يېقىنقى يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھاراق ئىچىش زىققىنى قوزغايدىكەن ۋە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار كانايچە زىققىسى بار بىمارلاردىن 36 نەپەر ئەر ۋە 42 نەپەر ئايالنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھاراقنى ھەر قانچە ئاز ئىچكەن تەقدىرىدىمۇ كانايچە زىققىسى بىمارلىرى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بولۇپمۇ ھورمونغا تايىنىدىغان %22 كانايچە زىققىسى بىمارلىرىنىڭ ئىچكەن ھارىقى 20 گىرام ئېتىل ئىسپىرتقا يەتكەندە زىققىنى بىۋاسىتە قوزغىغان ياكى زىققىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن. بۇندىن باشقا يەنە زىققىنى پەسەيتىش دورىسىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن.

ھاراق ئاساسىي تەركىبى ھېسابلانغان ئېتىل ئىسپىرت ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلاردا نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن ماسلاشماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ ۋە توقۇلمىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تورمۇزلاپ، قان تەركىبىدە نورمالسىزلىق پەيدا قىلىپ، كىسلاتا ۋە ئىشقارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئاخىردا بۆرەك ئۈستى بېزى پوستىلىقىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پوستىلاقنىڭ ھورمون ئاجرىتىشىنى ئازايتىپ زىققىنى قوزغايدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇ خىل مېخانىزم ھاراق ئىچىشىنىڭ ھورمونغا تايىنىدىغان كانايچە زىققىسى بىمارلىرىغا تېخىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى كانايچە زىققىسى بىمارلىرىنى ھاراق ئىچمەسلىككە، بولۇپمۇ ھاراق خۇمارى بار، ھورمونغا بېقىنىدىغان كانايچە زىققىسى بىمارلىرىنى دەرھال ھاراقنى تاشلاشقا، بىراقلا تاشلىۋېتەلمىگەن تەقدىرىدە ئىچىدىغان ھاراقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشقا ۋە تەدرىجى تەلتۆكۈس تاشلاشقا دەۋەت قىلىدۇ.
-
1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : باش ئاغرىش كېسەللىكنىڭ بىشارىتى
- كېيىنكىسى : يۆتەللىك زىققا كېسىلى توغرىسىدا ساۋات
سېمىز كىشىلەر ۋە سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: سېمىزلىك بىلەن سۆڭەڭ بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ، چۈنكى سېمىزلىك پەيدا قىلغان مېخانىك ئامىللاردىن باشقا، پۈتۈ
مېڭىگە قان چۈشۈش ھاۋا رايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مېڭىگە قان چۈشۈش، قان بېسىمى يۇقىرى بولغان ياشانغان كىشلەر ئۈچۈن تەھدىت. مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ھاۋا رايىنى
1 تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ كىرىش سۆز: I تىپلىق دىئابىت كېسىلى دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن قانداق پەرقى بار؟ نۇرغۇن
چوڭ كېسەللەردىن بېشارەت بېرىدىغان ئالتە چوڭ سىگنال 1. پۇت قوللار ئۇيۇشۇش، سانجىپ ئاغرىش، باش قېيىش، روھىي ھالىتى قالايمىقانلىشىش، تىلى كالۋالىشىش ۋە سۆزى قالايمىقانلىشىش. بولۇپمۇ يۈز قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ بىر يان تە
قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن بولغان پالەچ كېسەللىكى قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن بولغان پالەچ كېسەللىكى داۋالاپ ساقايتىش ئەڭ قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىكى كېسەللىك ئاسارىتى ئىككى مەنبەدە. بىرى، مېڭىدە مەلۇ
