-
2010-06-07
ھەيز مەزگىلىدىكى ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان بىر قانچە خىل ئۇسۇل - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65358049.html
1. تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يەڭ: يېمەك-ئىچمىكىڭىز تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك. زىيادە تاتلىق ياكى تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. كۆكتات، مېۋە-چېۋە، بېلىق قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ.
2. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاڭ: مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C، B6، B1، كالتسىي ۋە ماگنىيلارنى تولۇقلاشنىڭمۇ ئاغرىقنى پەسەيتىشكە مۇئەييەن ياردىمى بولىدۇ.
3. كوفېئىندىن ساقلىنىڭ: قەھۋە، چاي، كولا ۋە شاكىلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى كوفېئىن ھەيز مەزگىلىدىكى ساقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ مەزگىلدە كوفېئىن ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.
4. ئۆزىڭىزنى ئىسسىق تۇتۇڭ: قورساق قىسمىغا گرېلكا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزسە، ئاغرىقنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ.
5. قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىڭ.
6. ھەرىكەت قىلىڭ: بولۇپمۇ ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى مېڭىپ بەرسىڭىز ياكى باشقا مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرسىڭىز، ھەيز مەزگىلىدە بەك بىئارام بولۇپ كەتمەيسىز.
历史上的今天: