ياراملىق ئىگىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشنىڭ 100مىزانى (3)
ۋاقتى: 2016-09-26
ئاۋاتلىقى: 749 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
3. رەھبەر بولغان كىشى ئۆز كەسپىنى پىششىق بىلىشى كېرەك
① ئەگەر رەھبەر بولغان كىشىنىڭ ئازراقمۇ كەسپىي بىلىمى بولمىسا، قول ئاستىدىكىلەر بىزگە بىلىمسىز كىشى رەھبەرلىك قىلىۋېتىپتۇ، دەپ قاراپ،رەھبەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
② رەھبەر بولغان كىشى ئۆز تارمىقىنىڭ كەسپىنى پىششىق بىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن كارخانىنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىلىشى لازىم.
③ رەھبەر بولغان كىشى ئۆز كارخانىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۆز كارخانىسنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەتلىشىدىغان كارخانىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن بولغان پەرقىگە قارىتا ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولۇشى لازىم.
④ رەھبەر بولغان كىشى ئۆز كارخانىسنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىلا ئىگىلەپ قالماستىن، بەلكى قول ئاستىدىكىلەرنىڭمۇ ئىگىلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى، قول ئاستىدىكىلەرگە ئۆز كارخانىسنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىسنى تېخىمۇ ياخشىلاش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم.
ئۆز مەھسۇلاتىنى چوقۇم چۈشىنىش لازىم
ھازىرقى جەمئىيەتتە، تاۋارنىڭ ئوبوروت دەۋرى ناھايىتى قىسقا. بارلىق تاۋارلار خۇددى مودا كىيىم ئارتىسلىرى سەھنىدە ئۆزىنى بىر قېتىملا كۆرستىپ قويۇپ غايىب بولغىنىغا ئوخشاش يېڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كىشلەر بەزىدە ئۆز كارخانىسنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئانچە چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ...
بۇ، ھەرگىز تۇترۇقسىز گەپ ئەمەس، ئۆز كارخانىسنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان كىشلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، بۇنداقلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا بەزى كارخانا رەھبەرلىرىمۇ بار.
مەلۇم بىر كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كارخانا ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا بىر قېتىم ئۆز كارخانىسى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ نامى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە 20 خىل مەھسۇلاتنىڭ نامىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلىگەنلەر بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ %20 ىگىمۇ يەتمىگەن. ھالبۇكى، ئۆز كارخانىنى ئىشلەپ چىىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ نامىنىمۇ دېيەلمەيدىغان بۇ كىشلەر قىلچە خىجىللىق ھېس قىلمىغان. بۇ ئىش كىشىنى ھەقىقەتەن ئەجەبلەندۈرگەن.
رەھبەر بولغان كىشى ئادەتتە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئورنىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىق بىلىۋېلىشىنى تەكىتلەپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلىشى لازىم. لېكىن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ باشقۇرىدىغان كەسپىنى پىششىق بىلىشى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇشى لازىم.
Tags: ئىگىلىك باشقۇرغۇچى