ئەكرەمجان، 25 ياش، ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرام، يېقىندا ئىككىنچى تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان؛ ئىلزات، 9 ياش، 51 كىلوگىرام، ئېغىرلىقى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن 1 ھەسسە ئېغىر، ئادەتتە مايدا قاقلاپ پىشۇرۇلغان توخۇ پاچىقى، بەرەڭگە قەلەمچىسى يېيىشكە ئامراق، يېقىندا ئىككىنچى تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان...

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى، 2010-يىلى ئىشلەنگەن بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئوتتۇرىچە نىسبىتى %11.6 بولۇپ، تەخمىنەن 100 مىليوندىن ئارتۇقراق دىيابېت بىمارى بار ئىكەن. ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ سان ۋە نىسبەتلەرنىڭ داۋاملىق ئاشقىنى ئېنىق. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئېلىمىز دىيابېت چوڭ دۆلىتى، كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يىلسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ، كېسەللەنگۈچىلەرنىڭ يېشى بارغانسېرى ياشلىشىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، جۇڭگو بويىچە دىيابېتنىڭ ئەڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان مىللەت دەل ئۇيغۇر مىللىتى دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
شىنجاڭنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى قىسمەن جايلاردا ئىشلەنگەن تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كىشىلەرنىڭ دىيابېت بىلەن كېسەللىنىش نىسبىتى %14.75 گە، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ دىيابېت بىلەن كېسەللىنىش نىسبىتى %14 گە يەتكەن. گەرچە بۇ سانلىق مەلۇماتلار بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ، ئەمما، قەشقەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەڭرىتاغ رايونىغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىيابېت بىلەن كېسەللىنىش نىسبىتىنىڭ مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
ئەلداۋا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇھىت ئامىلى تەڭ ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوڭايلا دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشى، زور دەرىجىدە ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ خېمىر تاماقلار، پولۇ ۋە گۆش تۈرىدىكى ئېنېرگىيەسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشى، يەنە بىر قىسىملارنىڭ ھاراق-تاماكىغا ئامراق بولۇشى سەۋەبىدىن سېمىزلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتمەكتە. ھالبۇكى، سېمىزلىكنىڭ ئۆزى دەل دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلغۇچى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالاقىدار تەتقىقاتلاردىمۇ، گۆش، خېمىر تاماقلارنى كۆپ، سەي-كۆكتاتلارنى ئاز يېيىشتەك ئىستېمال ئادىتى تۈپەيلىدىن شىنجاڭدىكى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ناچار بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە.
ئەلداۋا مۇھەررىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن ئۇقۇشىچە، ھازىر 20 ياش ئۆپچۆرىسىدىلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىۋاتقان ياشلارمۇ خېلى كۆپ، ھەتتا بالىلارنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋېتىپتۇ. بۇ خىل ئېچىنارلىق ئەھۋال ئىرسىيەت ئامىلىدىن باشقا، يەنە ياشلار، بالىلاردىكى مايدا قاقلاپ پىشۇرۇلغان غەربچە تېز تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە تۈرلۈك ئىچىملىكلەرگە ھېرىسمەن بولۇشقا ئوخشاش ناچار بولغان ئىستېمال ئادىتى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
نۆۋەتتە، دىيابېت كېسەللىكىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۆلچەملىك داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش ئارقىلىق كونترول قىلىشقا بولىدۇ. بۇ كېسەللىك ئەگەر ياخشى كونترول قىلىنمىسا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، كۆزى كۆرمەسلىك، مېڭە سەكتىسى، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش ۋە پۇت قىسمى سېسىپ كېتىشكە ئوخشاش تۈرلۈك جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا بىمارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. ئەلداۋا شۇنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، جەمەتىدە دىيابېت بىمارى بارلار، سېمىزلەر، يېشى 40 تىن ئاشقانلار، قان بېسىمى يۇقىرى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولغۇچىلار ھەر يىلى جەزمەن سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ، مەخسۇس ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكى بۆلۈملىرىگە كۆرۈنۈپ، دىيابېت كېسەللىكىدىن بالدۇر مۇداپىئەلىنىش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنىڭ پەرۋىشى ۋە كۈتۈنۈشى
- كېيىنكىسى : ئەرلەر سۈيدۈك ياللۇغىنىڭ 8تۈرلۈك سەۋەبى
ئاشقازان ياللۇغىغا قانداق دىياگنوز قويۇلىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ۋە كىلىنىكىلىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇش تەس ئەمەس. ئاستا خاراكتېرلىك
جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنى ئاسان داۋالىغىلى بولىدۇ، بەزىلىرىنى ئاسانلىقچە داۋالىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە با
جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ئەلداۋادىىن تېببىي ساۋات : جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش ئورگىنى بولغاچقا، جىگەر زەخىملەنگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدا ئاسانلا توسالغۇلۇق پەيدا بولى
تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تېببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىچىدە ئىرسىيەت ئامىلى %15 نى، ئىجتىمائىي ئامىل %10
بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ تۈزلىنىش سەۋەبى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسى ئالدىغا يايسىمان تومپىيىپ چىقىدۇ. ئەمما، بەزى ئەھۋاللاردا بويۇن ئومۇرتقىسى
