قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن بولغان پالەچ كېسەللىكى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن بولغان پالەچ كېسەللىكى داۋالاپ ساقايتىش ئەڭ قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىكى كېسەللىك ئاسارىتى ئىككى مەنبەدە. بىرى، مېڭىدە مەلۇم بىر تومۇر يېرىلغان ياكى كېڭەيگەن بولۇپ، ئۇ يەردە قېتىشقان، ئەتراپى ماي بىلەن قورشالغان قان نوكچىسى بار. شۇ سەۋەبلىك بەدەننىڭ مەلۇم بىر يېنى پالەچلىنىدۇ. يەنە بىرى، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇپ، يەنە ئۆرلىسە مېڭە قان تومۇرىدىكى يېرىلىشىنى كېڭەيتىپ، ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا ئىككىلا ئاسارەتنى نەزەردىن ساقىت قىلماي تۇرۇپ، بۇنىڭ داۋالاش تەرتىپى، دورىسىنى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىش كېرەك:
(1) ئاۋۋال ھەببە شەبياردا ئون كۈن داۋالاپ كۆرۈش كېرەك.
ھەببە شەبيارنىڭ تەركىبى:
مەھمۈد 3 گرام، ئەپتىمۇن 4 گرام، غارىقۇن 4 گرام، تۇربۇت 4 گرام، ئۇستىقۇددۇس، سەۋرە 25 گرامدىن، كابۇل ھېلىلىسى ئېتى 4 گرام، ئىپار 1 كىلوگرام.
ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: يۇقىرىقى دورىلارنى ئۇزۇنچاق ھاۋانچىدا يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بەدىياننىڭ پار سۈيىدە كېچىك گۈلىدەك ( 5 گرام چامىسىدا) كومىلاچ ياساپ، ئەتىگەن-كەچتە بىر كومىلاچتىن يېگۈزۈش، ئىچى بەك سۈرۈپ كەتسە، كۈن ئارىلاپ ياكى كۈندە بىر كومىلاچتىن يېگۈزۈش لازىم. بۇنىڭدا ئىچىنى سۈرگۈزۈش بەك مۇھىم.
(2) يۇقىرىقى داۋالاشتا ئون كۈنگىچىمۇ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، ئوڭ يان يارتا پالەچنىڭ ئۆتكۈر سۈرگۈچى دورىسى ھەببە پالەچ كۇمىلىچىنى ياساپ يېگۈزۈش كېرەك.
ھەببە پالەچنىڭ تەركىبى: تۇربۇت، سەۋرە 18 گرامدىن؛ شەھمى ھەنزەل، ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى 13 گرامدىن؛ سۆرۈنجان 9 گرام، شەترەنجى ھىندى، پىلپىل، جاۋۇشىر، قۇندۇز قەرى، پەرپىيۇن، سەكبىنەچ، مۇقەل 6 گرامدىن؛ ئىگىر، ئاقىرقەرھا، بوزىدان، ئەمەن ئۇرۇقى 5 گرامدىن؛ ئىپار 2 گرام، يالپۇز 10 گرام.
ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى؛ يۇقىرىقى ھەر بىر يەككە دورىنى تۈجۈپىلەپ ئىلغاپ، مۇقەل بىلەن سەكبىنەچ، ئىپاردىن باشقا دورىلارنى ئۇششاق تالقانلاپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇقەل بىلەن سەكبىنەچنى كۈدە سۈيىدە ئېرىتىپ، ئىپارنى مۆلچەرلەنگەن ھەسەل جەۋھىرىدە ئېرىتىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، پاراشوكلانغان دورا ئارىلاشمىسىنى ھەسەل جەۋھىرى بىلەن مەجۈن قىلىپ، ئاغرىققا ھەر تۆت كۈندە 5 گرامدىن 7 گرامغىچە يېگۈزۈپ ئۈچ كۈن توختىتىش، ئىچى سۈرۈلمىسە سۈرۈلگىچە ئاز-ئازدىن كۆپەيتىپ يېگۈزۈش، قالغان كۈنلەردە ئىزچىل تەڭ نىسبەتتىكى چىگە گۈلى، ئەپتىمۇن، ئۇچقۇرپاقا، قوناق ساقىلى پاراشوكلىرىنى كۈندە 10 گرامغىچە چايغا دەپلەپ ئىچۈرۈش كېرەك. سىماب ئاساسىدىكى دورىلىق توخۇ يېمى بىلەن 12 دانە توخۇ بېقىپ (3~4 توخۇ ئۆلۈپمۇ قالىدۇ)، 25 كۈندىن ئاشقازاندا ھەر ئۈچ كۈندە زاراڭزا يارمىسى بىلەن بىر توخۇنى 3 قېتىمدا پىشۇرۇپ يېگۈزۈش، مىجەزى پەسلەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شورپىسىنى ئىچكۈزمەسلىك لازىم. ATP، ۋىتامىن B1، B2، B6 تابلېتلىرىنى كۈندە 3 قېتىم ئىككى تالدىن يېگۈزۈش كېرەك.
(3) سېرىق سۆگەتنىڭ يىلتىزىنى ئۇزاق قاينىتىپ، سۈيى سوۋۇغاندىن كېيىن، پالەچلەنگەن ئەزالارنى شۇ سۇدا 2~3 سائەت تۇرغۇزۇش ياكى لۆڭگىنى ھۆللەپ ئوراش، ئارقىدىن زەيتۇن يېغى بىلەن ياغلاش كېرەك.
پەرھىز قىلىدىغان نەرسىلەر: گۈرۈچ، ئات، كالا، قوتاز، تۆگە، بېلىق گۆشلىرى، سېمىز گۆش، قورۇلغان، ئىسلانغان، تۇزلۇق تاماقلار، زاغۇن، زىغىر يېغى، سۈت، قېتىق، لازا، سامساق، جاڭدۇ، جياڭيۇ، ياڭيۇ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار.
يەيدىغان نەرسىلەر: زاراڭزا يېغى، ئاق ئۇن، ياغسىز ئۇرۇق قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، بەسەي، چىڭسەي، تۇرۇپ قاتارلىقلار. مۇشۇ ئاساستا داۋالىنىش، تاماقلىنىش ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش لازىم.

 

  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر