• 2009-06-08

    سەھنىدىكىلەر ۋە تۆۋەندىكىلەر - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40672950.html

    سەھنىدىكىلەر ۋە تۆۋەندىكىلەر
    (فېليەتون)
    شىسەن خۇاشىڭ
    سەھنىدىكىلەر سۆزلەۋاتىدۇ، تۆۋەندىكىلەر ئاڭلاۋاتىدۇ(سۆزلەۋاتىدۇ).
    سەھنىدىكىلەر توختىماي سۆزلەيدۇ، تۆۋەندىكىلەر جىملا ئولتۇرىدۇ.
    سەھنىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە قارايدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرىدۇ. تۆۋەندىكىلەر سەھنىدىكىلەرگە قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى كۆرىدۇ.
    سەھنىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق سۆزلەش ھوقۇقى بولىدۇ، تۆۋەندىكىلەرنىڭ مۇتلەق ئاڭلاش ھوقۇقىلا بولىدۇ.
    سەھنىدىكىلەرنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش پۇرسىتى بولىدۇ، تۆۋەندىكىلەر سەھنىدىكىلەردىن جىق كۆپ بولسىمۇ ئۇلار پەقەت ئاڭلىغۇچى، كۆرگۈچىلا بولالايدۇ.
    سەھنە ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ ئۇ ئادەملەرنى تەبىئىي ھالدا ئىككىگە ئايرىۋەتكەن، گەرچە ئارىلىق شۇنچە يېقىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا چىقماق بەسى مۈشكۈل. مانا بۇ ئانچە ئېگىز بولمىغان سەھنە ئەمەلىيەتتە «ئىمتىياز» دىن ئىبارەتتۇر. سەھنە بىلەن تۆۋەننىڭ ئارىلىقى شۇنچە يېقىن بولغىنى بىلەن ئۇ گويا باشقا-باشقا ئىككى دۇنيا، سەھنىدىكىلەر ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقىلا ئۇرۇنىدۇ، تۆۋەندىكىلەر سەھنىگە چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ. دېمەك، ھەر ئىككىلا تەرەپ توختاۋسىز پائالىيەتتە، گەپ كىمنىڭ «ئىقتىدار»ىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدا.

    «جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: