راك كېسەللىكى كۈنىمىزدە ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتقان بىرىنچى نومۇرلۇق قاتىل. راك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن، كىشىلەر راك دېگەن سۆزنى ئاڭلىسىمۇ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ بۇنچە قورقۇپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، كۆپلىگەن راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى تامامەن ئالغىلى بولىدۇ. پەقەت بىز كۈندۈلۈك تۇرمۇش داۋامىدا ساقلىقنى ساقلاشقا، قەرەللىك تەكشۈرۈنۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسەكلا، راك ئۆزگىرىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ، تېگىشلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، راك كېسەللىكى پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتەلەيمىز.
ئۇنداقتا، راكنىڭ بەدىنىمىزدىكى بىشارەتلىك سېگناللىرى قايسى؟
1. توغرا ئۈچەي (كۆتەن ئۈچەي) دىن قان كېلىش
بېشارىتى: قېرىشلىق ئۈچەي راكى

توغرا ئۈچەيدىن قان كېلىشنىڭ ئىپادىسى چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش بولۇپ، چوڭ تەرەتتىن قان كەلگەندە ئالدى بىلەن گېمورويمۇ ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. گېمورويدا چوڭ تەرەتتىن كېيىن قان كېلىدۇ، ئۆسمىدە بولسا قان چوڭ تەرەتكە ئارىلىشىپ كېلىدۇ. توغرا ئۈچەي ئۆسمىسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتى شۇكى، ئۈچەي ئۆسمە تۈپەيلى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن چوڭ تەرەت ناھايىتى ئىنچىكە كېلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : قەۋزىيەت دېگەن نېمە؟
- كېيىنكىسى : ياشانغانلاردىكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر
دىيابېت كېسەللىكىنىڭ گۇمانلىق 9 خىل سىگنالىدىن ئاگاھ بولۇڭ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئاندىن ئۇنى بايقاپ دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ. ئەمما نۇرغۇن Ⅱ تىپلىق دىياب
قاندىكى مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش مۇھىم ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : ① ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە مۇرەككەپ كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئۆسۈملۈك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن، كىراخماللىق يېمەكلىكلەر) نى كۆپرەك، يەنە ك
سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىگەر ياللۇغىنىڭ كېسەللىك جەريانى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كېتىپ ساقايمىسا، جىگەر ئىقتىدارى قايتا- قايتا نورمالسىز بولۇۋەرسە سوزۇلما خاراكتېرل
سېرىق چۈشكەننىڭ ھەممىسىلا جىگەر ياللۇغى بولۇۋەرمەيدۇ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سېرىق چۈشۈش دېگىنىمىز، قان زەردابىدىكى بىلىرۇبىننىڭ مىقدارى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىپ، كۆز ئېقى ۋە باشقا توقۇلمىلاردا سېرىقلىق پەيدا ب
سېمىزلىكنى كونترول قىلغاندا دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سېمىزلىكنى كونترول قىلىش دىيابېت كېسەللىكىنىڭ، بولۇپمۇ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ
