باي بولۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى
يانفوندا كۆرۈش
ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە: ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئېلىپ كېلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي بايلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ .
پەيلاسوپلارنىڭ قارىشىچە، دۇنيا كۆپ خىل ، رەڭگارەڭ ، ئۆزگىرىشچان بولىدۇ . ئۆزگىرىش بولسا پەلسەپدىكى ئاساسىي تېما. ئۆزگىرىش كىشىلەرنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتىپ )بەخت(بايلىق يولىنى ئاچىدۇ.
قانۇنشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، مول مەزمۇنلۇق ئىجتىمائې تۇرمۇش قانۇننىڭ ئاساسى، ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكى، كىشىلەرنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى مۇشۇ ئىككى دائىردىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. تۇرمۇش ئەنە شۇنداق بولىدۇ،ئىگىلىك تىكلەشمۇ ھەم شۇنداق. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئەسكەرتىشى، پەيلاسوپلارنىڭ كۆرسەتمىسى ،قانۇنشۇناسلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىمىز ئۇچۇن ياخشى دەستۇردۇر.
جۇڭگو دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ ، ئۆتمۈشتە ئۇ غايەت زور بىر يۈك ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ، بۇ خىل «يۈك>> زور ئىستېمال بازىرى شەكىللەندۈرۈپ ، ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەردى .
-2008يىللىق دۆلەت خەلق ئىگىلىكى دارامىتى82 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەدىن ئشىپ كەتتى ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ ، دۇنيادىكى - 3 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى.
جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز بولىدۇ؟ بۇنىڭدا تۈزۈمدىكى سەۋەبتىن باشقا يەنە جۇڭگو سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغانلقىدا. بازار ئىگىلىكىنىڭ بورىنى ئىچىدە ، جۇڭگودىكى 6 مىليوندىن ئارتۇق شىركەت ئۆز دىللىرىغا يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈكۈپ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. ئالتە مىليوندىن ئارتۇق شىركەت جۇڭگوغا نىسبەتەن كۆپ ھېسابلانمايدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرگە موھتاج بولۇپ ،ئىگىلىك تىكلەپ ئىقتىساد تارتىدىغانلار ئۈچۈن كەڭرى كەتكەن سەھنىدۇر.
شىركەت بولسا ئىقتىساد يارىتىشنىڭ كاتالىزاتورى. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ پاراۋۇزى. شىركەتنىڭ تەسىر كۈچى بولسا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى تېخىمۇ
جارى قىلدۇرۇپ ئۇتۇق قازىنىشقا يول ھازىرليالايدۇ. شىركەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۆپ كاپىتالنى بىرىكتۈرىدۇ . كاپىتالنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى يىمىرىلىش تەسىرنى پەيدا قىلىپ شۇنىڭ بىلەن ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
بايلققا قانداق ئېرىشىمىز ؟ سودا ساھەسىدىكى بىر داڭلىق شەخس بىزگە مۇنداق ئۈچ مەخپىيەتلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى .
بىرىنچىدىن: توغرا بولغان ئىگىلىك تىكلەش قارشىنى تۇرغۇزۇش: ھەر قانداق بىر كەسىپتە ئارتۇقچىلىقى بار ئادەم ئىختىساس ئىگىسىدۇر، بۇنداق ئادەمنى گۆھەر ئورنىدا كۆرۈش كېرەك ھەم ئۇلارغا ماس كەلگەن شارائىت يارتىپ بېرىش كېرەك ، شۇنداق بولغاندا ئۇلار ھەر تەرەپتىن تەرەققىي قىلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ يېڭىلىق يارتاليدۇ.
ئىككىنچىدىن: ئادەم ئۆزىدە تەپەككۇر ئۇقۇمنى تۇرغۇزۇش كېرەك . تەپەككۇر ئۇقۇمى دېگىنىمىز كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا نىبەتەن رامكا شەكىلدە تەپەككۇر قىلىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق ياپيېشىل يىراق كەلگۈسىنىڭ مەنزىرە رەسىمىنى لايھىلەپ چىقىشتۇر.
ئۈچىنچىدىن : چىن ئىخلاسى بىلەن ئىشلەش،جاپا-مۇشەققەتتىن مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىق كېرەك. باي بولۇشتا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش يېڭى ئىجادىيەت يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، يېڭى ئەندىزىلەرنى بايقاش كېرەك.
شىركەت بولسا باي بولۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى پەقەتلا باي بولۇشقا قەدەم ئالغانلىقتۇر. باي بۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىلىمى ئۇسۇلدا بازارغا كىرىش ، ئەستايىدىل ھالدا يېڭى تۈرلەرنى تاللاش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا بازارنىڭ لاي پاتقاقلىرىغا پېتىپ قىلىشىمىز مۇمكىن. باي بولۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە شىركەت باشقۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك . شىركەت قۇرماق ئاسان ئەمما ئىگىلىك باشقۇرماق مۈشكۈلدۇر.
باي بولۇشنىڭ ئۆزى جاپالىق سەپەردۇر. ھەر قانداق بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بازاردا تىركىشش كېرەك. بازارنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا يۈزلىنىش كېرەك. ئىزچىل بولغان ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بولۇپلا قالماستىن يەنە بازار ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالايدىغان قابىلىيەت بولۇشى كېرەك . ئۇتۇق قازانغان مۇۋاپپەقيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بازار دىكى سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالىغان ، ئۈزلۈكسىز ئىزدنىپ كۈرەش قىلغان . ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇپ مۇۋەپپەقيەت قازانغان .
نۇرغۇنلىغان باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدغانلار ئۆزنىڭ باي بولۇش شېرىن چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان .