تاۋار ماركىسى ھەققىدە تەپسىلى سۇئال -جاۋاپلار (3)
يانفوندا كۆرۈش
11-سوئال: تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
جاۋاپ: تاۋار ماركىسى ھوقۇقى تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .
(1) خاسلىق. تاۋار ماركىسى ھوقۇقى بىر خىل مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقى بولۇپ، ئۇ خاسلىققا ۋە مۇستەقىل ئىگىلەش خاراكتېرىگە ئىگە:
(2) ۋاقىت خاراكتېرى. رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى ھوقۇقى تىزىمغا ئېلىنغان ۋاقىتتىكى مۇددىتى، يەنى قانۇندا بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئىچىدىلا قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. مۇددەت توشقاندا يەنە ئۇزارتىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنۇپ ئۇزارتسا بولىدۇ؛
(3) رايون خاراكتېرىگە ئىگە. يەنى بىر مەملىكەت تەستىقلىغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقى. شۇ ھوقۇقنى بەرگەن دۆلەت دائىرىسى ئىچىدىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. باشقا دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. خەلقئارا ئەھدىنامە، كېلىشىملەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنىڭ مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىنى چەتكە قاقمايدۇ
12-سوئال: تاۋار ماركىسى ھوقۇقىدىن تەنھا پايدىلىنىش ھوقۇقى دېگەن نېمە؟
جاۋاپ: تاۋار ماركىسى ھوقۇقىدىن تەنھا پايدىلىنىش ھوقۇقى دېگىنىمىز، تەستىقلىنىپ رويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنىڭ پايدىلىنىش قوقۇقىدىن تاۋار ماركىسى ئىگىسىلا رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى دائىرىسى ئىچىدە تاۋار ماركىسىدىن پۈتۈنلەي تەنھا پايدىلىنىشتىن بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ.
13-سوئال: تاۋار ماركىسىنى توسۇش ھوقۇقى دېگەن نېمە؟
14-سوئال: تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى دېگەن نېمە؟
جاۋاپ: تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى دېگىنىمىز، تاۋار ماركىسى ئىگىسى ئۆزىنىڭ رويخەتكە ئالدىرغان تاۋار ماركىسىنى قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە، مۇئەييەن شەرتكە ئاساسەن، باشقىلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان، باشقىلار بۇ خىل مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ.
15-سوئال: تاۋار ماركىسىدىن پايدىلىنىشقا ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى دېگەن نېمە؟