قولتۇق پۇراش نۇرغۇن ئادەملەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ئادەمنىڭ چوڭ تەر بەزلىرى قولتۇق، بۇرۇن قانىتى (لىپىلدىقى)، قۇلاق سىرتقى يولى، چاتراق قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. تەر بەزلىرى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن باشلاپ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ تەسىرى بىلەن جانلىنىشقا باشلايدۇ. شۇڭا، قولتۇقمۇ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىللەردىن باشلاپ پۇراشقا باشلايدۇ، ياشانغانسېرى ئاجىزلاپ يوقايدۇ. تەر بەزلىرى سۇ، ماي، تۆمۈر، پارقىراق ماددىلار، رەڭلىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقارغاندىن باشقا، سېسىق پۇراقلىق ماددىمۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. قولتۇقنىڭ پۇرىشى يەرلىك ئورۇندىكى تۈرلۈك باكتېرىيەلەر ۋە تەر بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان سېسسىق پۇراقلىق ماددىلارنىڭ تەسىرىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر باكتېرىيەلەر دورىلىق ئۆلتۈرىۋېتىلىپ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ھاسىل قىلىش يولى توسۇۋېتىلسە، قولتۇق پۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. قولتۇق پۇراشنى كەلتۈرگۈچى ئامىل _ باكتېرىيە بولغاچقا، قولتۇق تازىلىقىغا رىئايە قىلىش كېرەك. قولتۇق پۇراشمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىرقنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ، قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىك كىشىلەردىكى قولتۇق پۇراش سېرىق تەنلىك كىشىلەرگە قارىغاندا ئېغىرراق بولىدۇ.
قولتۇق پۇراش ئېغىر بولسا ئوپېراتسىيەلىك داۋالاش ئارقىلىق قولتۇق پۇراشنى يىلتىزىدىن يوقىتىشقا بولىدۇ. ئەمما، بىر قىسىم بىمارلاردا تۆۋەندىكىدەك ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
1. ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل بويىچە قولتۇقتىكى تەر بېزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنىڭ ئاز قىسىملىرىدا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قانلىق ئىششىىق، كېسىك ئېغىزى شەلۋەرەش ياكى تېرە توقۇلمىسى ئۆلۈش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2. ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ئارقىلىق كۆكرەك بوشلۇقىدىكى سىمپاتىك نىرۋىنى تازىلاش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنىڭ ئاز قىسىملىرىدا گازلىق كۆكرەك، قاپاق ساڭگىلاش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
3. دوختۇرنىڭ تېخنىكىسى ياخشى، پىشىپ يېتىلگەن بولمىسا، دورىنى بەك چوڭقۇر ئۇرۇپ، نېرۋىغا ئۇرۇپ قويسا، بىلەك ئىقتىدارى قىسقا مۇددەتلىك تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا، قولتۇق تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەتلىك ئاددىي رېتسىپلار قايسىلار؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىلاردىكى دەم سىقىلىش (تېلىقىپ قېلىش) ھەققىدە
- كېيىنكىسى : بالىلاردىكى قان تومۇر ئۆسمىسى ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا
يۈرەك كېسىلىنىڭ 10 خىل يوشۇرۇن ئالامىتى كۆپچىلىككە ئايان، يۈرەك كېسىلىك دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى مەيدە ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، دەككە-دۈككە بولۇشتىن ئىبارەت. بىراق ئەمەلىي تۇرمۇشتا يۈرەك كېسىلى بىمارلىر
I تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ كىرىش سۆز: I تىپلىق دىئابىت كېسىلى دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن قانداق پەرقى بار؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىلمەيدۇ. تۆۋەندە 24 پا
ئۇيقۇسىزلىق بىلەن كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇيقۇسىزلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇيقۇسىزلىق پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1.مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: مەسىل
دائىم كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ قانداق تىپلىرى بار؟ ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان كې
سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈشى توسۇلۇش دېگەن نېمە؟ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى قايسىلار؟ سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈشى توسۇلۇش سىنۇس دالانچە تۈگۈنى چىقارغان قوزغىتىشنىڭ سىرتقا چىقالماسلىقى ياكى يەتكۈزۈلۈشى ئاستىلاشنى كۆرسىتىدۇ. يەتكۈزۈشى توسۇلۇش سىنۇس دالا
