-
2010-06-07
جىنسىي كېسەللەر قانداق قىلىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65363531.html
1. تۇخۇم نەيچىسى جىنسىي كېسەل سەۋەبىدىن ياللۇغلىنىپ، تۇخۇم نەيچىسى دىۋارىنى توسۇپ قويىدۇ. مانا بۇ خانىم-قىزلارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل.
2. جىنسىي كېسەل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي يول ياللۇغى، كۆپ مىقداردىكى يىرىڭ ھۈجەيرىسى ئۇرۇقنى يۇتىۋېلىپ، ئۇرۇقنىڭ ھەركەتچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇرۇقنىڭ ئۆمۈرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ.
3. جىنسىي كېسەل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، ئۇرۇقنىڭ بالىياتقۇ بوينىدىن بالىياتقۇ دىۋارىغا كىرىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، ھەتتا ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان يىرىڭلىق ئاجرالمىلار ئۇرۇقنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.
4. جىنسىي كېسەلدىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ دىۋارىغا ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشالمايدۇ.
5. جىنسىي كېسەلدىن كېلىپ چىققان تۇخۇمدان ياللۇغى تۇخۇمنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە چىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
历史上的今天: