-
2010-06-07
توي قىلمىغان قىزلارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65362601.html
توي قىلمىغان قىزلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئوخشىمىغان تۈردىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا بولىدۇ.
جىنسىي ھەمراھى بىر قەدەر مۇقىم بولغان توي قىلمىغان خانىم -قىزلار
كۈندىلىك تۇرمۇشى تەرتىپلىك، كەيپىياتى تۇراقلىق، ھەيز دەۋرى نورمال بولغان قىزلار بىخەتەر مەزگىلىدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلانسا (يەنى ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ياكى ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە) بولىدۇ. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، خانىم-قىزلارنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋاقتى نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتىنى توغرا ھېسابلاش ئىنتايىن قىيىن بولغاچقا، بىخەتەر مەزگىلىدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. تۆۋەن دېگەندىمۇ 10%-20%كېچە بولىدۇ (تۇرمۇشى تەرتىپسىز بولغان خانىم-قىزلارنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى ھەتتا 40%-50% گىچە يېتىدۇ). خەتەرلىك مەزگىلدە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ياكى تېز ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر جىنسىي ھەمراھىنىڭ سىرتتا يەنە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھەر قېتىمدا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپتىن جىنسىي كېسەل يۇقتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
جىنسىي ھەمراھى مۇقىم بولمىغان توي قىلمىغان خانىم- قىزلار
جىنسىي ھەمراھى مۇقىم بولمىغاندا، ھەرخىل جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىزنى ئوڭايلا يۇقتۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا شەخسنىڭ سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك. بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش قولايلىق، ئۈنۈمى ياخشى، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق، ھەم ھامىلىدارلىقتىن ساقلايدۇ ھەم كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى نۇرغۇن ئورۇنلاردا ساتىدۇ. بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئېلىپ يۈرۈش قولايلىق، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى « بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئېلىپ يۈرۈش پاھىشە ياكى پاھىشىۋازلىقنىڭ پاكىتى بولالمايدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن.
جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى
بىخەتەرلىك قاپچۇقى يېرىلىپ كېتىش ياكى سىيرىلىپ كېتىش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىسىنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىش، بىخەتەر مەزگىلنى خاتا ھېسابلاپ قويۇش، باسقۇنچىلىققا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار خانىم-قىزلارنىڭ تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشىقا توغرا كېلىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش چوقۇم 72 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغاندا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. تەشەببۇس قىلىنىدىغان ھامىلىدارلىقتىن جىددىي ساقلىنىش ئۇسۇلى بولسا: جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن دەرھال لېۋو نورېتىندرون (左旋炔诺酮)،[تاۋار ئىسمى يۈتىڭ (毓婷)، ئۆلچىمى 0.75 مىللىگرام﹨ تابلېتكا، رېتسېپسىز دورا بولۇپ، ھەرقايسى دورىخانىلاردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ] دىن بىر دانە ئىچىش، ئاندىن 12 سائەتتىن كېيىن قايتا بىر دانە ئىچىش. دىققەت: ھامىلىدارلىقتىن جىددىي ساقلىنىش مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ۋاقىتلىق چارە. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىدەك ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە سالامەتلىككە زىيانلىق. شۇڭا ئۇنى دائىملىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى قىلىۋالماسلىق كېرەك.
历史上的今天: