
ئۇيقۇسىزلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇيقۇسىزلىق پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، مېڭە قان توۇر كېسەللىكلىرى ( مېڭە تىقىلمىسى، مېڭە قاناش )، مېڭە ئۆسمىسى، تۇتقاقلىق كېسەللىكى، شەقىقە، مېڭە سىرتى يارىلىنىش قاتارلىقلار. كېسەللىك چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ پائالىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تىزگىنلىنىش جەريانىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتكەنلىكتىن ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
2.نەپەس يولى كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، سوزۇلما ۋە توسۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە ئىشىش، بۇ خىل كېسەللىكلەر نەپەسلىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىدە ئالامىتى روشەن بولىدۇ. نەپەس راۋان بولماسلىق ئۇيقۇغا دەخلى يەتكۈزىدۇ.
3.سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: جىددىي خاراكتېرلىك سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش، بولۇپمۇ تۆۋەن سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، سۈيدۇك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشتىن پەيدا بولغان سانجىقمۇ ئۇيقۇغا دەخلى قىلىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىشتە ئۇيقۇ قىسقا، ئۈزۈك بولىدۇ، پەقەت قان تازىلىغان ياكى بۆرەك ئالماشتۇرغاندىلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۆرەك زەئىپلەشكەندە زەھەر تەندە يىغىلىپ قېلىپ، مەركىزىي نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.
4. سەزگۈلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر: سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر پەيدا قىلغان قىچىشقاقلىق، بۇرۇن ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان دىماغ پۈتۈشلەر ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
5.ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى تۈپەيلىدىن، يېرىم كېچىدە قورساق ئاغرىسا، ئاچچىق سۇ يانسا ئادەم ئۇخلىيالمايدۇ. ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسسا، ئىچى سۈرسىمۇ ئۇخلىيالمايدۇ.
6.ئايلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ھەمىشە ئۇخلىيالمايدۇ، دەم ئېلىش ياخشى بولمىسا قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرى ھەمىشە كېچىدە قوزغىلىدۇ ھەتتا كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ، بەزى تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى كەچ كىرسىلا تەشۋىشلىنىدۇ. ئۇلار كېچىدە كېسەللىكى قوزغىلىپ ئويغىنالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ.
7.ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى: قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەن بىمارلار كېسەل داۋامىدا ھەمىشە ئۇخلىيالمايدۇ. بەزىدە بۇمۇ بۇ كېسەللىكىنىڭ بىردىنبىر ياكى دەسلەپكى ئالامىتى بولسا كېرەك؛ دىئابىت بىمارلىرى ئۆمۈر بويى داۋالىنىشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، بەزىلەردە قورقۇنچ پەيدا بولۇپمۇ ئۇخلىيالمايدۇ، بەزى دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرى بەدەنلىرى قىچىشىش، پۇت- قوللىرى ئۇيۇشۇش سەۋەبلىرىدىنمۇ ئۇخلىيالمايدۇ.
8.سۆڭەك، مۇسكۇل، بۇغۇملاردىكى ياللۇغ ۋە ئاغرىقلار كلىنىكىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەردۇر، بۇلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۇيقۇسىزلىق پەيدا قىلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
I تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ كىرىش سۆز: I تىپلىق دىئابىت كېسىلى دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن قانداق پەرقى بار؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىلمەيدۇ. تۆۋەندە 24 پا
ئۇيقۇسىزلىق بىلەن كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇيقۇسىزلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇيقۇسىزلىق پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1.مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: مەسىل
دائىم كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ قانداق تىپلىرى بار؟ ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان كې
سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈشى توسۇلۇش دېگەن نېمە؟ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى قايسىلار؟ سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈشى توسۇلۇش سىنۇس دالانچە تۈگۈنى چىقارغان قوزغىتىشنىڭ سىرتقا چىقالماسلىقى ياكى يەتكۈزۈلۈشى ئاستىلاشنى كۆرسىتىدۇ. يەتكۈزۈشى توسۇلۇش سىنۇس دالا
قاناش مايىللىقى – سوزۇلۇشچان جىگەر كېسەللىكىنىڭ مۇھىم ئالامىتى بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسەللىكى بىمارلىرىدا، داۋاملىق تۈردە تۆۋەندە بايان قىلىنغان بىنورمال ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، چىشى قاناش، بۇرنى قاناش
