچىنىڭ ئايالى يېڭىنى شىمايلاپ ئاشخانىغا كىرىدۇ، ئادەتتە يۈز گىرام سۇيۇقئاش، بىر قازان نېنى يەيدىغان ئادەم بۇ كۈنى بىر جىڭ سۇيۇقئاش، ئون قازان نېنى پىشۇرۇپ ھەممىنى يېۋىتىدۇ، ھەمدە تومپايغان قورسىقىنى سىلىغىنىچە كارىۋاتتا يېتىپ: ئاھ خۇدا ئەمدى قانداق ياشىغۇلۇق، بۇ ماڭا نېمە كۈن... دەپ  يىغلايدۇ.

    7.     شەرقى شىماللىق ئەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن. ئايال يىغلىغان پېتى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھەممە ئىشنى ئۇجۇرى-بۇجۇرىگىچە ئىنىسىغا ئېيتىدۇ، ئىنىسى نەۋرە ئاكا-ئىنىلىرىنى چاقرىپ قوللىرىغا چوماق ئېلىشىپ ئەر ئۆيگە قايتىدىغان يولدا ساقلىشىدۇ..... ئاخىرى قاش-قاپاقلىرى يېرىلىپ ساق يېرى قالمىغان ئەر ئايالىدىن ئاجرىشىش توغرىسىدا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدۇ.

    8.     شەندۇڭلۇق ئەر تالاغا قارىغاندىن كېيىن. تالاغا قارىغۇچىنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئىدارىسىغا بېرىپ غەۋغا قىلىدۇ، ھەمدە ئېرى بىلەن بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان ھېلىقى چىرايلىق تۈلكىجىننىڭ ئېرى بىلەن قىلىشقان ناشايان ئىشلىرىنى خالايىق ئالدىدا ئاشكارىلايدۇ، ئىدارە رەھبەرلىكى چوقۇم چارە كۆرىمىز دەيدۇ. كېيىن ئەر ئايالىدىن ئاجرىشىدۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ھېلىقى چىرايلىق قىز بىلەن توي قىلىدۇ.

    9.      مەن تالاغا قارىغاندىن كېيىن. ئايالىم نوپۇس دەپتىرى، ئۆي-مۈلۈك كېنىشكىسى، ئامانەت كېنىشكىسى قاتارلىقلارنى تىقىپ قويۇپتۇ، ھەمدە مېنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي مەنبىيىمنى قامال قىلغاندىن كېيىن كۆرەڭلىگىنىچە ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ئەمدى ئاۋۇ تۈلكىجىننى نېمەڭ بىلەن باقىسەنكىن....... مەنمۇ سېنىڭدىن ئاجراشمايمەن، سەن بىلەن قېرىشقىنىم قېرىشقان!

     

    "پاراڭخانا" ژۇرنىلى 2006-يىللىق 9-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • مىنىڭچە مەيلى ئەر بولسۇن ، مەيلى خوتۇن بولسۇن، ئائىلىسىنى بەخىتلىك دەپ قارىسا تالاغا قارىماسلىقى لازىم. ئەر-ئايالنىڭ تالاغا قارىشىمۇ بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزغا مۇخالىپ ئىش. تالارغا قارىغۇچى ئۆز جۆرىسىنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىغا چىدىيالىسىلا، شۇنداق قىلسا بولىدۇ.