ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەس
يانفوندا كۆرۈش
ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەس
ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايىنىش كېرەك.ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەر قانداق مەسىلىگە ئۆزىڭىز تاقابىل تۇرۇشىڭىز كېرەك.كارخانىنىڭ مەسىلىسى سىزنىڭ مەسىلىڭىزدۇر،مەيلى تېخنىكا،ئىشلەپچىقىرىش ياكى سېتىپ چىقىرىش،باشقۇرۇش ۋە ياكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتتە بولسۇن،ھەممە تەرەپتە ئاز تولا بىلىمگە ئىگە بولۇشىڭىز كېرەك.سىز ھەل قىلالمىغان ئىشنى قول ئاستىڭىزدىكىلەرمۇ ھەل قىلالمايدۇ؛ ئەتراپىڭىزدىكىلەر ئۇچرىغان مەسىلىڭىز سەۋەبىدىن قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ۋاز كېچىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.لېكىن سىز ماڭغان يولىڭىزدىن قايتماسلىقىڭىز ، ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز تاقابىل تۇرۇشىڭىز،يەنە ھەر ۋاقىت ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە كۈلۈپ قارىشىڭىز كېرەك.يىغىپ ئېيتقاندا كارخانىڭىز ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى توغرا پوزىتسىيە بىلەن قاراپ،توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلىشىڭىز لازىم.
كارخانىڭىز سىزگە نىسبەتەن پەقەت كىرىمگە ئېرىشىدىغان خىزمەت بولسا،كارخانىڭىز سىزگە ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك تۇرمۇشنى بېرەلمەيدۇ.سىزگە بېرەلەيدىغىنى پەقەت ئايلىق مائاش بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق داۋاملاشسا سىزمۇ مەغلۇپ بولىسىز،كارخانىڭىزمۇ ۋەيران بولىدۇ.دەسلەپكى ئىش باشلىغان ۋاقتىڭىزدىكى قىزغىنلىقىڭىز،ئۈمىدۋارلىقىڭىز،مۇستەقىللىقىڭىز ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ.
سىزدە شۇنداق ئىدىيە بولسا ھازىردىن باشلاپ ئۆزگەرتىڭ.كارخانىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن كارخانىغا بولغان ئىدىيەرىڭىزنى،تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.
ئۆزگەرتىشنى خالىمىسىڭىز ئاقىۋىتىڭىزدىن مەڭگۈ ئاغرىنماڭ.چۈنكى ئۇ خىل ئاقىۋەتنى ئۆزىڭىز كەلتۈرۈپ چىقارغان.