
تونۇش: بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈچەينىڭ نورمال پائالىيىتى قالايمىقانلىشىپ، چوڭ تەرەت قېتىمىنىڭ كۆپىيىشى ۋە تەرەت خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، بالىلار بۆلۈمىدە ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.
پەرۋىش:
1. ئوزۇقلۇقنى تەرتىپكە سېلىش ۋە مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئوزۇقلۇقنى تەرتىپكە سېلىش، پەرۋىش قىلىشتا، بىمارنى ئامال بار ئانا سۈتى بىلەن بېقىش لازىم. سۈتتىن ئايرىلغان بولسا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش، قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندە ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قۇۋۋەتلىك، سۇيۇق تاماقلارنى ئاز -ئازدىن پات -پات بېرىش، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ قېتىم ئىستېمال قىلدۇرماسلىق، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قاراپ تەدرىجىي سۇيۇق تاماق بېرىشتىن قويۇق تاماق بېرىشكە يۈزلەندۈرۈش، سۇيۇقلۇق تولۇقلاش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە يېمەكلىكلەرنى تاللاپ بېرىش لازىم. يەنى، شوۋىگۈرۈچ، كۆكتات شورپىلىرى، بۇغداي ئۇمىچى، پىستە سېلىنغان چۆپ ئاش، ھەرخىل مېۋە -چېۋە شەربەتلىرى، يەنى ئانار شەربىتى، بېھى شەربىتى قاتارلىقلارنى قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ بېرىش كېرەك. ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن قايناق سۇغا ئازراق تۇز ۋە شېكەر قوشۇپ، تۇز سۈيى تەييارلاپ داۋاملىق بېرىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرقى گاۋزىبان بىلەن ئەرقى چۆپچىننى مۇۋاپىق مىقداردا بىرلەشتۈرۈپ ئىچۈرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
2. بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلاشتۇرۇپ سوغۇق تېگىش ياكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش، ھاۋالىق جايدا ئارام ئالدۇرۇش، روھىي جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
3. يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە بالىلارنىڭ يېمەك -ئىچمەك تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، مەسىلەن: يېمەك- ئىچمەككە ئىشلىتىدىغان قاچا -قۇچىلارنىڭ تازىلىقى ۋە بالىنىڭ قول، ئېغىز تازىلىقى قاتارلىقلارنى ياخشى قىلىش لازىم.
4. كاسسا قىسمى پەرۋىشىنى ئالاھىدە ياخشى ئىشلەش لازىم. چوڭ تەرەتتىن كېيىن ئىسسىق سۇ بىلەن ۋاننا قىلىش ياكى كاۋاۋىچىن قايناتمىسىدا ئىلمان ھالەتتە ۋاننا قىلىش، مەقئەتكە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولغانلىقتىن، مەقئەت شىللىق پەردىسى غىدىقلىنىپ، يەرلىك ئورۇندا ياللۇغ پەيدا بولۇپ، ئېغىر بولغانلىرىدا مەقئەت قاناش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ. ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە مەقئەتنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا مەقئەت ئەتراپىنى گۈل يېغى ياكى ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بولغان مەلھەملىرى بىلەن ياغلاپ قويۇش لازىم.
5. كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى دوختۇر ۋە تېۋىپقا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تۇرۇش، بولۇپمۇ تەرەتنىڭ رەڭگى، خاراكتېرى، شەكلىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ئىنكاس قىلىش ئارقىلىق داۋالاشقا يېقىندىن ماسلىشىش لازىم.
پەرھىز: بىمار ھەددىدىن زىيادە غىدىقلىغۇچى، تەستە ھەزىم بولىدىغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، زىيادە سوغۇق، زىيادە ئىسسىق يېمەك- ئىچمەكلەردىن، مايلىق يېمەكلىكلەر ۋە لازا- ئاچچىقسۇ، مايلىق گۆش، مايلىق سۈت پاراشوكلىرى، قورۇغان تاماق، بەك تاتلىق نەرسىلەردىن چەكلىنىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : سىناقتىن ئۆتكەن قەۋزىيەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەپچىل رېتسېپى
- كېيىنكىسى : تۇغما يۈرەك كېسىلى
ئاشقازان ياللۇغىغا قانداق دىياگنوز قويۇلىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ۋە كىلىنىكىلىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇش تەس ئەمەس. ئاستا خاراكتېرلىك
جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنى ئاسان داۋالىغىلى بولىدۇ، بەزىلىرىنى ئاسانلىقچە داۋالىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە با
جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ئەلداۋادىىن تېببىي ساۋات : جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش ئورگىنى بولغاچقا، جىگەر زەخىملەنگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدا ئاسانلا توسالغۇلۇق پەيدا بولى
تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تېببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىچىدە ئىرسىيەت ئامىلى %15 نى، ئىجتىمائىي ئامىل %10
بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ تۈزلىنىش سەۋەبى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسى ئالدىغا يايسىمان تومپىيىپ چىقىدۇ. ئەمما، بەزى ئەھۋاللاردا بويۇن ئومۇرتقىسى
