
1.ئاچچىقسۇدىن 25 گرام،قارا شېكەردىن 90 گرامنى ئارلاشتۇرۇپ، ئاچچىقسۇ – شېكەر قىيامى تەييارلاپ،سامساقنى ئېزىپ ئېرىتمىگە سېلىپ بىر ھەپتە تۇرغۇزۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
2. 15 گرام تەكىيە كاۋىنىڭ ئۇرۇقىغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ، ئۇندەك سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.بىر دانە ئامۇتنىڭ بۇرنى تەرىپىنى كېسىپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئامۇتنىڭ ئىچىگە ناۋاتنى سوقۇپ سېلىپ، كەسكەن ئېغىزنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئامۇتنى قاسقاندا پىشۇرۇپ، ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر ۋاق يەپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. 2كىلو500 گىرام ئەتراپىدىكى تاۋۇزنىڭ بېغى تەرىپى كېسىۋىلىپ، ئېتى مۇۋاپىق ئويۇپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىچىگە ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن 10دانە چىلان، 250 گرام خام زەنجىۋىل، 200 گرام ھەسەل، 200 گرام كەندىر يېغى، خالتىغا ئېزىپ 30 گرام ئاق قىچا، 50 گرام; ئاقمۇچ قاچىلىنىپ، تاۋۇزنى قاسقاندا 90 مىنۇت دۈملەنگەندىن كېيىن، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشى تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى دورا سۇيۇقلۇقىنى بىرلا قېتىمدا ئىچىۋىتىپ ھەمدە پىشقان زەنجىۋىلدىن بىر قانچىنى يەپ بولۇپ تەرلەنسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
5.بالىلاردىكى كاناي ياللۇغىنى داۋالاشتا، يېڭى زەنجىۋىل، ھەسەل ۋە كۈنجۈت يېغىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىنىدۇ ۋە 2-4 تال ئەمەن يوپۇرمىقى تەييارلىنىدۇ. يېڭى زەنجىۋىلنى ئېزىپ نېپىز داكىغا ئېلىپ سىقىپ، زەنجىۋىلنىڭ سۈيى چىقىرىلىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ سۈيى بىر ئۈلۈشتىن ھەسەل ۋە كۈنجۈت يېغى بىلەن قوشۇلۇپ كۇرۇشكىغا سېلىنىدۇ ھەمدە سۇس ئوتتا قاينىتىدۇ، قاينىتىلغاندا ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا كۇرۇشكىغا ئەمەن يوپۇرمىقى(يۆتەل ئېغىر بولسا 3-4 تال،يەڭگىلرەك بولسا ئىككى تال)سېلىنىدۇ. كۇرۇشكا يەنە بىر ئاز قاينىتىلىپ، ئوتتىن ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، كۇرۇشكىدىكى دورا ئىسىق پېتى ياكى سوۋۇغاندا ئېچىپ بېرىلسە بولىدۇ. كۇرۇشكىدىكى دورىنى ئىچىشتىن بۇرۇن ئەمەن يۇپۇرمىقىنى ئېلىۋېتىش لازىم. بۇ دورا كۈنىگە بىر قانچە قېتىم ھەمدە ئۇخلاش ئالدىدا ئىچىلىدۇ.
-
1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
سېمىز كىشىلەر ۋە سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: سېمىزلىك بىلەن سۆڭەڭ بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ، چۈنكى سېمىزلىك پەيدا قىلغان مېخانىك ئامىللاردىن باشقا، پۈتۈ
مېڭىگە قان چۈشۈش ھاۋا رايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مېڭىگە قان چۈشۈش، قان بېسىمى يۇقىرى بولغان ياشانغان كىشلەر ئۈچۈن تەھدىت. مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ھاۋا رايىنى
1 تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ كىرىش سۆز: I تىپلىق دىئابىت كېسىلى دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن قانداق پەرقى بار؟ نۇرغۇن
چوڭ كېسەللەردىن بېشارەت بېرىدىغان ئالتە چوڭ سىگنال 1. پۇت قوللار ئۇيۇشۇش، سانجىپ ئاغرىش، باش قېيىش، روھىي ھالىتى قالايمىقانلىشىش، تىلى كالۋالىشىش ۋە سۆزى قالايمىقانلىشىش. بولۇپمۇ يۈز قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ بىر يان تە
قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن بولغان پالەچ كېسەللىكى قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن بولغان پالەچ كېسەللىكى داۋالاپ ساقايتىش ئەڭ قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىكى كېسەللىك ئاسارىتى ئىككى مەنبەدە. بىرى، مېڭىدە مەلۇ
