-
2010-06-07
ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65362995.html
ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن 2 سائەت كۈزىتىش كېرەك. جىنسىي يولدىن قان كېلىش، قورساق ئاغرىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە ئۆيگە قايتسا بولىدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن، چوقۇم ئىككى ھەپتە دەم ئېلىشى كېرەك. بۇ مەزگىلدە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ۋە زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىش، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.
سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن، ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، كۈندە ئىلمان سۇ بىلەن 1-2 قېتىم يۇيۇپ بېرىش، تازىلىق لاتىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىككى ھەپتىنىڭ ئىچىدە ياكى جىنسىي يولدىكى قان توختىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ۋاننىدا يۇيۇنماسلىق، بىر ئاي ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. ئەگەر قىزىسا، قورسىقى ئاغرىسا ياكى جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى غەيرىي پۇرىسا، ياللۇغلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا دەل ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.
سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئاز مىقداردا قان كېلىشى مۇمكىن. ئادەتتە 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە ئاستا-ئاستا توختايدۇ. كۆپ بولغاندىمۇ 10 ياكى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر جىنسىي يولدىن كەلگەن قان ھەيز مىقدارىدىنمۇ كۆپ، داۋاملىشىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىتىش كېرەك.
1. سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش يىغىندا ئالامىتى: ئاز ساندىكى ھامىلىدار ئاياللار سۈمۈرتۈش ياكى قىردۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش جەريانىدا ياكى ئوپېراتسىيىدىن كېيىنلا يۈرەك سېلىشى ئاستىلاش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، سوغۇق تەرلەش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ۋە دېمى سىقىلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
2. ھەيز تەڭپۇڭسىزلىق: كۆپىنچە سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش جەريانىدا ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش، قورقۇش، تەشۋىشلىنىش، چارچاش ۋە ئوپېراتسىيىدىن خۇدۈكسىرەش قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش بالىياتقۇغا ئېغىر زەخىم ئېلىپ كەلگەنلىكتىن، ھەيزنىڭ توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
3. ھامىلدار بولالماسلىق: سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرگەن ۋاقىتتا، باكتېرىيىلەر بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرىپ، تۇخۇم نەيچىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوپىراتسىيە يەنە بالىياتقۇ بوينى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى زەخملەندۈرۈپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ چاپلىشىپ توسۇلۇشىنى پەيدا قىلىپ، ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
历史上的今天: