ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئىچىدىن بىر خىل يېڭى ھۈجەيرىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ خىل ھۈجەيرە ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات كىشىلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېڭى ئۇسۇلنى تېپىشقىمۇ ياردەم بېرىدىكەن. ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى گرىگ شىۋارز قاتارلىقلار ئىلمىي ژۇرنال «ھازىرقى زامان بىيولوگىيەسى»نىڭ يېڭى سانىدا بۇ توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ، كۆرۈش تور پەردىسىدىن تاپقان بۇ يېڭى ھۈجەيرىگە «ON Delayed» دەپ نام قويغان، تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ھۈجەيرە كۆزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كونترول قىلالايدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالغانلارنىڭ سانى بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، نورمال ئەھۋالدا كۆز ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىنىڭ مەلۇم مۇۋاپىق ۋاقىت نۇقتىسىدا ئۆسۈپ يېتىلىشتىن توختايدىغان بولۇپ، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئېشىپ يەنە ئۆسىۋەرسە، نۇر كۆز قارىچۇقىدىن كىرگەندىن كېيىن كۆرۈش تور پەردىسىگە توغرا چۈشەلمەي تەسۋىر ھاسىل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى پەيدا قىلىدىكەن.
ئۇزۇندىن بۇيان، تەتقىقاتچىلار كۆرۈش تور پەردىسىدە كۆزنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان بىر خىل ئالاھىدە سىگنالنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى، ئەمما ئۇنىڭ قايسى خىل ھۈجەيرىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئىزچىل بىلمەي كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا، شىۋارز قاتارلىقلار مىكرو ئېلېكتىر قۇتۇپىنى ئىشلىتىپ، چاشقانچاقنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى ئىچىدىكى ئېلېكتىر سىگنالىنى خاتىرىلەپ، سىگنالنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، بۇ خىل يېڭى ھۈجەيرىنى تاپقان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ كۆزىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۈجەيرە بار بولۇپ، بۇنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈشكە ياردىمى بولىدىكەن. ئادەتتە ئۆي ئىچىدىكى نۇرنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى قىزىل-يېشىللىق سېلىشتۇرما دەرىجىسى بار بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ كۆزىدىكى بۇ ھۈجەيرىنى غىدىقلاپ ئۇنى سىگنال قويۇپ بەرگۈزۈپ، كۆزنىڭ زىيادە ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، كىشى شۇنىڭ بىلەن يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدىكەن.
شۇڭا، بالىلار كۆپرەك تالاغا چىقىپ ئوخشىمىغان نۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كېيىنكى نىشانى مۇشۇ ھۈجەيرە بىلەن ماسلىشىدىغان گېننى تېپىش بولۇپ، چاشقاننىڭ تېنىدىكى بۇ خىل گېننىڭ جانلىقلىق دەرىجىسىنى كۆپەيتىپ ياكى ئازايتىپ كۆرۈپ، چاشقاننىڭ يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قىلىشى، ياكى ئۇنىڭ ساقىيىپ كېتىشىنى بىلىپ باقماقچى بولغان.
-
1. بۇ ماقالىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. بۇ ماقالىنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
سېمىز كىشىلەر ۋە سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: سېمىزلىك بىلەن سۆڭەڭ بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ، چۈنكى سېمىزلىك پەيدا قىلغان مېخانىك ئامىللاردىن باشقا، پۈتۈ
مېڭىگە قان چۈشۈش ھاۋا رايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مېڭىگە قان چۈشۈش، قان بېسىمى يۇقىرى بولغان ياشانغان كىشلەر ئۈچۈن تەھدىت. مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ھاۋا رايىنى
1 تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ كىرىش سۆز: I تىپلىق دىئابىت كېسىلى دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن قانداق پەرقى بار؟ نۇرغۇن
چوڭ كېسەللەردىن بېشارەت بېرىدىغان ئالتە چوڭ سىگنال 1. پۇت قوللار ئۇيۇشۇش، سانجىپ ئاغرىش، باش قېيىش، روھىي ھالىتى قالايمىقانلىشىش، تىلى كالۋالىشىش ۋە سۆزى قالايمىقانلىشىش. بولۇپمۇ يۈز قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ بىر يان تە
قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن بولغان پالەچ كېسەللىكى قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن بولغان پالەچ كېسەللىكى داۋالاپ ساقايتىش ئەڭ قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىكى كېسەللىك ئاسارىتى ئىككى مەنبەدە. بىرى، مېڭىدە مەلۇ
