ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى

ۋاقىت : 2013-06-05 18:24 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى

ئارزۇگۈل ئابلىز

      ئائىلە سۆھبىتى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم بىر يولى. ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش جەمئىيەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى چۈشىنىشتەك ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولۇپ سىنىپ مەسئۇلى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىدىيەسىنى ئىگىلەش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلە باشلىقلىرىنى ياش – ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتە مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇش لازىم.

     سىنىپ مەسئۇلى ئائىلە سۆھبىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، ئائىلە تەربىيەسىدە ساقلانغان ئومۇمىي مەسىلىلەرنى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىكى ئارتۇقچىلىق – كەمچىلىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىدۇ. بۇ سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئائىلە باشلىقى بىلەن ماسلىشىپ ئوقۇغۇچىنى بىرلىكتە تەربىيەلەشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىشقا ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئايرىم ئوقۇغۇچىلاردىكى ئالاھىدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۆزىگە خاس رولى بار. سىنىپ مەسئۇلى ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى دائىملىق خىزمەت قاتارىغا قويۇشى، ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىدىكى ئوخشىمىغان مەسىلە ۋە ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت ۋە تەلەپنىڭمۇ ئوخشاش بولماسلىقىنى نەزەرگە ئېلىشى لازىم. ئىمكان بار ھەر مەۋسۇمدا ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنى بىر قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ چىقىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. ئائىلە سۆھبىتىدە ئوبيېكىتقا دىققەت قىلىش، ئائىلىدە كىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن كىم ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ياكى ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم ئىدىيەۋى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئاساسىدا نۇقتىلىق ھالدا خىزمەت ئىشلەيدىغان ئوبيېكىتنى بەلگىلەش لازىم.

      سىنىپ مەسئۇلى ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىشى، پوزىتسىيەدە سەمىمىي بولۇشى، پىلانسىز مېھمان سۈپتىدە زىيارەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكىتقا ئوخشاشمىغان ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك.

      ئائىلە سۆھبىتىدە ئەرز – شىكايەت قىلماسلىق كېرەك. لېكىن، ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ئەخلاقى ، ئەقلى ۋە جسىمانىي جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىنكاس قىلىش كېرەك. ئائىلە سۆھبىتىدە ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش، ئىدىيە ۋە ھەر جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىق ھەم ئىلغار تەرەپلىرىنى سۆزلەش، ئاندىن كېيىن كەمچىلىكلىرىگە ئۆتۈش، كەمچىلىكىنى سۆزلىگەندىمۇ ئەيىبلەش ياكى ئائىلە باشلىقلىرىدىن ئاغرىنىش تەلەپپۇزىدا ئەمەس بەلكى ئائىلە باشلىقى بىلەن بىرلىكتە تەربىيە تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئوقۇغۇچىنى بىرلىكتە تەربىيەلەشكە دائىر تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. ئائىلە سۆھبىتى ئىمكانقەدەر ئومۇميۈزلۈك بولۇشى، ياخشى، ئوتتۇراھال ۋە ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش، ھەرگىز مەسىلىسى بار، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تەكشۈرۈش زىيارىتى قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا شۇ سىنىپنىڭ ھەيئەتلىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى، ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ تەربىيەچىلىرى، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ يېقىن دوستلىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم. ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىلا ئاندىن ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، توغرا تەھلىل يۈرگۈزگىلى، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا مۇۋاپىق تەربىيە تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ياخشى نەتىجە ھاسىل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ