ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

مائارىپ = ياخشى ئادەت

ۋاقىت : 2013-11-28 22:19 | مەنبەسى : birdada.com | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

مائارىپ = ياخشى ئادەت


ئېينىشتىيىننىڭ مائارىپ ھەققىدە ئېيتقان«كىشىلەر مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ كەتكەندىن ئېشىپ قالىدىغان نەرسە -دەل مائارىپ» دېگەن سۆزى ھەقىقەتەن مائارىپ ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى سەگىتىدۇ. مەكتەپتە ئۆگەنگەن بارلىق بىلىملەر ئۇنتۇلۇپ كەتسىمۇ ئۇنتۇلمايدىغان ئۇ نەرسە زادى نېمشقا مائارىپ بولىدۇ؟ چۈنكى ئېينىشتىيىن دېگەن ئۇ مائارىپ دەل - ئىنساننىڭ ساپاسى ئىدى. شۇنداق ئۇنتۇلمايدىغىنى ئىنسان ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن ساپا. بۈگۈنكى كۈندە ئەسلىدىنلا ئىنساننىڭ ساپاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مائارىپنى «ساپامائارىپى» دېگەندەك ئارتۇقچە ئىنىقلىما بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئاتاش بىرتەرەپتىن قارىغاندا راستىلا كۈلكىلىك.

مائارىپ يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئىنسان ساپاسىنى ئاددىيلاشتۇرساق ئۇ ئىنسان ئۆزىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان بىرقاتار ياخشى ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ياشاش ئادىتى دەرۋەقە ئىنسان ئۇنتۇپ كەتمەيدىغان ئاساسى ساپالارنىڭ بىرقىسمى.

ئۇنداقتا كەسىپداشلار دىققەت، تۆۋەندە بالىلاردا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بىرقاتار ياخشى ئادەتلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز، قارشى پىكىر ياكى تولۇقلىما پىكىر بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

دېگىنىنى قىلىش (لەۋزى ھالال)

سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، يەنى لەۋزى ھالاللىق- ئەقەللىي ئادىمىيلىك، بارلىق ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنىڭ ئاساسى. بىر لەۋزى ھارام ئادەم ھامان كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن قالىدۇ، بىر لەۋزى ھارام مىللەت ھامان ئۆز ئىززىتىنى يوقىتىدۇ.

سەۋرچان بولۇش ( ئۆزگىنى بىلىش)

باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ئەڭ مۇھىم مەدەنىيلىكتۇر. ئۇ ھەم ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىشنىڭ بىر يولى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىكىدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، گەپ قىستۇرماسلىق، بۆلۈپ قويماسلىقتەك ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇلۇق ئاتىلىرىمىزمۇ شۇنداق دېگەنكى، ئازگەپ قىل، كۆپ ئاڭلا. باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش ئاساسەن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇيەردىكى سەۋرچانلىقنىڭ چىكى بار، ھۆرمەتلەشمۇ ھەم خۇشامەت مەنسىىدە ئەمەس.

قائىدىگە رېئايە قىلىش(يولدىن چىقما، خاندىن قورقما)

قائىدىگە رېئايە قىلىش ئومۇمەن يەرشارى كەنتىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق تۈزۈمى. ناۋادا ھەممە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن توۋلىسا، قائىدىلەرنى كۆزگە ئىلمىسا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى ئويلىمىسا، بۇ دۇنيا ھەقىقىتەنمۇ تۈگىشىدۇ. كوللىكتىپنىڭ كىرزىسى ئەمەلىيەتتە شەخىسلەرنىڭمۇ كىرزىسى. بالىلار تۈرلۈك قائىدىلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ يېتىلىشى كېرەك، بۇ كېلەچەكتىكى بىرقائىدە-يوسۇنلۇق مىللەتنىڭ ئاساسى.

ھەرۋاقىت مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتماسلىق (ئۆزىنى بىلىش)

مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ باريوقلىقى، ئىنساننىڭ پەزىلىتىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا بالىلارنى ئىجدىمائى تۇرمۇشتا چىنىقتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەسىلىسى. بۈگۈنكى زاماندا كىشلەرنىڭ ئۆز-ئارا تايىنىش دەرىجىسى كۈنسىرى ئىشىۋاتىدۇ، ئىش تەقسىماتىمۇ ئايرىم ۋە ئىنىق. بۇ كىشىلەردىن تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى بىرەر ئىش ھالقىسىدىكى سەۋەنلىك، پۈتۈن بىرساھەنىڭ زىيىنى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. مەسئۇلىيەتسىزلەر ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بەدىلىگە ئازغىنە ئاراملىق تېپىىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھامان ئۆزىنى ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

بىرپۇڭ بولسىمۇ تىجەش( ھايات كەچۈرۈشنى بىلىش)

ھەربىر كىشىنىڭ تىجەشلىك بولۇشى پەقەت شەخىسنىڭلا ئەخلاق قارىشى ۋە تۇرمۇش قابىلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ مەۋجۈت بولۇشى ۋە راۋاجلىنشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.
بىرپۇڭ بولسىمۇ تىجەش، ئەمەلىيەتتە بايلىقلارنى ئاسراش. بالىلار تىجەشلىك بولۇش ئەمەلىيتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى ۋە ئەقلى تەپەككۈرىنى ھېس قىلالايدۇ، تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولىدۇ.

ھەركۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇش(سالامەتلىك بىرىنچى)

ساغلاملىق بولسا مائارىپنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھىم تېمىسى، چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ بەختىيار بولۇشىنىڭ كاپالەتلىرىنىڭ بىرى. بىرمۇھىم بايقاش كىشلەرنى سەگىتدۇ: بىر ئادەم بالىلىق مەزگىلىدە چىنىقىشنى ئادەت قىلمىسا، چوڭ بولغاندا بۇ ئادەتنى يىتىلدۈرۈش ئىنتايىن تەس، بەلكى بىر ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچى ھەقىقىتەنمۇ تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ، بالىلارنىڭ ھەركۈنى 10 سائەت ئەتىراپىدا ئۇخلىشىغا، ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ 6سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە، بىرسائەتتىن ئارتۇقراق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنشىغا سەل قارىماسلىق كېرەك- دەيدۇ مۇتەخەسسىلەر بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ.

بىراۋنىڭ نەرسىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش( تۇرمۇشتا رەتلىك بولۇش)

بالىلارنىڭ بىرئىشنى چىرايلىق باشلاپ، چىرايلىق ئاخىرلاشتۇرۇشى بەكمۇ تەس، لېكىن بۇ بىر زۆرۆر بىلىم. بىراۋنىڭ نەرسسىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئادىتى بالىلارنىڭ تەپەككۈرىنىڭ تەرتىپلىكىنى يېتىلدۈرۈشتە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ پايدىلىق. ئاتا-ئانىلار ياكى تەربىيچىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا نەچچە يۈز قېتىملىق پۇرسەت بالىلاردا مەلۇم خىل مەدەنىيلكنى يېتىلدۈرۈشكە يېتىشى مۇمكىن، ئەمما دەل ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەندە نەچچە ئونمىڭ قېتىملىق پۇرسەتمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن.

باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش( ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇش)

باشقىلارنىڭ ياردىمى، غەمىخۇرلىقىغا جەزمەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەك، لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا ئىزاتارتىش سەۋەبلىك بۇنداق قىلىش نېيىتى بولسىمۇ، ئىپادىلەلمەيدىغان ئەھۋال سادىر بولىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگەنمەي بولمايدۇ. باشقىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىش باشقىلار بىلەن ھېسىيات ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق، ئۇ گۇمانسىراشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كشىلىك ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ بىرخىل ئاكتىپ تۇرمۇش كەيپىياتىنىڭ ئاساسى.

ئىش قىلغاندا پىلانى بولۇش (يەتتە ئۆلچەپ بىركەس)

مۇۋاپىقىيەت ئىنچىكە لايىھىلەش ۋە ئىجرا قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بىز دائىم بالىلارنى مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنى بەكلا ئەركىن -ئازادە قويىۋىتىپ، ئۇلارنىڭ خام ۋە ئەقليلىككە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان تەسەۋۋۇرلىرىنى كۆپتۆرۈپ ماختايمىز. لېكىن بۇنداق داۋام قلىۋەرسە بالىلار ھەمدەم خىيال بولۇپ قالماسمۇ؟
ئۇلار بىر ئىش قىلىش خيالىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇلاردىن بۇ ئىش ھەققىدىكى پىلانىنى سوراش ئاقىلانىلىك، ئۇلار شۇنى ئادەت قىلىش كېرەك. كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلمايدۇ، پىلانلىق ئىش ھامان پىلانسىز ئىشتىن ياخشى بولىدۇ. بالىلارغا تۈرلۈك ئىشلاردا پىلان تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنى ئادەت قىلىش كېرەك.

يەڭگىل ھالەتتە يېڭى بىركۈننى كۈتىۋىلىش (پاكىزە بولۇش)

بالىلار ئاسانلا مەلۇم خىل بىشارەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئوبراز ۋە روھى ھالەت ئاسانلا كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا يېڭى بىركۈننى قانداق كۈتىۋىلىش بالىلارنىڭ ئاددى تۇرمۇشىدىكى ئاددىي بولمىغان ئىش. بۇنىڭدا ئىشنى تازىلىقتىن باشلاش، بالىلاردا ئازادە كەيپىيات يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئۇلار داڭلىق ماركىلىق كىيىم كىيمىسىمۇ، قالتىس سۆلەتلىك بولۇپ كەتمىسمۇ بولىۋىرىدۇ، ئۇلار پەقەت پاك-پاكىزە، رەتلىك بولسا، ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇلغان پاكىزە كېيىملەرنى كېيەلىسە، ۋاقتىدا يۇيۇنالىسا، غەيرى پۇرىمىسا، كىتاپ-دەپتەرلىرىگە قالايمىقان جىجىمىسا....ئەيتاۋۇر بالىلار مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردا پاكىزىلىققا ئىرىشەلىسە ياكى ئورۇندىيالىسا، ئۇلار تولۇپ تاشقان ئۈمىدكە تولىدۇ.
پاكىزە يۈرۈش-تۇرۇش باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدۇ، باشقىلارنىڭ ياخشى نەزىرى ئۇلارغا ياخشى كەيپىيات قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«مائارىپ = ياخشى ئادەت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ