ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇلى
ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇلى
بۇ يەردە دېيىلگەن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەخلاقى جەھەتتە يامان ئادەتلەرنى ئۆگىنىۋالغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى يېتەكلەشتە يېتەكلەش جەھەتتىكى تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ۋاقىتنىمۇ تېجىگىلى بولىدۇ.
1 . ئاتا ئانىلار سۆھبىتىنى ئىلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئائىلە تەربىيىسى پۈتكۈل تەربىيە سىستېمىسى ئىچىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىب بولۇپ، ئۇ بالىلارنى تەربىيىلەشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ياخشى ئائىلە تەربىيىسى مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ داۋامى ۋە زۆرۈر تولۇقلىمىسى. ھەر بىر ئاتا - ئانا ئۆز پەرزەنتنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىغا قارىغاندا ئۆز پەرزەنتنىڭ ئەھۋالىنى تىخىمۇ ئوبدان چۈشىنىدۇ ۋە ئوقۇتقۇچىغا قارىغاندا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا، ئائىلە سۆھبىتىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئاتا-ئانىسىغا يەتكۈزۈشكىلا ئەھمىيەت بەرمەي، ئوقۇغۇچىنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئائىلىدىكى ئىش-ھەرىكىتى، قىزىقىشى توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەشكىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قاراتمىلىقى بولغان ھالىدا يېتەكلەشتە مۇھىم ئورون تۇتىدىغان بىر نۇقتا.
2. ئائىلە سۆھبىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ پسىخىكىسىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە، ساۋاقداشلىرىدىن بولۇپمۇ بىللە ئوينايدىغان دوستلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە، بۇ ئەھۋاللار بىلەن ئائىلە سۆھبىتىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىكىسىغا نىسبەتەن تىخىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇشقان ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنى ئىززەتلەپ، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ دۇشمىنى ئەمەس بەلكى يېتەكلىگۈچىسى، ياردەم بەرگۈچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس غۇرۇرى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ يېقىملىق، ئىشەنچ بىلەن قىلغان سۆزى بەزىدە ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ، ھەتتا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالىنى بەلگىلىشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلسە، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ھېسداشلىقنى ھېس قىلسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۈزىتىشنى ئويلايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا كۆپرەك كۆيۈنۈشى، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىشى، ھەرگىز قوپاللىق قىلماسلىقى، ئۇلارنى ھاقارەتلىمەسلىكى كېرەك.
3. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي پائالىيىتى بولۇپ، ئۇلار زېھنى- قۇۋۋىتىنى ئۆگىنىشكە قاراتقاندىلا، ئاندىن باشقا تەرەپلەردىمۇ ئالغا باسالايدۇ. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا مەقسەتلىك ھالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئالدىن بىر قىسىم ئاددىي سوئاللارنى تەييارلاپ، مەقسەتلىك سوراپ، توغرا جاۋابقا ئېرىشكەندە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ماختىشى، جاۋاب بېرەلمىسە يەنىمۇ ئويلىنىپ پىكىر قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، ئۇلاردا دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان، سورالغان سوئاللارغا دادىل جاۋاب بېرەلەيدىغان جۈرئەت شەكىللىنىدۇ.
4. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىشنىڭ پەيتىنى، سورۇنىنى توغرا تاللىشى كېرەك. تەربىيە بېرىش سورۇنىنى تاللاش - تاللىماسلىق شۇ قېتىمقى تەربىيەنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش - بولماسلىقى، ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقى، تەربىيە بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىش - كۆرسەتمەسلىكىگە باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا تەربىيە بەرگەندە مىجەز - خاراكتېرىنى ئاساس قىلىش ھەم پەيتنى ياخشى تاللاش كېرەك. يەنى ئەخلاقى جەھەتتە يامان ئادەتلەرنى ئۆگىنىۋالغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە تۈرلىرىدە ماھارىتى بولىشى، مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. ئوقۇغۇچى نەتىجىگە ئېرىشىپ غەلىبە خۇشاللىقىغا چۆمگەن شۇ پەيىتتە ئوقۇتقۇچىمۇ چىن كۆڭلىدىن ئۇنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ خۇشاللىقىغا جۇر بولۇش بىلەن بىرگە، شۇ پەيىتتە ئۇنىڭغا يەنە باشقا نورمال تەلەپلەرنى قويسا باشقا ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا دەرھال قوبۇل قىلىش ئىپادىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
« ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىن
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياك
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىل
- بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپ
- ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قاندا
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇ
- ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىش
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئە
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بول
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بى
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىنى يا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يې
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى