• ئانىلار كۈلسۈن - [ئاۋازلىق ئەسەرلەر ]

    ئانىلار كۈلسۈن

    كامال جامال

       ئانىلارنىڭ قۇچىقى قۇياشنىڭ تەپتى، يۈرىكى ۋاپادارلىقنىڭ ساخاۋىتىگە تويۇنغان. ئانىلاردىكى مېھىر – مۇھەببەت دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر، سامادىنمۇ كەڭرى. ئانىلارنىڭ ئىللىق باغرىغا بارچە گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن. ئانىلارگۈزەللىك ياراتقۇچى. ئانىلار خىسلىتى چىداملىقتا قورام تاشلارنى يېرىپ چىقىپ، ئاسمانغا بوي تارتقان قارىغاي، پاكلىقتا سۈپسۈزۈك بۇلاق. ئانىلارنىڭ قۇدرىتى ئالەمچە يۈكسەكلىككە ئىگە، ئانىلار ھاياتلىقنى ھاياتلىققا ئۇلىغۇچىلاردۇر.

        ئانىلار دىل چىرىغىنىڭ يورۇقلۇقى ئەسلا غۇۋالاشمايدۇ. ئانىلارنىڭ ئاپئاق ئاقارغان چاچلىرى ئاق تىلەك، ئاق يولنىڭ سىماسى، ئانىلارنىڭ ئېگىلگەن قامىتى كىشىلەرنى ئۆز مېۋىسىگە ئېغىز تەگكۈزۈش ئۈچۈن زېمىنغا ئېگىلگەن  مېۋىلىك دەرەخنى ئەسلىتىدۇ.

        كۆز چاناقلىرىمدىن مەڭزىمگە دومىلاپ چۈشۈۋاتقان ياش تامچىلىرىدا ئانامنىڭ سىماسى ئەكس ئېتەتتى. ئانامغا قانمىغان باغرىم چاڭقاق تۇپراقتەك چاك – چاك يېرىلاتتى. شىۋاق باسقان قارا تۇپراقنى كېزىپ ئانامنى ئەسلىگەن چاغدا ۋىجدانىم يۈرىكىمنى ئامبۇردەك قىساتتى. توۋا، ئىلگىرى ئانام مۇشۇ شىۋاقلاردىن سۈپۈرگە ياساپ، قورۇ – كوچىلارنى تىنماي سۈپۈرەتتى. مانا ئەمدى ئاشۇ شىۋاقلار ئانامنىڭ قەبرىسىگە ئۈنۈپ مەڭگۈلۈك جۇدالىقتىن بەلگە بېرىپ تۇرۇپتۇ. يۈزلىرىمنى كاچاتلاپ، چاچلىرىمنى يۇلساممۇ، ئادا قىلالمىغان پەرزەنتلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئەمدى تولۇقلاشقا ئامال يوق ئىدى. ياسىداق ئۆيلىرىم، تۇتام – تۇتام پۇللىرىم، غەمسىز، بېخارامان ئۆتكەن كۈنلىرىم ... ئەگەر مۇمكىن بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانامنىڭ بىر كۈن ئارتۇق ياشىشى ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا رازى ئىدىم، ئەپسۇس... مېنى توسۇماڭلار، ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلىۋالاي، ماڭا تەسەللىي بەرمەڭلار، ئانام ئەللەي ناخشىلىرى بىلەن تالاي كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپمۇ ھارمىغان تۇرسا، مەن يىغلاپ ھاراتتىمۇ؟ ئەپسۇس، ئانامنىڭ ناخشىسى ماڭا ئالەمچە شادلىق بېغىشلىغان، مېنىڭ يىغام ئازابلىق تولغىنىشتۇر...

        كىشىلىك ھاياتتا گۈزەل ئەسلىمىلەر ئادەمگە ئۆمۈر بويى مەنىۋى زوق ئاتا قىلسا، ئاچچىق ئەسلىمىلەر دىل يارىسىغا ئايلىنىدۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ئادىمىيلىك قىممىتىنى يارىتىش تامامەن مۇمكىن. ئادەمنىڭ توغۇلۇپ ئۆلۈشىنى ھېچقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ،دېمەك، ئانىلار ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنى مەڭگۈ داۋام قىلغۇچىلاردۇر. ئانىلار بولىدىكەن، ئىنسان ھاياتى مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ. ئەمما، ئىنسان ھامان ئانىلارنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىغا، مېھىر – مۇھەبببتىگە سەل قارايدۇ، بۇ سەۋەبلىك بەزى ئانىلار ھاياتلىقىدا  تېگىشلىك قەدىرلىنىشلەردىن بەھرىمەن بولالمايمۇ قالىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئانىلارغا كېرەكلىكى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ پۇلىمىز، بايلىقىمىز ئەمەس، بەلكى مېھىر – مۇھەببىتىمىز، روھىي تەسەللىمىزدۇر. ئانىلارنىڭ دىلى پەرزەنتلەرنىڭ بەختىدىن سۇ ئىچىدۇ. ئانىلار شادلانسا، پەرزەنت كۆكلەيدۇ، ئائىلىگە بەرىكەت ياغىدۇ. خىزمەت ۋە ئادەمگەرچىلىك بىلەن ئالدىراش كۈنلىرىمىزدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئانىلارنى يوقلايلى. ئانىلارنىڭ ئالدىدا قاپىقىمىز غورىغا، چىرايىمىز مۇزغا ئايلىنىپ قالمىسۇن! سىرقىراپ ئاغرىۋاتقان پۇتلىرىنى تۇتۇپ، چاچلىرىنى تارايلى، پۇتىمىزنى يەرگە تەگكۈزمەي يۈدۈپ يۈرۈپ چوڭ قىلغان دۈمبىلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويايلى...ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئانىلار كۈلسە، ئالەم كۈلىدۇ.