ماركا بىلەن پاتنىتنىڭ كارخانىغا زادى قانداق پايدىسى بار
يانفوندا كۆرۈش
بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى – بايلىقنى قوغدايدۇ ، بايلىق يارىتىدۇ ، بۇ بىر ھەقىقىي سوئال بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق ھەرخىل ئاساس ۋە يەكۈنلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى بايلىق يارىتىش جەريانىدا ، ماركا ،پاتىنىت ، نەشىر ھوقۇقى قاتارلىق مەسلىلەرنى قانداق ئىشلىتىش دىگەندەك مەسلىلەرگە تاقىلىدۇ . بۈگۈن مەن سىلەرگە ماركا بىلەن پاتنىتنىڭ كارخانىغا زادى قانداق پايدىسى بارلىقى ھەمدە ئۇنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرمەكچىمەن .
ماركا بىلەن پاتىنىتنىڭ پەرقى
ئاددىي قىىلپ ئېيتقاندا ، ماركا بىلەن پاتىنىت تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىنىقلىما ، بىراق بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى دائىرىسىگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى تەرەپلەردە ئۆز –ئارا باغلىنىشلىقى بار .
قانۇندىكى ئىنىقلىمىسى مۇنداق : ماركا بولسا كارخانا ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت جەھەتتە ئىشلىتىلىشى بولۇپ ، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ باشقا كارخانىلار ئۈچۈن تەمىن قىلىنغان مەھسۇلات مۇلازىمەت پەرقىنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئىپادىسى .
پاتىنىت بولسا پاتىنىت ھوقۇقىنىڭ قىسقارتىلمىسى . ئۇ دۆلەتنىڭ پاتنىت ئورگىنى پاتىنىت قانۇنىغا ئاساسەن باشقۇرىدىغان ، كەشپىياتنى ئىلتىماس قىلغۇچى مەلۇم بىر مەزگىل ئىچىدەكەشپىيات ھوقۇقىنىمونۇپۇل قىلغان ، ئىجرا قىلغان ھەمدە بىر تەرەپ قىلغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ .
خەتنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ، ماركا – ئىشلىتىش جەھەتتەب خېلى بىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ ، چۈنكى ئۇ باشقا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەرنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بەلگە . پاتىنىتنىڭ بولسا مونۇپۇل قىلىشى ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ ، ئۇنىڭ بازار تالىشىىش جەھەتتە ئىگەللەيدىغان مۇمكىنچىلىكى چوڭراق بولىدۇ ئەلۋەتتە . كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ، باشقىلار سىزنىڭ ماركا ھوقۇقىڭىزغا دەخلى – تەرۇز يەتكۇزمىگەن بولسا ، ماركىدىن پايدىلىنىپ خەق بىلەن پۈت تىپىشقاننىڭ ھىچقانداق بىر پايدىسى يوق ( بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم داڭلىق ماركا ئوبرازىڭىز ياكى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى جەھەتتە بەيگىگە چۈششىڭىز بولىدۇ ، لىكىن ماركىنىڭ ئەسلى بار بولغان ئالاھىدىلىكى بىلەن بەيگىگە چۈشمەڭ دىمەكچى .) ، بىراق پاتىنىت مانا بۇ يەردە ئەسقاتىدۇ .
ئەگەردە بىر كارخانا ماركا ئىلتىماس قىلغان ، لىكىن پاتىنىتقا نىسبەتەن ھىچقانداق بىر قوغدىنىش ئېلىپ بارمىغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ كارخانىنىڭ بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى تېخى دەسلەپكى مەزگىلدە تۇرىۋاتىدۇ دىگەن گەپ . باشقىلار سىزنى پاتىنىت ھوقۇقى جەھەتتە يىقىتىشى مۇمكىن ، ھەرگىزمۇ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ھىچقانداق بىر تىخنىكىلىق سەۋىيىسى يوق دەپ قارىماڭ ، شۇنداق بىر پاتىنىت ھوقۇقى بار بولۇپ بىز ئۇنى سىرتقى لاھىيلەش ھوقۇقى پاتنىتى دەيمىز . بۇنىڭ مەقسىتى بولسا ئاساسلىقى « سىرتقى لاھىيىلەش«نى قوغداشتىن ئىبارەت . دۆلىتىمىزدە ماركىنى ئاۋۋال ئىشلىتىپ ئاندىن ئىلتىماس قىلسا ، پاتىنىتنى «پاتىنىت قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكىلىگە ئاساسەن ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلاندىن كىيىن قوللىنىش شەكىلى قوللىنىلدۇ . بۇ ئارقىلىق ئاۋۋال ئىشلىتىلۋاتقان لىكىن پاتىنىت ئىلتىماس قىلمىغان مەھسۇلات ياكى تەدبىرلەر ئۈچۈن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ . پەزەر قىلىپ باقايلى ، مەسلەن كىيىم –كىچەك ساھەسىنى مىسالغا ئالايلى ،سىز كىيىم – كىچەك لاھىيلەش جەھەتتە ھىچقانداق بىر قوغداش تەدبىرى قوللانمىغان بولسىڭىز، باشقىلار ئۇنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىپ پاتىنىت تەلەپ قىلۋالغاندىن كىيىن سىزنى مېنىڭ پاتنىت ھوقۇقىمغا دەخلى –تەرۇز قىلدى دەپ ئەرز قىلسا ، بۇنىڭدىنمۇ ئىچىنىشلىق ئەھۋال بولماس !
ماركا بىلەن پاتىنىتنىڭ مۇناسىۋىتى
ئالدى بىلەن ، پاتىنىت بىلەن ماركا بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ ، ھەر ئىككىلىسى كارخانىنىڭ كۆرۈنمەس بايلىقى ھەم يومشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئىپادىسى ، ئوخشاشلا كارخانىنىڭ بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى ، بايلىق يارىتىش ئىقتىدارى ، ئوبۇرۇت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ھىسابلىنىدۇ . ماركىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۇپ بېرىش ، ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىش ، گۆرۈگە قۇيۇش قاتارلىقلار ئىشلىتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ . ئەمما كارخانىنىڭ ئۆزىدە بۇنداق ماركا تىجارىتى دەيدىغان گەپ يوق . ماركا بازاردا داڭلىق ئوبراز يارىتىش رولىنى ئوينايشتىن باشقا يەنە داڭلىق ماركا دىگەن ئۇقۇم مەھسۇلات سۈپىتى ، كارخانا ئوبرازى ھەمدە كارخانىنىڭ داڭلىق ماركا ۋە بازار ئورنىنىڭ تىكلىنىشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان مەھسۇلاتنىڭ ئەمەلىي ئۆز ئىچىگە ئېلىنىشى ۋە ۋەكىللىك قىلىنىشى ھىسابلىنىدۇ .
پاتىنىتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇھىم رول ئوينايدۇ ، چۈنكى پاتىنىت ھەردائىم ئىلغار پەن – تىخنىكىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىلىپ كەلگەن بولۇپ ، داڭلىق ماركىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل ھىسابلىنىدۇ . پاتىنىتمۇ ماركىغا ئوخشاش ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ ، ئۇنى ئۆتۈنۇپ بىرىشكە ، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشقا ، گۆرۈگە قۇيۇشكا ، ئىقتىسادقا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ .
ماركا بىلەن پاتىنىتنىڭ ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر يېرى شۇكى ، سىتىرولۇق ماركا بىلەن سىرتقى لاھىيەنىڭ ئىككىسىلا ماركىنىڭ سىرتقى شەكىلى ياكى مەھسۇلاتنىڭ ئوراپ – قاچىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . بىراق ئىككىسىنىڭ يەنىلا روشەن ئالاھىدىلىكى باربولۇپ ، قوغداش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ .
ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى بىلىم ئامبىرىنىڭ ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش ، پاتىنىت ئىلتىماس قىلىش ، نەشىر قىلىش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماي يەنە ماركىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ماركا تەكشۇرۇش ئىقتىدارىمۇ بار ، ماركا تەكشۇرۇش ماركا ئەنگە ئالدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ، بۇنىڭ مەقسىتى بولسا كارخانىلارنى ئاۋارگەرچىلىكتىن خالاس قىلىش ئەلۋەتتە . سىزنى باشقىلار ئىلتىماس قىلغان ماركىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشىڭىزدىن ساقلايدۇ . جۇڭشى يۇمشاق دىتالى كارخانىلارنىڭ مۇشۇ تەلىپىنى چىقىش قىلىپ ياسالغان بولۇپ ، تىلفۇن ئۇرۇش ، مەسلىھەت سوراش ھاجەتسىز ، سىز ئۆزىڭىزلا ماركىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ – يوق دىگەننى تەكشۇرەلەيسىز ، ۋاقتىڭىزنى تىجەپ بېرىدۇ .
ئەگەردە سىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا قانداق قوغداش ، ماركىنى قامداق ئەنگە ئالدۇرۇش ، پاتىنىتنى قانداق ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق مەسلىلەرنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ، كونۇپكىنى يىنىك بىر چەكسىڭىزلا بولىدۇ .
www.dildost.com