-
2010-05-09
ھىدايەتنامە
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.
سۆزۈمنىڭ باشى بىسىمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانا يۇ ھەمدلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بۇرھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر..
تىلەيمەن رەببىم ئاللادىن قولۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى ، -
2010-05-04
«تەڭداشسىز ھەقىقەت»
«تەڭداشسىز ھەقىقەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ھەقىقەتنىڭ زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئۈستۈنلۈك شەرىپىگە نائىل ئىكەنلىكى، ساغلام ئەقىدە بىلەن شەرەپلەنگۈچىلەر ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە پەخىرلىنىشى لازىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچلىرىدا ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
-
2010-04-25
چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت
ئەسەر ئاپتۇرى :ئەزىز ئىمىر يانغىن
يادىكار ئاۋازىدا : ئابدۇسالام
گۈلزىبا ئاۋازىدا : زاھىرە
نەفىسە ئاۋازىدا : رەنا
تۇرسۇن ئاۋازىدا : ئەكرەم
باشقا ئاۋازلاردا : رۇزى ، كېرەم ....باس باس تورى ئاۋازغا ئېلىش ، تەھرىرلەش ئىشخانىسى ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان .
-
2010-04-22
ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز
ئەسەر ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
مۇرات ئاۋازىدا : ئابدۇسالام
ئايگۈل ئاۋازىدا : زاھىرە
سەمەت لوبەن ئاۋازىدا : ئەكرەم
تايسىن ۋە باشقا پىرسۇنازلار ئاۋازىدا : كېرەم ، رۇزى ...باس باس تورى بىلەن خىيال مىدىيا تورى بىرلىشىپ ئاۋازغا ئالغان .
-
2010-04-18
ئانىلار كۈلسۈن
ئانىلارنىڭ قۇچىقى قۇياشنىڭ تەپتى، يۈرىكى ۋاپادارلىقنىڭ ساخاۋىتىگە تويۇنغان. ئانىلاردىكى مېھىر – مۇھەببەت دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر، سامادىنمۇ كەڭرى. ئانىلارنىڭ ئىللىق باغرىغا بارچە گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن. ئانىلارگۈزەللىك ياراتقۇچى. ئانىلار خىسلىتى چىداملىقتا قورام تاشلارنى يېرىپ چىقىپ، ئاسمانغا بوي تارتقان قارىغاي، پاكلىقتا سۈپسۈزۈك بۇلاق. ئانىلارنىڭ قۇدرىتى ئالەمچە يۈكسەكلىككە ئىگە، ئانىلار ھاياتلىقنى ھاياتلىققا ئۇلىغۇچىلاردۇر.
ئانىلار دىل چىرىغىنىڭ يورۇقلۇقى ئەسلا غۇۋالاشمايدۇ. ئانىلارنىڭ ئاپئاق ئاقارغان چاچلىرى ئاق تىلەك، ئاق يولنىڭ سىماسى، ئانىلارنىڭ ئېگىلگەن قامىتى كىشىلەرنى ئۆز مېۋىسىگە ئېغىز تەگكۈزۈش ئۈچۈن زېمىنغا ئېگىلگەن مېۋىلىك دەرەخنى ئەسلىتىدۇ.
-
2010-04-18
ئۇ سېنىڭ داداڭ
ئېسىلزات بولسىمۇ ئۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ .
ئۇلۇغزات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ .
سۇمباتلىق بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ .
باياشات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ .
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ .ئۇ سېنى چوڭ قىلدى مىڭ تەستە بېقىپ ،
جېنىم دەپ پەپىلەپ باغرىغا بېسىپ .
ئۇتۇڭدا كۈيۈپ سۈيۈڭدە ئېقىپ ،
قاق سەنەم بولسىمۇ بارىنى سېتىپ .
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ . -
2010-04-18
بوز تورغايغا تەڭكەش قىلغۇم بار
يامغۇر يېغىپ پاتقاق بولدى ھەممە ياق ،
تۇلۇپ كەتتى ئېرىق ،ئازگال ، چۆنەكمۇ ...
بۇلۇت دىگەن نىمە ئانچە يىغلاڭغۇ ؟
دەيسەن ئۇنى كۆمتۈرۈلگەن چىلەكمۇ ؟بۇ ھۆلچىلىك يېشىل ھايات ھامىيسى ،
بېرىپ تۇرار خۇشاللىقتىن دېرەكمۇ ؟
ناخشا ئېيتىپ تۇرسا تورغاي توقايدا ،
قايغۇ -غەمدە ئاھ ئۇرۇشۇم كېرەكمۇ ؟! -
2010-04-18
چۈنكى مەن ئادەم
بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا ،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى .
خىزىر بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېىنىم ،
تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ سالغان پېتى .
شۇڭا يۇرت پايغان بولسا ماڭا ماتەم
چۈنكى مەن ھىسىياتلىق ھايات ئادەم .تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل چىمەننى ،
ئۆرىلەر قىر بېشىغا سەۋر قاچام .
قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا ،
چىمەنگە قانات يېپىپ مەن ھەرقاچان .
چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم ،
گۈزەللىك پايغان بولسا ماڭا ماتەم ....