ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى دەپ
پەرىدەم ئېلى
ئەخلاق تەربىيەسى ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىنى باشلانغۇچ مائارىپ باسقۇچىدىلا ئېلىپ بېرىش زۆرۈر. چۈنكى، پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىچىك ۋاقتىدا بېرىلگەن تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئەخلاق تەربىيەسىنى باشلانغۇچ مائارىپ مەزگىلىدىن باشلاپلا يولغا قويۇش كېرەك.
مەلۇمكى، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا بالىلارنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي قۇۋۋىتى يېتىلىدىغان، تۇرمۇش چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىدىغان بولغاچقا، بۇ باسقۇچتىكى تەربىيەنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىدە بەزى يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىدىن خېلى يىراق، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن:
1. مەزمۇنى يۈزەكى بولۇش. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكى بىرقەدەر ئېغىر بولغاچقا، ئەخلاق تەربىيەسى كۆپىنچە ھاللاردا ئايدا بىرنەچچە قېتىملا ئېچىلىدىغان سىنىپ يىغىنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تەربىيە مەزمۇنى ئاساسلىقى ئىنتىزام، تاپشۇرۇق ئىشلەش، كوللېكتىپ پائالىيەت ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك، دەپ قارايمەن.
2. شەكلى ئاددىي بولۇش. ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشتا ئوقۇتقۇچىلا سۆزلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار پەقەتلا ئاڭلاشتەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىن ھالقىپ، يېڭىچە ئۇسۇلدا تەلىم – تەربىيە بېرىشنى يولغا قويۇش كېرەك.
3. ۋاقتى ئاز بولۇش. ئەخلاق تەلىم – تەربىيە دەرسىنىڭ ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ ھەپتىسىگە ئىككى – ئۈچ سائەتلا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخلاق تەربىيەسى دەرسىنىڭ ئورنى سىنىپ ياكى مەكتەپ بىلەنلا چەكلىنىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى بىلەن بىرلىشەلمەيۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەسى دەرسىنى مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر؛
1. ئەخلاق تەربىيەسىگە مەكتەپ تەسىرىنى، ئائىلىنىڭ رولىنى، جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى زىچ ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
2. ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، خاراكتېرىگە، ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
3. ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ شەكلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئەركىن پىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆپرەك كارتون فىلىملەرنى كۆرسىتىش، ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ئاستا – ئاستا يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك باغچە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)
(تەھرىر : admin)
«ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى دەپ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىشىشى كېرەك؟
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىن
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياك
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىل
- بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپ
- ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قاندا
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇ
- ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىش
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئە
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بول
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بى
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىنى يا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يې
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى