ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك؟

ۋاقىت : 2013-08-24 17:53 | مەنبەسى : يازغۇچىلار مۇنبىر | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
  پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك؟

كۆرەش ئۆمەر، ئېلى ئەخمەتنىياز

ساغلاملىق - فىزىيولوگىيەلىك ساغلاملىق، پىسخىك ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زامانىۋى تېببىي ساھە بويىچە قارىغاندا پىسخىك ساغلاملىق ئۈچ تەركىب ئىچىدە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە بۇلارنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ساپا مائارىپى نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى، بولۇپمۇ پىسخىك ساغلاملىقى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. بىراق، ئۇزۇندىن بۇيان دۆلىتىمىزدە تەلىم-تەربىيە جەھەتتە مەلۇم مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق دەرسىگە بولغان سەل قاراش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى، ھېسسياتىنىڭ ئاجىز بولۇشى، بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئىدىيە-ئەخلاق مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ھەممىسى تونۇشنىڭ يۈزەكى بولۇشى، ئىرادىسىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ئوقۇغۇچى ئىدىيەسىدىكى ھەرخىل زىددىيەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان باش قېتىنچىلىقى ۋە قايمۇقۇشلار ياكى زەربىگە ئۇچراش ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىقلار. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئىدىيەسىنى تاۋلاش ۋە پىسخىك بېسىم-توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. بۇ مائارىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مىللەتنىڭ ساپاسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا. نۆۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلۈشنىڭ سەۋەبى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
1. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىسخىك مەسىلە - كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تەشۋىش
ھازىرقى زامان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ توختىماستىن كۆپىيىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارى توغرا بىر تونۇشتا بولمايدۇ. دائىم ئەسلىدىكى قىياپىتىدە تۇرىۋېرىدۇ، ھەتتا دائىم ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق پىسخىكىلىق مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ.
2. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىسخىكىلىق داۋالغۇش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ مۇھىت تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، ئائىلىدىكى ھەرخىل ماجىرالار ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى، مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىنىشى ۋە تەشۋىشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ مەلۇم يامان تەسىرى، مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلاردا زىددىيەت ۋە گاڭگىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق، بۇ مەسىلىلەر دائىم ئائىلە باشلىقلىرى سەل قارايدىغان مەسىلە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئاستا-ئاستا ناھايىتى ئېغىر بولغان پىسخىكىلىق تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئائىلىدە ھېچقانداق ئىللىقلىق يوق، قەلبى يېگانە. لېكىن، ھەرقېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ئائىلە باشلىقلىرى پەقەت ئۆز پەرزەنتىنىلا ئەيىبلەيدۇ، بىراق ئۇلار سەۋەبنى ياكى ھەل قىلىش ئامالىنى ئويلاپمۇ قويۇشمايدۇ.
پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتە مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك:
1) كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ پىسخىك مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پىسخىك دوختۇر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىياگنوزىغا تايىنىپ، ئايرىم يېتەكلەش، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، يەنى قاراتمىلىق يېتەكلەش، ئاۋۋال پىسخىك توسالغۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنى تېپىپ چىقىش كېرەك. بولمىسا، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
2) توغرا يېتەكلەش. قايسى خىل پىسخىك كېسەل بولسا، نوقۇل شۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش، ئالاقە، ئۆگىنىش جەريانىدا كېلىپ چىققان تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، تەدبىر، پىسخىكىلىق مەسىلە قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئىشلىتىش، ئادەتتە روھىي جەھەتتە ھېسسىياتتىكى مەسىلىلەرنىڭ، كۆپ قىسمى پىسخىكا ساغلاملىقى مەسىلىسىگە كىرىدۇ. ھەرگىز قاتتىق تەنقىدلىمەسلىكىمىز، ئەيىبلىمەسلىكىمىز، بولۇپمۇ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ زەربە بەرمەسلىكىمىز، ئۇلار بىلەن دوستىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك سىردىشىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ياسىشىمىز، ئىلھاملاندۇرۇشىمىز، سەۋرچان بولۇشىمىز، توغرا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئۇلارغا كىشىلىك ھاياتنىڭ نىشانىنى تونۇتۇشىمىز، مۇۋاپىق بولغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يولىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.
3) سەۋرچان بولۇش. پىسخىك مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بىر جەريان كېرەك، بۇ ناھايىتىمۇ ئاستا بىر جەريان بولۇپ، دەرھاللا ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشىمىز، ئۇلارغا بىلىندۈرمەي ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىپ، توختىماي ئۆزگەرتىپ، قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ پەقەتلا پىسخىك مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى تاۋلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى.
دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئوقۇتقۇچى چوقۇم تەقدىرلەش، تەنقىدلەشنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدىيەۋى بېسىمىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتمەسلىك، مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆزىنى توغرا تونۇش، باشقىلارنى تونۇش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان پىسخىك تەربىيە ھەر تەرەپلىمىلىك، كۆپ ياقىلىمىلىق بولۇپ، پەقەت ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىك ساغلاملىق، ئۇنىۋېرسال تەربىيە ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىك ساغلاملىقنى ئۈنۈملۈك ساقلىغىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قەدەممۇ قەدەم ئۆگىنىشنى بىلىش، تۇرمۇشنى چۈشىنىش ئاساسىدا ئادەم بولۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە ساغلام بولغان قەلب ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك توسالغۇسىغا قارىتا، يېتەكچى مۇئەللىم چوقۇم توغرا دىياگنوز قويۇپ، كېسەلگە قارىتا دورا بەرگەندە، چارە-تەدبىر قوللانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام پىسخىك تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك يېتەكچىلىك خىزمىتى تەربىيەلىگۈچىلەرنى بەلگىلىك پىسخىك تەربىيە تەجرىبىسىگە ئېرىشتۈردى. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈنۈملۈك پىسخىك يېتەكچىلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇلنى ئەستە ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم:
بىرىنچى، سىنىپتا ئىناق، جانلىق كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇغۇچى ئۈچۈن باراۋەر، ئىناق، جۇشقۇن خۇشال ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىش.
1) ياخشى بولغان ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى مۇناسىۋىتى ئورنىتىش. ياخشى بولغان ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى مۇناسىۋىتى مائارىپنىڭ ئاساسى. ئوقۇتقۇچى مائارىپنىڭ يېتەكچىسى، مائارىپتا يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىشنى چىقىش قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىپىنى ئوقۇغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئايلاندۇرۇشى، ئوقۇغۇچىغا ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياخشى كۆڭلىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ ۋە ئۇلارغا خۇشاللىق بىلەن تەربىيەنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى پىسخىك توسالغۇنى يوقىتىشى لازىم.
2) پىسخىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىش. يېتەكچى بىلەن سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشەنمەكچى بولسا، ئۆزلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندىن باشقا يەنە ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئۆز پىسخىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىدا باراۋەر، بىخەتەر كەيپىياتتا كۆڭلىنى توق تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئېيتقۇزۇش كېرەك. مەسىلەن، دائىملىق پىسخىك ساغلاملىق ھەققىدە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش، پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ياخشى تەڭشىشىگە ياردەم بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.
ئىككىنچى، بېسىمنى يېنىكلىتىش، دەردىنى چىقىرىش، ئۆتكەننى ئۇنتۇلدۇرۇش، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمالسىز كەيپىياتتىكى ئىنكاسىنى يۆتكەش.
ئوقۇغۇچى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغۇچى بىلەن سىردىشىپ، باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ پىكىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، پىسخىكا جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىش. مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى ئەلا نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىنى باشقىلارغا كۆرسىتەلمىگەندە، ئوقۇتقۇچى ئەمەلىي شارائىت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، باشقا ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتىدىكى نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە شارائىت يارىتىپ بېرىش؛ ئوقۇغۇچى تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىق ۋە زەربىگە ئۇچرىغاندا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى كەينىگە تاشلاپ، ئىناقسىز كەيپىياتتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئەركىن، خۇشال -خۇرام ياشاشقا يېتەكلەش.
ئۈچىنچى، ئىلھاملاندۇرىدىغان ئۇسۇل ۋە چارىلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭىچە پىسخىك تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش.
ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل سەنئەت، ئۇ ئىلھاملاندۇرغۇچىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئېنىق كۆزىتىش، سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە پىشقان چارە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىلھاملاندۇرىدىغان چارە دېگەندە، ئوقۇتقۇچى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك: ئوقۇغۇچىنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قوزغىتىش؛ ئوقۇغۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختاش؛ ئىلھاملاندۇرۇلغۇچى بىلەن ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىلھاملاندۇرۇلغۇچى بىلەن بولغان ئورتاق تونۇشىنى تېپىپ چىقىش؛ ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان ئوخشىمىغان پىكىرگە سەۋرچان بولۇش. ئىلھاملاندۇرغاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قوزغىتىش ھالقا، ئۇنىڭدىكى تۈپ چارە ئوقۇغۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغىتىش، شارائىت يارىتىپ ئوقۇغۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ھەقىقىي قوزغىغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، بۆسۈپ ئۆتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىدا يېڭىچە ئۆزىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغان پىسخىك مېخانىزم قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش. مەسىلەن، مەلۇم ئوقۇغۇچىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسى ئۇدا ياخشى بولمىغان، شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى دۆت، تىرىشسىمۇ پايدىسى يوق، دەپ قاراپ، ئۆزىنى ئۆگىنىشتە مەغلۇپ بولغۇچى، دەپ قاراپ ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلىغان. بۇنداق ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان كەيپىيات بىر نەچچە قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولماسلىقنىڭ پاسسىپ مۇداپىئەسى، ئەگەر مۇشۇ خىل كەيپىيات داۋاملىشىۋەرسە، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچى دەرھال ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، سەۋرچان بولۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتى ئىشلەپ، ئۇنىڭدىكى يارقىن نۇقتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئىشەنچ تىكلىشىگە ياردەم قىلىپ، مەغلۇبىيەتنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلۇپ، قايتىدىن قەددىنى تىكلەش، ئۇزاق مەزگىللىك مەغلۇبىيەت تۈپەيلىدىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان پىسخىكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىشەنچ بىلەن رىقابەتلىشىش، يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش، بۇ پىسخىك توسالغۇنى تازىلاشنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۇسۇلى.
ئەلۋەتتە، ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىكىسىنى راۋانلاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك قىيىن ۋە ئىنچىكە سىستېما قۇرۇلۇشى، ئۇ ھەرتەرەپتىن ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تىرىشىشقا موھتاج. تەربىيەلىگۈچىلەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىدىيەۋى خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىكىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا نىسبەتەن، بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىدا پىسخىك توسالغۇ كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن يېتەكلەش؛ ئىككىنچىدىن، سىرتقى ئېزىقتۇرۇشنىلا يوقاتماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئىچكى قىسمىنى كونترول قىلىش، ئىچكى بېسىمىنى يوقىتىش، يوشۇرۇن ھالەتتىكى پىسخىك توسالغۇنى ئەمەلىي ئامىلغا ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش؛ ئۈچىنچىدىن، دائىم ئۈزۈلدۈرمەي پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىپ، چېكىگە يەتكەن قىلمىشلارغا نىسبەتەن، پىسخىك توسالغۇنى سەزدۈرمەي يوقۇتۇپ بىخ ھالىتىدە قالدۇرۇش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قانداق تونۇش، ئۆزى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، توغرا بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قانداق ئۆگىنىش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرسىز. شۇڭا، مەكتەپلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى، ئۇ تەربىيەلەش مەزمۇنىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى ئىدىيەۋى -سىياسىي تەربىيە ئۈچۈن، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالدى بىلەن، ئۇ سىياسىي-ئىدىيەۋى تەربىيەنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان پىسخىك ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم پىسخىك ئاساس ھازىرلايدۇ. بىر ئوقۇغۇچى ياخشى بولغان ئەخلاق ساپا يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدى بىلەن جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى، ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلەيدىغان، ئۆزىنى توغرا تونۇيالايدىغان بولۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىشى كېرەك. ئەكسىچە، پىسخىكىسى ساغلام بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئۆزىنى ھەمىشە باشقىلاردىن قاچۇرىدىغان بولۇپ قالسا، باشقىلارغا گۇمان بىلەن قارىسا، نورمال ئالاقىغا توسالغۇ پەيدا قىلىۋالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىدىيەۋى -سىياسىي تەربىيە قوبۇل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم شەرتنى يوقۇتۇپ قويغان بولىدۇ. پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام بولغان ئوقۇغۇچى سىياسىي-ئىدىيەۋى تەربىيەنى ئاسان قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنى ھەرجەھەتتىن ياخشى كونترول قىلىپ، مۇستەقىل ياشاش روھىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، مەكتەپ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىستىكىنى ئۇرغۇتالايدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى قەتئىي بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق لازىم.
پايدىلانمىلار:
1. يەن شياۋنىيەن: «ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كەيپىيات ساغلاملىقى تەربىيەسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟»، «ھازىرقى زامان ياشلار تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1998-يىللىق 2-سان.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى:ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
كېينكىسى: يوق
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ