1. سۈت بېزى تېرە ئۆسمىسى.
سۈت بېزى تېرە ئۆسمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش %95 ئەھۋالدا ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ، مەسىلەن سۈت بېزى ئۆسمىسى، سۈت بېزى مونەكچىسى، سۈت يىغىلىش خالتىلىق ئىششىقى قاتارلىقلار، ئەلۋەتتە يەنە سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن. سۈت بېزى مونەكچىسى بىلەن سۈت بېزى راكىنىڭ ئاددىي پەرقى: سۈت بېزى مونەكچىسى بىر ۋاقىتتا بىر قانچىسى بولىدۇ، راك بولسا پەقەت بىرىلا بولىدۇ؛ سۈت بېزى مونەكچىسى ھەيىز كېلىشنىڭ ئالدىدا ئاغرىق ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەيزدىن كېيىن ئاغرىقى توختايدۇ، ئەمما راك بولسا تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
2. سۈت بېزىنىڭ چەكلىمىلىك قېلىنلىشى.
ئەگەر سۈت بېزىدە ئەتراپىغا قارىغاندا سەل قېلىنلاش، چېگرىسى ئېنىق بولماسلىق، چوڭ-كىچىكلىكىگە ھۆكۈم قىلالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، كىلىنىكىدا ئادەتتە «ئۆسۈكچە» دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، ھەيز دەۋرىيلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا، ياكى كۈنسېرى قېلىنلاپ، دائىرىسى چوڭايسا، بولۇپمۇ ھەيز توختاش مەزگىلىدىن كېيىنكى ئاياللار چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
3. سۈت بېزى ئاغرىش.
سۈت بېزىنىڭ قاتتىق ئاغرىشى ئادەتتە سۈت بېزى ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغى ۋە سۈت بېزى يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسى. كىلىنىكىدا يەرلىك ئورۇندا ئاغرىش كۆرۈلسە، دائىم ھەيز دەۋرىيلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە سۈت بېزى نوقۇللۇق ۋە خالتىلىق ئىششىقى بولىدۇ. سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولسا ئاغرىق بولمايدۇ.
4. كۆكسىنىڭ ئۇچىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش.
ئېمىتىش مەزگىلىدە، كۆكسىنىڭ ئۇچىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش كۆپىنچە پاتىلوگىيلىك سەۋەبتىن بولىدۇ. كۆسىنىڭ ئۇچىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىشنىڭ ئەڭ مۇھىم كېسەللىك ئالامىتى سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ %3~%13.7 ىنى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك سەۋەبى سۈت نەيچىسى ئىچىدىكى شورىغۇچسىمان ئۆسمە بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا سۈت بېزى خالتىلىق ئىششىقى ۋە سۈت نەيچىلىرى كېڭىيىش كېسىلى قاتارلىقلار بولۇپ، %10~%15 ى يامان سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىدۇر.
5. سۈت بېزى تېرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى.
كۆپ ساندىكى سۈت بېزى كېسەللىكلىرىدە، سۈت بېزىنىڭ تېرىسى ھېچقانداق ئۆزگەرمەيدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغىدا تېرە قىزىرىپ ئىششىش بولىدۇ، سۈت بېزى تۇبېركۇليۇزىدا تېرە يارىسى ياكى ئاقما يارا قوشۇلۇپ كېلىدۇ، سۈت بېزى راكىدا تېرە ئولتۇرۇشۇش، يەنى «زىناق» شەكىللىك ياكى «ئاپېلسىن پوستى»دەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
6. سۈت بېزىنىڭ شەكلىدىكى ئۆزگىرىش.
نورمال بولغان سۈت بېزى مۇكەممەل بولغان ياي شەكلىدە بولىدۇ، بۇ خىل ياينىڭ ھەرقانداق كەمتۈكلۈكى ياكى ئادەتتىن تاشقىرى بىنورماللىقى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ ئادەتتە سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولىدۇ.
7. كۆكسىنىڭ ئۇچىدىكى ئۆزگىرىش
كۆكسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تۇغما بىنورمال بولغاندا، كۆكسىنىڭ ئۇچى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولىدۇ، ئادەتتە بالا ئېمىتىپ باقمىغان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. كۆكسىنىڭ ئۇچى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كېتىشمۇ سۈت بېزى راكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئادەتتە بىر تەرەپتىكى كۆكسىدىلا ئىپادىلىنىدۇ. كۆكسىنىڭ ئۇچى شەلۋەرەپ كېتىش ئېمىتىش مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنى ئادەتتە بوۋاق كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا كۆكسىنىڭ ئۇچى قىزىرىپ شەلۋەرەش، قاسراقسىمان كېپەك تۆكۈلۈش، قىچىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، بۇ سۈت بېزى راكى ياكى سۈت بېزى توپچىسى ئېكزېمىسىمان راكى دەپ ئاتىلىدۇ.
8. قولتۇق لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش ۋە يۇقىرى بىلەك سۇلۇق ئىششىقى.
سۈت بېزى ياللۇغى ۋە سۈت بېزى راكىدا قولتۇق لىمفا ئىششىقى پەيدا بولىدۇ، ئۈستۈنكى بىلەكنى سۇلۇق ئىششىقىنى بولسا قولتۇق لىمفا بەزلىرىنىڭ يۆتكىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغاندا ئەمچەكتە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سۈت بېزى راكى 45 ياشتىن يۇقىرىلاردا كۆرۈلىدۇ، 50 ~ 45 ياشقىچە ۋە 65 ~ 60 ياشقىچە بولغان ئىككى باسقۇچتا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ، يېقىنقى بىر نەچ
سۈت بېزىدە بۇ سەككىز خىل ئەھۋال كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ 1. سۈت بېزى تېرە ئۆسمىسى. سۈت بېزى تېرە ئۆسمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش %95 ئەھۋالدا ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ، مەسىلەنسۈت بېزى ئۆسمىسى، سۈت بېزى مونەكچىسى،
ۋىرۇس خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋىرۇس خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كۆپ خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىرلىشىپ پەيدا قىلىدىغان دائىم كۆرىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى A، B، C، D، E تىپلارغا
راك كېسىلى قوزغىلىشىنىڭ دەسلەپكى ئون چوڭ ئالامىتى بىرىنچى، يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، كۆكرەك ئاغرىش. تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: كۆكرەك تەكشۈرتۈش، تۆۋەن دوزىلىق سپىرال سىزىقلىق CT ئاپپاراتى، ئۆپكە راكىدىن ئا
يۈرەكنى ئاسراش پىرىنسىپلىرى (1) روھى ئامىللارنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.چۇنكى روھى كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرى بەدەننى قۇرىتىدۇ ۋە سۇغۇتىدۇ . روھنىڭ تۇلۇقلىنىپ تۇرىشىغا تەسىر يەتك
