ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۈشتە تەربىيگە ئەھمىيەت بىرشى لازىم
ئوقۇتقۇچى- ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدىكى ئاساسلىق كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياش-ئۈسمۈرلەرنى ئەقلى،ئەخلاقى،جىسمانى،گۈزەللىك قاتارلق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەربىيلەپ،جەميەتكە ياراملىق ئىزباسارلارنى يىتىشتۇرۇپ بىردىغان تۆھپىكار باغۋەندۇر.ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى جاپالىق ،شۇنداقلا كۈڭۈللۈك،ئەھمىيتى،تۆھپىسى كۆپ خىزمەتتۇر.ئۆزىنى پەن-مائارىپ ئۈچۈن ئاتىغان جاپاكەش باغۋەنلەر ياش-ئۈسمۈرلەرنى ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەربىلەپ چىقىش ئۈچۈن ئاز بۇلمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۇرۇپ جەميەت ئۈچۈن ئاز بۇلمىغان ياراملىق ئىختىساس ئىگىللىرنى يىتىشتۇرۇش ئۈچۈن تۇختىماي ئىزدىنۋاتىدۇ.كۆپ ساندىكى بىلىمگە تەشنا بۇلغان ياش-ئۈسمۈرلەر تەلەپچان ئوقۇتقۇچلارنىڭ تەربىيلىشى ئاستىدا تىرشىپ-ئۈگۈنۈپ ئۆزىنىڭ پەن-مەدىنيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە.ھالبۇكى ئوقۇغۇچىللىرمىز ئارسىدا تىرىشمايدىغان،ئۈگۈنۈشنى ئۈزىگە بىسىم قىلۋالدىغان،ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانسىنڭ بىسىمى بىلەنلا ئۈگۈنۈش قىلدىغان ئوقۇغۇچلارمۇ يۇق ئەمەس.ئوقۇغۇچلاردىكى بۇخىل رۇھى ھالەتنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتىش ئۇلارنىڭ ئۈسۈپ –يىتىلشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچلاردا ياخشى بولغان ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىدە ئوقۇغۇچىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىشەنچ ۋە بەلگىلىك ساپا ھازىرلىشى كىرەك.ئالدى بىلەن شۇ ئوقۇغۇچىغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىپ ،ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش ،پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ خاراكتىرنى ئىگەللەش،قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش لازىم ئوقۇغۇچلارنىڭ رۇھى دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىشتە ئوقۇتقۇچى ياخشى بولغان كەسپى ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارغا تەسىر كۆرسىتىش،كەيپىيات يارتىپ ئۇلار بىلەن ئازادە پىكىرلىشش ،ئۆزىمىزنى ئوقۇغۇچلارنىڭ ئالدىدا زىيادە چوڭ تۇتۋالماسلىقمىز،باراۋەر مۇئامىلدە بولۇش،ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش،مۇلايىم سۆز-ئىبارلەرنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى تەسىرلەندۇرۇش،ئوقۇغۇچنىڭ خاتالىقنى بىلگەندە چوقۇم تەنقىدلەش لىكىن تەنقىدلىگەندە ئوقۇغۇچلارنىڭ غۇرۇرى-ئىپتىخارىنى قوغدىغان ئاساستا تەنقىدلەش،گەپنى ئودۇللا دىمەي سەل ئەگىتىپ دىيىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش،ئۇلارغا سەمىمى،مىھرىبان بولۇش،كۆيىنىش،دوستانە مۇئامىلدە بولۇش،،،،تۈرلۈك ئۇسۇللارئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىش،ئايرىم سۆھبەت ئىلىپ بىرىپ ئۇلارنى ھەقىقى چۈشىنىش،پىكىرلەشكەندە سەۋرىچان بولۇش،ئۈنۈمنى كۆرۇشكە بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك،بۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش لازىم.بىزدە ئوقۇغۇچلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئايرىم سۆھبەت قىلدىغان ئادەت بار،بۇ ئادەتنى قەتئى تۇزۇتۇپ ئوقۇغۇچلار ئارسىغا چۆكۈپ ئۇلار بىلەن سىردىشالىساق ئۇلاردىكى تىرىشماسلىقنىڭ سەۋەبىنى تىپىپ چىقالىشمىز مومكىن،زۈرۇر بولغاندا ،ئاتا-ئانلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش. دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلنىش،ئۇلار بىلەن ماسلىششىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇقۇغۇچلارنىڭ ئىناۋىتىنى پۇرسەت تىپىپ يۇقۇرى كۈتۈرۈش. ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچلاردا ياخشى بولغان ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىدە ئوقۇغۇچىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىشەنچ ۋە بەلگىلىك ساپا ھازىرلىشى كىرەك.ئالدى بىلەن شۇ ئوقۇغۇچىغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىپ ،ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش ،پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ خاراكتىرنى ئىگەللەش،قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش لازىم،زۈرۈر تىپىلغاندا ئاتا-ئانلار سۆھبىتى قىلىش ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ ،ئوقۇغۇچنىڭ ئىددىيسىنى ئازات قىلىش،سىنىپ ھەيھەتلىرى ،ئىلغار ئوقۇغۇچلار ۋەكىلنىڭ رۇلىدىن پايدىلنىپ ئوقۇغۇچنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش لازىم.ئوقۇغۇچنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ھە دىسلا ئۆزەمنىڭ راسىت،ھەممىدە مىنىڭكىنى ئاڭلايسەن،دەپ ئۆز بىشىمچىلىق قىلىشتىن قەتئى ساقلىنىش لازىم.سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچنىڭ ئالاھىدىلكىگە ماس كىلدىغان تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ،ئوقۇغۇچى بىلەن بىللە تاپشۇرۇق ،مەشىق ئىشلەش،ئارتۇقچىلقىنى كۆرگەندە دەرھال مۇۋاپىق ئۇسۇلدا رىغبەتلەندۇرۇش ،ئۇسۇلىنى قۇللىنىش ئارقىلىق ئۇلاردا ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرگىنى بولىدۇ،مۇھىمى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچلارنى تەربىيلىگەندە تەربىينىڭ ئۈنۈمىگە ،ئىزچىل بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرشى،تاپشۇرغان ئىشىنىڭ ئاخىرنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋاختى چىقماسلىقتەك سەۋەنلىكلەرنىڭ سادىر بۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلشى لازىم.
(تەھرىر : يانتاق)
«ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۈشتە تەربىيگە ئەھمىيەت بىرشى لازىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئىتى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىن
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياك
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىل
- بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپ
- ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قاندا
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇ
- ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-25 17:07
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىش
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئە
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بول
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بى
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىنى يا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يې
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تا