-
2010-06-07
خانىم- قىزلارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل قايسىلار؟ - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65363384.html
1. تۇخۇم نەيچىسى ئامىلى: كۆپىنچە تۇخۇم نەيچىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى، تۇبېركۇليۇز، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ غەيرىي ئورۇنلىشىشى قاتارلىقلار تۇخۇم نەيچىسىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە داس بوشلۇقى، قورساق بوشلۇقىدىكى بەزى ياللۇغلىنىشلارمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. بالىياتقۇ ئامىلى: بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە تۇبېركۇليۇزى، بالىياتقۇ بوشلۇقى چاپلىشىپ قېلىش، زىيادە قىرىلىش، بالياتقۇ گۆش ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مۇنچاق گۆشى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ غەيرىي ئورۇنلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇ دىۋارىغا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. بالىياتقۇ بوينى ئامىلى: بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى، بالىياتقۇ ئاغزى تار بولۇش قاتارلىقلار.
4. تۇخۇمدان ئامىلى: تۇخۇمداندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە پۈتۈن بەدەندىكى ئۆتكۈر ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۇخۇمداندا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىپ، ھامىلدار بولۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
5. تۇغما ئېرسىيەت سەۋەبلىك كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكى.
6. كۆپ قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوڭايلا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ھەددىدىن زىيادە ئەندىشە قىلىش ياكى قايغۇرۇش، زىيادە جىددىيلىشىشمۇ تۇخۇم چىقىرىشقا توسالغۇ بولىدۇ.
8. باشقا ئامىللار يەنى ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلىمېنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق ئامىللار تۇغماسلىققا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
历史上的今天: