ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز

ۋاقىت : 2010-03-17 22:00 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا يازغان خېتى

 
 
مۇئەللىم! ماڭا نېمىنى ئۆگىنىشنى ئەمەس، قانداق ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىڭ، ماڭا «سەن چوقۇم تەپەككۈر قىل» دېمەي، قانداق تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىتىڭ ، شۇندىلا نوقۇل ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈشتىن خالىي بولۇپ ، ئەقىل - بۇلىقىمنى ئاچالايسىز.
  ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى دۈشكەللىمەڭ ،  ئەگەر ساۋاقداشلىرىم مېنى يەكلىسە ياكى كۆزگە ئىلمىسا ، ئۆزۈمنى نەگە قويۇشنى بىلمەي ، ھەتتا قورقۇنچاق بولۇپ قالىمەن ، ئەگەر سىز مېنى ئايرىم يەردە سەمىمىي تەنقىدلىسىڭىز ، مەن پىكرىڭىزنى ئىنتايىن خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن . مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىمغا ئەھمىيەت بېرىڭ ، قابىلىيىتىمنى ئېتىراپ قىلىڭ ، مۇشۇ ئاساستا تۇرغۇزۇلغان ئىشەنچ ئالغا ئىلگىرلىشىمگە ئىلھام بولىدۇ ، ماڭا ئۆزۈمنىڭ قىممىتىمنى تونۇتىدۇ .

  قىلغان ياخشى ئىشلىرىمنى خاتىرىلەپ قويۇڭ ، ھە دىسىلا ياخشى قىلالمىغان ئىشلىرىمغا ئېسىلىۋالماڭ . مىنىڭ مەغلۇبىيىتىمنى ئەمەس ، بەلكى مۇۋەپپەقىيىتىمنى تەكىتلىگەن چېغىڭىزدا مەن ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تولىمەن .

    سىز مېنىڭ خاتالىقىمنى تۈزەتمەكچى بولسىڭىز ، ماڭا  «ئىنتىزامسىزلىق قىلدىڭ » دەپ تەنبىھ بەرمەكچى بولسىڭىز ، ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەڭ ياكى كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز غورۇرۇمغا زىيان يەتكۈزۈپ، مېنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىسىز.

  ماڭا ئىشىنىڭ ھەمدە ماڭا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ ، ئەگەر سىز  ھە دىسىلا بىر ئىشنى تەكىتلەۋەرسىڭىز ، مەندە ،-مۇئەللىم ماڭا ئىشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ ، -دېگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ مېنى مەغلۇبىيەتكە قاراپ ماڭدۇرىشى مۇمكىن .

    دەرسنى جانلىق، قىزىقارلىق سۆزلەڭ، مېنى دەرسلىك ئىچىگە ئېلىپ كىرىڭ ، دەرسخانىدا ھەممىگە سىزلا قوماندانلىق قىلسىڭىز ئۆزۈمنى ئىپادىلىيەلمەيمەن . ھەممە ئوقۇغۇچىنى بىر كۆزدە كۆرۈڭ، قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىلا ماختاپ ، باشقىلارغا ئېتىبارسىز قارىسىڭىز ، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزۈپ قويىسىز.

          مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ