جىگەر كېسىلى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر داۋالىنىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھازىر بىر قىسىم كىشىلەردە جىگەر ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر جىگەر قېتىش ياكى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش باسقۇچىغا بارمىغان بولسا، داۋالىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايدىغان خاتا قاراش مەۋجۇت. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاغا ئاساسلانغاندا، جىگەر قېتىش كېسىلى ياكى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ %70تىن كۆپرەكى جىگەر كېسىلى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ئىكەن. شۇڭا، بۇنداق كىشىلەر جىگەر قېتىش كېسىلى ياكى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەككەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىگەر كېسىلى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئالىمجاننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: جىگەر كېسىلى ئىنتايىن ئاسان يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 120 مىليون كىشىدىن ئاشىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 30 مىليون كىشى ئاستا خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى %25 تىن %45 كىچە بولغان كىشىنىڭ كېسىلى تەرەققىي قىلىپ جىگەر قېتىش كېسىلى ياكى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بار. كۆپ قىسىم جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا كېسەل قوزغىلىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. كېسەل قوزغالغاندا داۋالاش تەسكە توختايدۇ. جىگەر كېسىلى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ كېسەل ۋىرۇسى كۆپىنچە ئەھۋالدا جىگەر ھۈجەيرە يادروسىدا بولىدۇ. ئىلگىرى بۇ خىل كېسەلنى دورا بىلەنلا داۋالاتتۇق، دورا قاندىكى كېسەل ۋىرۇسىغا تەسىر قىلغان بىلەن ھۈجەيرە يادروسىدىكى ۋىرۇسقا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاغرىقلار ‹‹داۋالانسىمۇ بىكار، شۇڭا داۋالىنىش ھاجەتسىز›› دېگەن خاتا قاراشقا كېلىپ قالغان. جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بۇ خىل خاتا قاراشتىن قۇتۇلۇپ، تەكشۈرتۈش ئارقىلىق كېسەل ئەھۋالىنىڭ يۇقۇملۇق – يۇقۇمسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە داۋالىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئاغرىقلار جىگەر كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش توغرىسىدىكى ساختا ئېلانلارغا ئىشەنمەسلىكى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ توغرا دىياگنوز قويدۇرۇپ داۋالىنىشى، مۇمكىن بولسا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى لازىم.
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر