(1) روھى ئامىللارنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.چۇنكى روھى كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرى بەدەننى قۇرىتىدۇ ۋە سۇغۇتىدۇ . روھنىڭ تۇلۇقلىنىپ تۇرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . نەتىجىدە ئادەم بەدىنىدە ئەسەبىي خاراكتىرلىك كەيپىيات زىيادە ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ. ئاقىۋەتتە قۇۋۋىتى نەفسانينىڭ يۇرەكنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇپ تۇرۇش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە يۈرەك ئېغىش،يۇرەك تىترەش ، قورقۇنچاقلىق ھەتتا ئۇشتۇمتۇت ھۇشىدىن كىتىش خاراكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ.
(2) بىرلا ۋاقىتتا ئېغىر جىسمانى ھەرىكەتلەرنى كۈچەپ قىلماسلىق لازىم.زىيادەقىلغان ھەرىكەت قان تۇمۇرلارنى كېڭەيتىپ نېرۋا ئۇچلىرىنى زىيادە كۈچلۇك غىدىقلاشنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ . ھەمدە يۈرەك رېتىمسىز سېلىش ، يۈرەك ئېغىش،شالاڭغۇش ئەھۋاللىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
(3) يىمەك ئىچمەكنىڭ تەركىۋىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش.يەنى تۇز،ياغ قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق. ئادەتتە ئېنىرگىيەسى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.مەسىلىن:سېرىق ماي ، قايماق،سۇت ......... قاتارلىق يىمەك ئىچمەكلەرنى كۆپ ئستىمال قىلىش لازىم.تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ، ئىلىكتىرولىتلار تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپk+ , Na+ نىڭ چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،پوتىنسىئاللىق ئىنىرگىيەنى تەرتىپسىزلەندۈرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن يۇرەك سىنوس تۈگۈنىگە تەسىر يەتكۇزىدۇ ، ھەمدە يۈرەكنىڭ زىيادە سوقۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقاھەزىم يوللىرىنىڭ تارتىشىش خاراكتىرلىك ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ماي زىيادە بولغاندا،يۈرەكنىڭ تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ھەمدەيۇرەك مۇسكۇلىغا قان يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ.
(4) ئەقلى خىزمەت پائالىيتى ۋە جىنسى تۇرمۇشنى تەرتىپكەسېلىش كىرەك .ئەقلىي خىزمەتنىڭ زىيادە بۇلىشى نىرۋاچارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . نىرۋىنىڭ چارچىشى نىرۋىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇرەك،جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئاخىرىدا نىرۋا خاراكتىرلىك يۈرەك ئاجىزلىقى ، نىرۋا خاراكتىرلىك يۈرەك خىزمىتى چىكىنىش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ .
(5) يۈرەكنى كۇچلەندۇرگۈچى،خۇشلۇق كەلتۈرگۇچى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورا-دەرمەكلەرنى قالايمىقان ئشلەتمەسلىك لازىم.نورمال ئەھۋالدا بۇدورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتسە روھنى زىيادە قوزغايدۇ،بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى زىيادە ئاشۇرىدۇ . نەتىجىدە يۈرەكنىڭ نورمال فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتىگە تەسىر يىتىپ ، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش پائالىيتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
(6) ھىسيات خاراكتىرلىك ئۆزگۈرۈشلەردىن ساقلىنىش.مەسىلەن:ئشقى-مۇھەببەت،ئاشىقى بىقارار،سۆيگۈ-تەلپۈنۈش.........
(7) ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش.مەسىلەن:رىماتىزىم ، تىبىركىلىيوز،زۇكام قاتارلىقلارنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش .
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
راك كېسىلى قوزغىلىشىنىڭ دەسلەپكى ئون چوڭ ئالامىتى بىرىنچى، يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، كۆكرەك ئاغرىش. تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: كۆكرەك تەكشۈرتۈش، تۆۋەن دوزىلىق سپىرال سىزىقلىق CT ئاپپاراتى، ئۆپكە راكىدىن ئا
يۈرەكنى ئاسراش پىرىنسىپلىرى (1) روھى ئامىللارنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.چۇنكى روھى كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىرى بەدەننى قۇرىتىدۇ ۋە سۇغۇتىدۇ . روھنىڭ تۇلۇقلىنىپ تۇرىشىغا تەسىر يەتك
ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـى پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرى كېسەللىك سەۋەبى: 1. روھى-نىرۋا ئامىللىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 2. تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. 3. نەزلە سۇيۇقلۇقى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ. 4. تۈرلۈك فىزىكا-خىمىيىلىك ئا
خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۆت تەدبىر ھەر جەھەتتىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ تۇرمۇشتا پەيدا بولۇشى نىسبىتىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا، روھىيەتتىكى زۇكام
دىيابېت كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان 10 خىل كىشىلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : 1. دىيابېت كېسەللىكى جەمەت تارىخى بارلار. ئالاقىدار ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دىيابېت كېسەللىكى جەمەت تارىخى بارلارنىڭ دىيابېت كېسەلل
