
نۇرغۇن ئاياللار كۆكسىنىڭ پات-پات چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تېببىي ئالىملار ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاياللاردىكى كۆكسى چىڭقىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
1. ياشلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: بۇ خىل ھالەت ئادەتتە توققۇز ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىزلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ.
2. ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: نۇرغۇن خانىم–قىزلار ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تولۇپ، قاتتىقلىشىپ قالغانلىقىنى، بېسىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ كۆكسى سىلكىنگەندە ياكى بىرەر نەرسىگە تەگكەندە بىئارام بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى ئانىلىق ھورمۇن ۋە سۈت بېزى تۈرلۈك ئاجرالمىلارنى ئاجرىتىپ چىقارغاچقا، بۇ خىل ئاجرالمىلار كۆكسىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا سۇلۇق ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ھەيز كېلىپ بولغاندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ.
3. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ 40 كۈنلەر بولغاندا، بالا ھەمراھى كۆپ مىقداردا ئاياللىق ھورمۇن، پىروگسىتىن، پىرولەكتىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سۈت بېزىنى چوڭايتىپ، كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولغاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە داۋام قىلىدۇ. لېكىن بۇنى داۋالاش ھاجەتسىز.
4. تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كۆكسى چىڭقىلىپ، كۆبجۈپ، ئەمچەك تۈگمىسى قاتتىقلىشىپ ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل چىڭقىلىشنى لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ يىغىلىشى، ۋېنا تومۇرىنىڭ تولىشى ۋە ئارىلىقتىكى سۇلۇق ئىششىق سەۋەبىدىن سۈت بېزى راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. بالا ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: بۇنىڭدا ھامىلىدارلىق تۇيۇقسىز ئاياغلاشقاچقا، بەدەندىكى ھورمۇن تۆۋەنلەپ، ئەمدىلا تەرەققىي قىلغان كۆكرەك يوغىناشتىن توختىغاچقا كۆكرەكتىكى سۈت بېزى پارچىلىرى ھەم كۆكرەك ئاغرىيدۇ.
6. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئاياللارنىڭ كۆكسى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، جىنسىي ھەۋىسى ئاجىز ياكى جىنسىي تۇرمۇشتا كېلىشەلمىگەنلەرنىڭ كۆكسىگە قان تولۇپ، ئاسانلىقچە يانماي ياكى تولۇق يانماي ئىزچىل قان تولۇش ھالىتىدە تۇرغاچقا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاياللارنىڭ يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللاردا كۆرۈلگەن ئاغرىقلار ئۈچۈن غەم يەپ كېتىشى ھاجەتسىز. لېكىن كۆكسى ئۇزۇن مۇددەت چىڭقىلىپ يانمىسا ياكى كۆكرەكنى تۇتقاندا ئېگىز-پەسلىك بايقالسا، قىرى ئېنىق بىلىنمىسە، ھەرىكەتلەنمەيدىغان مونەكچە بايقالسا دەرھال دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدىغان بولغاچقا بۇنى كىچىك ئىش دەپ قاراپ دوختۇرغا بارمايدۇ. لېكىن بۇ بىر خىل خاتا قاراش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن، كېلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارغاندا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىسا، ئىچ كىيىم تەگسە بىئارام بولسا بۇ كېسەللىكنىڭ بېشارىتىدۇر. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تۇغماسلىق ۋە سۈت بېزى ئۆسمىسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ھەيزدىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ كۆكسى كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر مەلۇم باسقۇچتا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ياكى تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىسا، قالايمىقانچىلىق يۈز بەرسە، ھەيزنىڭ كېلىشىگە ياكى ئاياللارنىڭ كۆكسىگە تەسىر قىلىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسا، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشتۇر. ئەگەر تېگىشلىك داۋالاش ياكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ھەيزدىن بۇرۇن باش ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، يېنىك دەرىجىدىكى ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر ھەيزدىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقىسىمۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ. بۇ مېدىتسىنادا ھەيزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىشىش يىغىندا كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئۇزارغانسېرى سۈت بېزى ئاغرىقى، سۈت بېزى ئۆسمىسى، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز ۋاقتى قالايمىقانلىشىش، ھەيز توختاش ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگۇ تېبابىتىدە، ھەيزدىن ئىلگىرى كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقى، قان قېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئادەتتە:
1. سەپرا تۈگۈلىۋېلىش: بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ كەيپىياتى نورمالسىز، تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولۇپ، كۆكسى چىڭقىلىپ، تۇتسا ئاغرىغاندىن باشقا، ئىچى تىتىلداش، پەي-ئۇستىخانلىرى ئاغرىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كۆڭلى ئاينىش، بىلىنىڭ ئاستى ئىككى تەرىپى ئاغرىش، ھەيزدە قارا رەڭلىك قان ئۇيۇتمىسى كېلىش، جىنسىي تۇرمۇشى تەرتىپسىزلىنىش، يۈزىگە قارا داغ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كېلىدۇ. جىگەر ۋە ئاشقازاننى داۋالىغاندا، لىندېرا دەرىخىنىڭ يىلتىزى (乌药)، كۈركۈم گۈلى (郁金)، بەرغەمۇت (佛手)، ئاق چۇغلۇق (白芍)، خام ئاپېلسىن پوستى (青皮)، بايناق (白术)، ئارپا ئۈندۈرمىسى (麦芽)، ئېرەن دەرىخىنىڭ مېۋىسى (路路通) قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
2. سەپرا خاراكتېرلىك تالدىكى ھۆللۈك ئېشىپ كېتىش: دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى− ھەيز ئالدىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، تۇتقاندا بەك ئاغرىش، دوۋسۇن ئېسىلىپ ئاغرىش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش، ئادەتتىمۇ ئاق خۇن كۆپ بولۇش، ھەيزنىڭ مىقدارى كۆپ، رەڭگى سۇس كېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار: پالما مەرىزى (茯苓)، بايناق(白术)، كوئىكس ئوتى (苡仁)، دورىلىق ماگنولىيە(厚朴)، سىچۇەن ئازادى دەرىخى ئۇرۇقى(川楝子)، ئالبىزىيە قاسرىقى (合欢皮)قاتارلىقلار.
3. جىگەر-بۆرەك مەنپىي ئاجىزلىقى: بۇ خىلدىكى ئاياللاردا، ھەيزدىن ئاۋۋال كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشتىن سىرت يەنە قىزىش، قېنىپ ئۇخلىيالماسلىق، بېشى قېيىپ، كۆزى تورلىشىش، پۇت-قولى قىزىش، كالپۇكى قۇرۇش، تىلى يېرىلىش، سەمرىمەسلىك، بىلى ئېچىشىپ ئاغرىش، تىزى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنى داۋالاش ئۈچۈن، ئاۋۋال بۆرەك بىلەن جىگەرنى ئاسراش كېرەك. ئىشلىتىدىغان دورىلاردىن: شىقىلداق(沙参)، مۇۋەببەلسىپىت(麦冬)، سىچۇەن ئازادى دەرىخى ئۇرۇقى(川楝子)، قىياق(香附)، ئاق چوغلۇق گۈلى(白芍)، چۆل يالپۇزى(丹参)، جۈزنەك(泽兰) قاتارلىقلار. بۇ خىل كېسەللىكلەرگە ھەيز كېلىشتىن ئاۋۋال كۆكسى چىڭقىلىش باشلانغاندىن بۇرۇن، تاكى كۆكسى چىڭقىلىش تۈگىگەنگە قەدەر دورا يېيىش كېرەك.
مۇشۇنداق ئۈچ ھەيز دەۋرى دورا يېگەندە، كۆكسى چىڭقىلىش ئالامەتلىرى يوقايدۇ. بۇ ئالامەتلەرگە دورا يېيىشتىن سىرت يەنە، خۇشال-خۇرام، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، ئاچچىقلىنىش ۋە ئىچى سىقىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچەيتىش، ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىدا تۇزلۇق ۋە ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش ياكى قىلماسلىق كېرەك. ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، مايلىق يېمەكلىكلەرگە چەك قويۇپ، ئاددىي ئوزۇقلىنىش، مېۋە-چېۋە ۋە يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. ھەيز مەزگىلىدە كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىغان خانىم-قىزلار مايسىزراق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، دورىلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : كىلىماكتىرىيە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى
- كېيىنكىسى : قىزلارغا توخۇ يۈرىكى پايدىلىق
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئىككىقات مەزگىلىدە فولىن تولۇقلىشى زۆرۈر؟ فولىن كىسلاتاسى(يوپۇرماق كىسلاتاسى 叶酸) بىر خىل سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن بولۇپ، ئاقسىل ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئۇ قىزىل قان ئاقسىلى، قىزىل قان ھ
فىرانسىيە ئاياللىرىنىڭ 30 دىن ئاشقاندا قانداق كىيىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشنىپ كىيىشنى ياقتۇرىدىغان ئۇسلۇبمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. گەرچە قانداق كىيىمنى ياقتۇرسا شۇنى كى
ئاياللارنى تېز قېرىتىۋېتىدىغان ئادەتلەر ئاچچىقلانغاندا ئۇخلاش.غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاچچىقلانغاندا يۈرەك سوقۇشى، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتك
خانىم-قىزلار دىققەت! يازدا بۇ يېمەكلىكلەر تېرىڭىزنى ئاسانلا قارىدىتىۋېتىدۇ كونىلار ئاقلىق كۆرۈمسىزلىكنى يېپىپ كېتىدۇ دەپ ئېيتقان، مەيلى كىم بولسۇن تېرىسىنىڭ ئاپئاق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. قەدىمىي جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق دەپ ئېيتىلغان: ئەگە
خانىم-قىزلارنىڭ يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى يوقىتىدىغان 10 خىل يېمەكلىك يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرنىڭ يوغىناپ كېتىشىنى تەر مايلىرىنىڭ كۆپلەپ ئاجىرلىپ
