ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىشىشى كېرەك؟

ۋاقىت : 2013-05-30 14:11 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : سەبىبالا | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىشىشى كېرەك؟
ئوسمان جۈمە
ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە،سالماق قەدەم بىلەن كىرىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سالام قىلىشى،ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمگە سالام قايتۇرۇشى كېرەك.
  ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق سالام بېرىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق سالام قايتۇرۇشى توغرىسىدا مائارىپ قائىدە-تۈزۈنلىرىدە ئېنىق بەلگىلىمە يوق.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى      قانۇنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئادەتلىرىگە ئۈزلۈكسىز ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
 لېكىن ھازىرقى دەرسخانا ئوقۇتۇشى پائالىيىتىدە،ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان سالاملىشىش ئۇسۇللىرى قوللىنىۋاتىدۇ
  بىرىنجى ئۇسۇل؛ ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە كىرگەندە،ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن رەتلىك تۇرۇشىدۇ، ئوقۇتقۇچى:‹‹ئولتۇرۇڭلار! ›› دەپ دەرس ئۆتۈشكە كىرىشىدۇ،بەزى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن رەتلىك تۇرۇپ:‹‹سالام مۇئەللىم! ››  : دەيدۇ، ئوقۇتقۇچى:‹‹ سالام ئوقۇغۇچىلار،ئولتۇرۇڭلار›› دەپ دەرس ئۆتۈشنى باشلايدۇ.بۇنداق سالاملىشىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى سالام ئادىتىگە خىلاپ.مەسىلەن:ئۇيغۇرلاردا ئاز سانلىق كىشىلە كۆپ سانلىق كىشىلەرگە سالام قىلىشى،ئۆيگە كىرگەن ئادەم ئۆيدىكىلەرگە سالام قىلىشى،سالام جاۋاپسىز قالماسلىقى قاتارلىق قائىدىلەرگە خىلاپ كېلىدۇ
ئىككىنجى ئۇسۇل؛ بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ؛ : ‹‹ياخشىمۇسىز مۇئەللىم؟›› دەپ سالام بېرىشىدۇ، ئوقۇتقۇچى:‹‹ياخشى،ساۋاقداشلار ئولتۇرۇڭلار›› دەپ دەرس ئۆتۈشكە كىرىشىدۇ. بۇنداق سالاملىشىشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سالام ئادىتىگە خىلاپ.
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››2003-يىللىق 3-سان 45-بەتتىكى ‹‹‹ياخشىمۇ سىلەر› ھەققىدە ئىككى كەلىمە» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: "‹ياخشىمۇسىز ؟›دېگەن بۇ سۆز ئادەتتە تىنچ-ئامانلىق سوراش مەنىسىدە ئىشلىتىلمەكتە،بۇ سۆز قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنىدۇ،تىل مەنتىقىمىزگە پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ. بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا
‹ياخشىمۇسىز؟› دېيىش ماھىيەتتە ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدىن سورىغاندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.كەڭ قورساقلىق بىلەن ‹ياخشىمۇسىز؟›نى ھال-ئەھۋال سوراش مەنىسىدىكە سۆز دەپ قارىغاندىمۇ،بۇ پۈتۈنلەر ۋىرۇسلانغان سۆزدۇر"دئگەن قىسقىسى،«ياخشىمۇسىز مۇئەللىم؟» دېگەن سۆزنى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندىلا ئەمەس بەلكى،ھەرقانداق جايدا سالاملىشىش ئۈچۈن قوللىنىلسىمۇ مۇۋاپىق بولمايدۇ
  ئۈچىنجى ئۇسۇل؛ئاز ساندىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە،ئوقۇغۇچىلار رەتلىك ئورنىدىن تۇرىشىدۇ،ئوقۇتقۇچى ئوڭ قولىنى كۆسىگە قويۇپ؛
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! » دەپ سالام قىلىدۇ،ئوقۇغۇچىلار؛«ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! » دەپ سالام قايتۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تەكشى سەپسېلىپ،ئىجازەت بېرىپ باش لىڭشىتىدۇ ياكى ئولتۇرۇڭلار دەپ دەرس ئۆتۈشنى باشلايدۇ.مۇنداق سالاملىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى
سالام سائەت ئادىتىگە ئۇيغۇن،ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى خۇراپىي ئىددىيىسى كۈچلۈك،دىننى مەكتەپكە ئېلىپ كىرمەكچى دەپ قارىماقتا
  ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئۆزلىشىپ كىرگەن ھازىرمۇ نۇرغۇن ئەرەبچە سۆزلەر تىل بايلىقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ،سالام-سائەت سۆزلىرىمىزدىكى« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! » بىلەن «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام»مۇ ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن. « بۇلاق» ژۇرنىلى 2004-يىلى 4-سان 105-بەتتە ئېلان قىلىنغان مەمەتئابدۇللا مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ
سالام-سائەت ئادىتى ۋە سالام-سائەت سۆزلىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنۇ بايان ماقالىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ؛1000 يىللاردىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن سالام-سائەت سۆزلىرى ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›(سىزگە تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن) بىلەن ‹ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام  › (سىزگىمۇ تىنچ-ئامانلىق تىلەيمەن) دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىۋەرسەكمۇ ھېچ يامىنى يوق،بۇ سۆزدە پەقەت تىنچ-ئامانلىق سوراشتىن باشقا ھېچقانداق دىنىي مەزمۇن يوق،بۇنداق سالاملىشىش قانداقتۇر دىنىي ئادەت بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان مىللىي ئادەتتۇر‹«يەنە
»پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى« 2013-يىلى 1-سانىدا »ياشانغانلارنى،چوڭلارنى،يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى،شۇنداقلا تەڭتۇش،تونۇش-بىلىشلەرنى كۆرگەندە ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ
›ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!‹دەپ سالام قىلىش لازىم، سالام بەرمەسلىك ›ئەدەبسىزلىك‹،› ھاكاۋۇرلۇق ‹دەپ يامان ئېلىنىدۇ. «روشەنكى،مۇنداق سالاملىشىش مىللىي سورۇنلارغىمۇ،مەدەنىي سورۇنلارغىمۇ،دىنىي سورۇنلارغىمۇ ،زامانىۋىي سورۇنلارغىمۇ، كۆپكىمۇ،ئازغىمۇ)ئەر ياكى ئايالغىمۇ(يۇقىرىغىمۇ،تۆۋەنگىمۇ ماس كېلىۋىرىدۇ
  دۇرۇس،ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرگەندە،ئوقۇغۇچىلار بىلەن قانداق سالاملىشىشى كېرەك؟»ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم«نى مەركىزىي رادىئو ئىستانسىسى،
شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى كەڭ قوللىنىۋاتىدۇ،تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇ خىل تىل ۋە ئەنئەنە ئادەتنى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاملىشىشىدىكى مۇقىم ئىبارە قىلساق مۇۋاپىق بولىدىغاندەك
تۇرىدۇ
(ئاپتۇر:بىڭتۇەن 3-شى49-تۇەن 1-ئوتتۇرامەكتەپتىن)

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەبىبالا تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-05-27 19:05 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-22 10:08
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ