بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپلاش
ئوقۇتۇتۈش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار: بىرىنچى باسقۇچلۇق ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئەمەللەر ئارىلاش تىرناقسىز كەلگەن ئەمەلىي ھېساپلاشلارنى توغرا ھېساپلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. جەريان ۋە ئۇسۇل: كۆزىتىش، سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەش، ھەمكارلىشىپ مەشق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1- باسقۇچلۇق ۋە 2- باسقۇچلۇق ئەمەل ئارىلاش تىرناقسىز كەلگەن ئەمەلىي ھېساپلاشلارنى توغرا ھېساپلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. ھىسسىيات، پوزىيسىيە ۋە قىممەت قارىشى: ئوقۇغۇچىلارغا ماتىماتىكا بىلەن تۇرمۇشنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىنى ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماتىماتىكىنى قىزىقىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىش. |
دەرس سائىتى: 3 - سائىتى |
دەرس تىپى: يېڭى دەرس |
مۇھىم نۇقتا: تىرناقسىز كەلگەن ھېساپلاش ئىپادىسىكى ئەمەللەرنى ھېساپلاش تەرتىۋىنى ئىگىلىتىش. |
قىيىن نۇقتا: مەسىلىلەردىكى سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق باسقۇچلار بويىچە ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان ھېساپلاش ئىپادىسى تۈزۈپ چىقىش. |
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: چۈشەندۈرۈش،ئۈلگە كۆرسۈتۈش، مەشىق قىلدۇرۇش ئۇسۇلى |
ئوقۇتۇش ۋاستىسى: كىتاپتىكى قىستۇرما رەسىم . دوسكا ، بور، دەرسلىك دېتالى |
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ئەگەر بىر ھېساپلاش ئىپادىسىدە قوشۇش، ئېلىش ، كۆپەيتىش ۋە بۆلۈشتىن ئىبارەت بىرقانچە ئەمەللەر ئارىلاش كەلگەن بولسا قانداق تەرتىپ بويىچە ھېساپلاش كېرەك؟ بۇ ئالدىنقى سائەتتە بىز ئۆگەنگەن ھېساپلاش ئۇسۇلىمىز بىلەن ئوخشاشمىدۇ؟ بىز بۈگۈنكى دەرسىمىزدە مۇشۇ ھەقتە توختۇلۇپ ئۆتىمىز. |
ئوقۇتۇش جەريانى: 3- مىسال: ساۋاقداشلار دەرسلىكنىڭ 6- بېتىدىكى رەسىمنى كۈزۈتۈڭلار. ( ئوقۇغۇچىلار بىر مىنۇت ئەتراپىدا كۈزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. ) (1) ئالىيە كىم كىملەر بىلەن قارمۇز دۇنياسىغا ئوينىغىلى باردى؟ جەمئى قانچە ئادەم؟ (2) بېلەت سېتىۋالغان چوڭلار بېلىتىدىن قانچىنى، بالىلار بېلىتىدىن قانچىنى سېتىۋېلىش كېرەك؟ (3) چوڭلار بېلىتى ۋە بالىلار بېلىتىنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم قانچە پۇل؟ (4 ) جەمئى قانچە پۇل كېتىدۇ؟ ( ئوقۇغۇچىلار يۇقۇرىقى سۇئاللارغا كۈزەتكىنى بويىچە جاۋاپ بېرىدۇ. ) ئەمدى بىز ھېساپلاش ئىپادىسى تۈزۈپ باقايلى. چوڭلار بېلىتى 2 دانە، بالىلار بالىلار بېلىتى يېرىم باھا. شۇنىڭ ئۇچۇن مۇنداق ئىپادە تۈزىمىز. [دوسكا خېتى] 24×2+24÷2 بايا سىلەر ئېيتقاندەك چوڭلار بېلىتىگە 48 يۈەن ، بالىلار بېلىتىگە 12 يۈەن كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئى پۇلنى ھېساپلاش تەرتىۋى مۇنداق بولىدۇ. =48+12 =60(يۈەن) جاۋابى: جەمئى 60 يۈەن كېتىدۇ. خۇلاسە: تىرناقنى ئۆز – ئىچىگە ئالمىغان ھېساپلاش ئىپادىسىدە ، قوشۇش، ئېلىش ، كۆپەيتىش ۋە بۆلۈش بار بولسا ئالدى بىلەن كۆپەيتىش ۋە بۆلۈشنى ھېساپلاش كېرەك. بىلىمنى مۇستەھكەملەش: 7- بەت. ئىشلەپ بېقىڭ 1. مىسال: ھېساپلاش تەرتىۋى ئوخشاش بولسا توغرا ، ئوخشاش بولمىسا خاتا بەلگىسى قويۇڭ. ( ئوقۇغۇچىلار كىتاپتىكى مىساللارنى ئەستايىدىل كۈزىتىپ . بەلگە قويۇپ چىقىدۇ. ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈدۇ. ئوقۇتقۇچى تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش بېرىدۇ.) 2. مەسىلە: مەسىلە ئوقۇپ چىقىلىدۇ. تەھلىل: (1) ئۇلار قانچە قېتىم پۇل خەجلىدى؟ بىرىنچى قېتىم قانچە پۇل خەجلىدى؟ (2) ئىككىنچى قېتىم بىر ئادەمگە قانچە پۇل خەجلىدى؟ جەمئى قانچە پۇل خەجلىدى؟ (3) خەجلىگەن ئومۇمى پۇل قاچىلىك؟ ھەر بىر ئادەمگە قانچە پۇلدىن توغرا كېلىدۇ؟ ( ئوقۇغۇچىلار يۇقۇرقى سۇئاللار ئاساسىدا باقۇچلار بويىچە ھېساپلاپ چىقىدۇ. ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان ھېساپلاش ئىپادىسى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.) |
دەرستىن كېيىنكى كىچىك خۇلاسە: بۇ سائەتتە سىلەر نىمىلەرنى ئۈگىنىۋالدىڭلار ؟ بىرىنچى باسقۇچلۇق ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئەمەللەر ئارىلاش تىرناقسىز كەلگەن ھېساپلاشلارنىڭ ھېساپلىنىش تەرتىۋىنى خۇلاسىلاپ بېرەلەمسىلەر؟ ( ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى خۇلاسىلاپ چىقىدۇ.) |
تاپشۇرۇق: |
دوسكا لاھىيىسى: بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپلاش 3- مىسال. ئىشلەپ بېقىڭ. 3- مىسال: 24×2+24÷2 =48+12 =60(يۈەن) جاۋابى: جەمئى 60 يۈەن كېتىدۇ. خۇلاسە: تىرناقنى ئۆز – ئىچىگە ئالمىغان ھېساپلاش ئىپادىسىدە ، قوشۇش، ئېلىش ، كۆپەيتىش ۋە بۆلۈش بار بولسا ئالدى بىلەن كۆپەيتىش ۋە بۆلۈشنى ھېساپلاش كېرەك. |
گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ تەستىقى: |
(تەھرىر : يانتاق)
« بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپلاش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يېتەكلەش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىن
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياك
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىل
- بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپ
- ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قاندا
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇ
- ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەرر تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-09 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-04-09 14:04
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىش
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئە
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بول
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بى
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىنى يا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يې
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تا