-
2009-06-25
ئېھتىيات - [فېليەتون]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41489828.html
ئېھتىيات
(فېليەتون)
يى مىڭ
كۆكتات سېتىۋالغاندا
مەن: مەندە پۇرژۇنلۇق تارازا بار، كۆكتات كەم بولۇپ قالمىسۇن.
كۆكتات ساتقۇچى: مەندە پۇل تەكشۈرگۈچ بار، ساختا پۇل بېرىمەن دەپ ئويلىماڭ.
قۇلۇپ ئاچقاندا
قۇلۇپ ئاچقۇچىغا مۇنداق دېدىم: قۇلۇپ ئېچىش گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭ، ئوغرىنى ئۆيگە باشلىماي يەنە.
قۇلۇپ ئاچقۇچى: نوپۇسىڭىزنى كۆرسىتىڭ، ئشىكنى خاتا ئېچىپ قېلىپ ساقچىغا كىرىپ قالماي يەنە.
ئىمتىھان مەيدانىدا
ئوقۇغۇچى: بىزدە يانفون بار، تېخنىكىمىز ئۈستۈن، نازارەتچىدىن قورقۇپ قالمايمىز.
نازارەتچى: بىزدە ئېلېكتىرونلۇق كامېرا بار، تېلېفون سىگنالى توسۇۋېتىلگەن، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلالمايسىز.
دوختۇرخانىدا
بىمار تۇققانلىرىغا: دوختۇرنىڭ پېيىدە بولۇڭ، قىممەت دورىلارنى يېزىپ قويىدۇ.
دوختۇر سىستېراغا: بىمارغا چىڭ كۆزقۇلاق بولۇڭ، داۋالىنىش پۇلىنى بەرمەي قېچىپ كەتمىسۇن.
تاللا بازىرىدا
خېىردار: ئوبدان قاراڭ قولۇمدا ھېچنېمە يوق.
تاللا بازىرى: ئېھتىيات قىلىڭ، بىزدە كامېرا بار، ھۇشۇڭىزنى تېپىپ يۈرۈڭ.
خىزمەت ئىزدەش
خىزمەت ئىزدىگۈچى: بۇ ئىدارىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تەمىناتى يالغان ئەمەستۇ؟
ئادەم ئالغۇچى ئورۇن: يېشىڭىز ۋە دىپلومىڭىز ساختا ئەمەستۇ؟
گۈزەل تاللاش
گۈزەللەر: سىلەرنىڭ توختامىڭلار ھەم ۋەدەڭلار يالغان ئەمەستۇ؟
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: سىز سۈنئىي گۈزەل ئەمەسسىز؟ سۈنئىي ئەمەسلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتىنى چىقىرىڭ.
«فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2008-يىل 2-ئاي(ئالدىنقى 10كۈنلۈك) لىق سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
历史上的今天:
قىزىق ئەمەلدالار 2009-06-25مەن دېھقانمۇ؟ 2009-06-25ﭘﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ 2009-06-25ۋاڭ ۋېي بىلەن خوشلىشىش 2009-06-25
收藏到:Del.icio.us
نەقىل مەنزىلى: