• چۈنكى مەن ئادەم - [ئاۋازلىق ئەسەرلەر ]

    چۈنكى مەن ئادەم

    تاھىر تالىپ

    بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا ،
    پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى .
    خىزىر بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېىنىم ،
    تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ سالغان پېتى .
    شۇڭا يۇرت پايغان بولسا ماڭا ماتەم
    چۈنكى مەن ھىسىياتلىق ھايات ئادەم .

    تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل چىمەننى ،
    ئۆرىلەر قىر بېشىغا سەۋر قاچام .
    قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا ،
    چىمەنگە قانات يېپىپ  مەن ھەرقاچان .
    چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم ،
    گۈزەللىك  پايغان بولسا ماڭا ماتەم .

    ...