• بوز تورغايغا تەڭكەش قىلغۇم بار - [ئاۋازلىق ئەسەرلەر ]

    بوز تورغايغا تەڭكەش قىلغۇم بار

    مۇختار بۇغرا

    يامغۇر يېغىپ پاتقاق بولدى ھەممە ياق ،
    تۇلۇپ كەتتى ئېرىق ،ئازگال ، چۆنەكمۇ ...
    بۇلۇت دىگەن نىمە ئانچە يىغلاڭغۇ ؟
    دەيسەن ئۇنى كۆمتۈرۈلگەن چىلەكمۇ ؟

    بۇ ھۆلچىلىك يېشىل ھايات ھامىيسى ،
    بېرىپ تۇرار خۇشاللىقتىن دېرەكمۇ ؟
    ناخشا ئېيتىپ تۇرسا تورغاي توقايدا ،
    قايغۇ -غەمدە ئاھ ئۇرۇشۇم كېرەكمۇ ؟!

    ئەلەم كۆرسەم سەن كۈلىسەن سەبدىشىم ،
    سەنتۈرۈلۈپ يىقىلساممۇ پاتقاققا .
    ئېرىشىمەن غايىۋانە قۇدرەتكە ،
    بېشىم تەگسە چىلان رەڭگى تۇپراققا .

    گۈزەل تۇپراق بىرەر ماڭا گۈزەل غەم ،
    بەرگىنىدەك سۈبھى شەبنەم ياپراققا .
    كۆككە باقسام گۈلدۈرماما ئۈندەيدۇ ،
    ئاۋاز قۇيۇپ بېرىپ ناخشا ئېيتماققا .

    دەرەخ ،دەرەخ شىلدىرلاتما شېغىڭنى ،
    ناخشا توۋلاپ چىقىپ كەتسۇن ھاردۇقۇم .
    تارتىپ كىتەي پىغانلارنى ئۈزەملا ،
    قالمىسىلا رازى ئىدىم سەندە غۇم  .

    بوز تورغايغا ناخشا تەڭكەش قىلغۇم بار ،
    لېكىن ، سەندىن يوقتۇر ئەسلا ئۆچ ئالغۇم .
    ناخشا توۋلاپ چىقىپ ئالسام پۇخادىن ،
    باردۇر مېنىڭ تىنچ مۇھىتتا تىنچ قالغۇم .

    مېنىڭ ناخشام خۇشاللىقنىڭ ئەلچىسى ،
    قۇچاق ئاچار كۈلپەت تارتقان ئادەمگە .
    پاتقاق يولغا پۇتۇم كۈنۈپ قالدىمۇ ،
    ماسلاشمايدۇ ھېچبىر ئومۇم قەدەمگە .

    تۈز يول ، ئاتاق ، سەھنە ...ماڭا نە كىرەك ،
    توۋلاپ باراي ناخشامنى ئۆز پەدەمگە ...