-
2010-06-07
ھامىلە چۈشۈرۈش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلىنى قانداق تاللاش كېرەك؟ - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65362823.html
ھامىلىدار بولۇپ 10ھەپتىنىڭ ئىچىدە ھامىلە چۈشۈرسە ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈش قانچە بالدۇر بولسا، چۈشۈرۈش ئۇسۇلى شۇنچە ئوڭاي، بەدەنگە بولغان تەسىرى شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇسۇلى شۇنچە مۇرەككەپ بولۇپ، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىمۇ شۇنچە ئاستا بولىدۇ.
كۆپ قوللىنىلىدىغان دەسلەپكى مەزگىللىك ھامىلىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇللىرى: دورا ئارقىلىق چۈشۈرۈش، بالىياتقۇنى سۈمۈرتۈش(تەتۈر بېسىم بىلەن سۈمۈرتۈش ئۇسۇلى) ۋە قىردۇرۇش. دورا ئارقىلىق چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ھامىلىدارلىق مەزگىلى 7 ھەپتىدىن تۆۋەن بولغانلارغا ماس كېلىدۇ. بالىياتقۇنى سۈمۈرتۈش ئۇسۇلى ھامىلىدارلىق مەزگىلى 10ھەپتىنىڭ ئىچىدە بولغانلارغا ماس كېلىدۇ. قىردۇرۇش ئۇسۇلى ھامىلىدارلىق مەزگىلى 10 ھەپتىدىن 14ھەپتىگىچە بولغانلارغا ماس كېلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دورا ئارقىلىق بالا چۈشۈرۈش چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلى 14ھەپتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى قىلىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلدا ھامىلىدار ئايالغا نىسبەتەن ئوپېراتسىيىنىڭ ئاغرىقى ۋە خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
ئەگەر ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلسە، بىراق تۇغۇشنى خالىمىسا، ئامال بار ھامىلىنى 10ھەپتىنىڭ ئىچىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك. چۈنكى ھامىلىدارلىق مەزگىلى قانچە ئۇزارسا، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ خەتىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق، ئوپېراتسىيىدىن بىر كۈن بۇرۇن يۇيۇنۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ياكى زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئوپېراتسىيە قىلىدىغان كۈنى ئەتىگەندە تاماق يېمەسلىك، شېكەر سېلىنغان قايناقسۇ ئىچىش. ئوپېراتسىيە ۋاقتىدا دوختۇرغا ماسلىشىش، ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىپ كەتمەسلىك.
历史上的今天: