مەنىي بالدۇر كېتىشنى قايسى كېسەللىكلەر بىلەن ئاسانلا ئالماشتۇرۇپ قويۇش مۇمكىن؟
كلىنىكىدا مەنىي' بالدۇر كېتىش ۋە باھ زەئىپلىشىش، ئېھتىلام بولۇشنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
1. باھ زەئىپلىشىش:
باھ زەئىپلىشىش دېگىنىمىز زەكەر تىكلەنمەسلىك، تىكلەنسىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشماسلىق سەۋەبىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغىلى بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
مەنىي بالدۇر كېتىش دېگىنىمىز جىنسىي تۇرمۇشتا زەكەر تىكلىنىدۇ، ئەمما سىپىرمىنى بالدۇر قويۇپ بەرگەنلىك سەۋەبىدىن نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىكككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، دائىم ئارقىمۇ-ئارقا ياكى بىراقلا قوزغىلىدۇ. مەنى بالدۇر كېتىشنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىتىن باھ زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. كلىنىكىدا مەنى بالدۇر كېتىش باھ زەئىپلىشىشنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبى بولۇپ، جىنسىي ھاياجان ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن، ھەر خىل نېرۋا مەركىزىنىڭ يۈكى ئارتىپ كەتكەنلىكتىن، تەدرىجىي ھالدا زەئىپلىشىپ تۇرمۇزلانغان ھالەتكە كىرىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا باھ زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.
مەنى بالدۇر كېتىش ئاساسلىق ئىقتىدار خاراكتىرلىك بولۇپ، زەكەر ئىقتىدار خاراكتىرلىقتىن سىرت يەنە بەزى باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەردىن بولىدۇ. مەنى بالدۇر كېتىشنىڭ دورا ۋە پسىخىكىلىق ئۇسۇل شۇنداقلا ھەرىكەتلىك داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كېسەللىك ئاقىۋىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
باھ زەئىپلىشىشىنىڭ ئىقتىدار خاراكتېرلىك كېسەللىك ئاقىۋىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ئەزالار دورا ۋە پسىخىكىلىق داۋالاشتىن كېيىنكى كېسەللىك ئاقىۋىتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. ھەتتا ئۈنۈمسىز بولۇشى مۇمكىن.
2. ئېھتىلام بولۇش:
ئېھتىلام بولۇش دېگىنىمىز، جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارمىغان ئەھۋال ئاستىدا، مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپلەپ چىقىپ كېتىشى بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغاندا نورمال ئۇرۇق چىقىرىشنى تاماملىغىلى بولىدۇ. مەنى بالدۇر كېتىش بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەتكە تەييارلىق قىلغاندا ھەمدە جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشلىغاندا ياكى باشلاشتىن بۇرۇن سىپىرما قويۇپ بېرىش ھەددىدىن زىيادە تىز بولۇپ كەتكەنلىكتىن نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتنى تاماملىغىلى بولمايدۇ. كلىنىكىدا ئىككىسى كۆپ ھالدا تەڭ كۆرۈلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
دىيابېت كېسەللىكىنىڭ گۇمانلىق 9 خىل سىگنالىدىن ئاگاھ بولۇڭ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئاندىن ئۇنى بايقاپ دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ. ئەمما نۇرغۇن Ⅱ تىپلىق دىياب
قاندىكى مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش مۇھىم ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : ① ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە مۇرەككەپ كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئۆسۈملۈك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن، كىراخماللىق يېمەكلىكلەر) نى كۆپرەك، يەنە ك
سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىگەر ياللۇغىنىڭ كېسەللىك جەريانى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كېتىپ ساقايمىسا، جىگەر ئىقتىدارى قايتا- قايتا نورمالسىز بولۇۋەرسە سوزۇلما خاراكتېرل
سېرىق چۈشكەننىڭ ھەممىسىلا جىگەر ياللۇغى بولۇۋەرمەيدۇ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سېرىق چۈشۈش دېگىنىمىز، قان زەردابىدىكى بىلىرۇبىننىڭ مىقدارى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىپ، كۆز ئېقى ۋە باشقا توقۇلمىلاردا سېرىقلىق پەيدا ب
سېمىزلىكنى كونترول قىلغاندا دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سېمىزلىكنى كونترول قىلىش دىيابېت كېسەللىكىنىڭ، بولۇپمۇ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ
