مۇھەررىردىن: باشقا پەسىللەرگە قارىغاندا، نەم ۋە تىنچىق ياز كۈنلىرىدە، سۈيدۈك يولى ساقلىقى تېخىمۇ كۆپ خىرىسلارغا ئۇچرايدۇ، قانداق قىلغاندا سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئائىت بىلىملەر كۆپچىلىكنىڭ چوقۇم بىلىشىگە تىگىشلىك زۆرۈر بىلىملەردۇر. بۇ سانىمىزدا، ئامېرىكا ياخۇ ساغلاملىق تورىنىڭ تېببىي مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكا ئائىلە تىببىي ئىلىم جەمئىيىتىدىن (كىرستى.لېئون)، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان 9 خىل نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
كۈندە 6~8 ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك
سۇ ھاياتلىقىنىڭ مەنبەسى، ئۇ ئادەم تېنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشتا (مېتابولىزم) كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. ئىنسان سۇنى ئاساسەن ئېغىز ئارقىلىق قوبۇل قىلغىنى بىلەن، لېكىن سۇنى سەرپ قىلىش يولى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. نەپەس ئېلىش، تەرلەش، سۈيدۈك چىقىرىش قاتارلىق ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسى تەندىكى سۇنى خورىتىدۇ. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرىگە كەلگەندە، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئېچىلىشى سەۋەبىدىن، سۇنىڭ تېرە ئارقىلىق سەرپ بولىشى باشقا پەسىللەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ھەم كۆپ بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش قېتىم سانى ۋە سۈيدۈك مىقدارى ئازلاپ، سۈيدۈكنىڭ دوۋساقتا ئۇزاق مەزگىل يىغىلىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىگە شاراھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ يوقىرىلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاۋا ئىسسىق بولۇپ تەرنىڭ چىقىشى كۆپ بولغاندا، سۇنىڭ يېتەرلىك ھالدا ئىستېمال قىلىنىپ تۇرۇشىغا كاپالەت قىلىش ئارقىلىق سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

كىشىلەر ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان سۇ بىلەن چىقىرىپ تاشلايدىغان سۇ ئاساسەن ئوخشاش مىقداردا بولىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى 1500-2000 مىللىلېتىر سۇنى، يەنى ھەر 250 مىللىلېتىرنى بىر ئىستاكان دەپ ھېسابلىغاندا، جەمئىي 6~8 ئىستاكان سۇنى ئىستېمال قىلىپ، سۈيدۈك مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
خوش، ئۇنداقتا كۈندە سۇ يىتەرلىك سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلىشتىن باشقا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ دىققىتىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن!
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىياتقۇ بوينى يارىسى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟
- كېيىنكىسى : مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى دېگەن نېمە؟
دىيابېت كېسەللىكىنىڭ گۇمانلىق 9 خىل سىگنالىدىن ئاگاھ بولۇڭ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئاندىن ئۇنى بايقاپ دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ. ئەمما نۇرغۇن Ⅱ تىپلىق دىياب
قاندىكى مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش مۇھىم ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : ① ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە مۇرەككەپ كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئۆسۈملۈك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن، كىراخماللىق يېمەكلىكلەر) نى كۆپرەك، يەنە ك
سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىگەر ياللۇغىنىڭ كېسەللىك جەريانى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كېتىپ ساقايمىسا، جىگەر ئىقتىدارى قايتا- قايتا نورمالسىز بولۇۋەرسە سوزۇلما خاراكتېرل
سېرىق چۈشكەننىڭ ھەممىسىلا جىگەر ياللۇغى بولۇۋەرمەيدۇ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سېرىق چۈشۈش دېگىنىمىز، قان زەردابىدىكى بىلىرۇبىننىڭ مىقدارى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىپ، كۆز ئېقى ۋە باشقا توقۇلمىلاردا سېرىقلىق پەيدا ب
سېمىزلىكنى كونترول قىلغاندا دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سېمىزلىكنى كونترول قىلىش دىيابېت كېسەللىكىنىڭ، بولۇپمۇ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ
