ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆگەتكۈچىسىمۇ ؟
خىزمەتكە چققاندىن بۇيانقى ئالتە يىللىق ھايات مۇساپەمدە مىنىڭ ئىزچىل دىققىتىمنى تارتىپ كەلگىنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى بىر- بىرىگە لەقەم قويۇش ۋە ئەسلىدىكى بىر ئوبدان چىرايلىق ئىسىمنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ياكى قىسقارتىپ يىقىمسىز ھالاتتە توۋلاش مەسىلىسى بولدى.
ھەر قىتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ : « - ھەي، پاتەك ماڭە ، توپ ئوينايمىز. ئۇزۇنتۇرا، بازارغا چىقامدۇق؟ سوپسوپياڭ، ماڭە، مەيدانغا چىقمىز.
-ھەي، خەيرەك، گۇلەك، قارىۋاي، سىنىپقا كىرىپ كىتەمدۇق...» دېگەنگە ئوخشاش قوپال، يېقىمسز «ئىسىملار» بىلەن بىر- بىرنى چاقىرغاندا كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ كېتىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئۆزۈم دەرىس بېرۋاتقان سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ قېتىم تەربىيە ئىشلىسەممۇ، ئەمما، تەنەپپۇس ۋاقىتلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى خالغانچە قىسقارتىپ بىر- بىرنى توۋلاشقا ئوخشاش ئىشلارنى دائىم ئۇچىرتىمەن.
بۇ مەسىلگە نىسبەتەن مەن ئەستايىدىل كۆزتۈش ئېلىپ باردىم. تېخى بەزى سىنىپلاردا ئايرىم ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس لەقىممۇ بار ئىكەن.
لەقەم – مىجەز- خۇلقى، خۇسۇسىيتى ياكى جىسمانىي جەھەتتىكى بىرەر بەلگىسىگە ئاساسەن كىشلەر تەرپىدىن قويۇلغان نام ياكى تەخەللۇس بولۇپ، لەقەملەر قويۇلۇش ئوبىكتلىرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىجابىيلىققا ۋە سەلبىيلككە ئىگە .
بىر قىسىم لەقەملەر مەلۇم بىر كىشنىڭ مەلۇم ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن قويۇلغان بولغاچقا، بۇ لەقەم شۇ كىشىگە نىسبەتەن ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن: قادىر داپ، ئالىم تەمبۇر، ھاشىم غەجەك... قاتارلىقلار.
يەنە بىر قىسىم لەقەملەر مەلۇم كىشىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلىكىگە ئاساسەن قويۇلغان بولغاچقا بۇ لەقەم شۇ كىشىگە نىسبەتەن روھىي جەھەتتىن ئازاپ ۋە بىسىم ئېلىپ كىلىدۇ، ھەتتا بۇ لەقەملەر شۇ كىشىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن:X قارىغۇ، X جىرتاق، Xگاس،Xدۈمچەك… قاتارلىقلار.
ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن لەقەملەرنىڭ ئاز بىر قىسمى ئىجابىي جەھەتتىن قويۇلغان لەقەم بولسىمۇ، كۆپىنچىسى سەلبىيلىككە ئىگە بولۇپ، ئۆز- ئارا بىر- بىرنى چۈشۈرۈش، بىر- بىرنى كەمسىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان.
بۇ لەقەملەرنىڭ كىلىش مەنبەسى كۆپ تەرەپلىملىك بولۇپ، بىر قىسىملىرى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ چوڭ دادىسى ياكى باشقا يېقىن ئۇرۇق- تۇققانلىرىغا مەھەلدىكىلىرى تەرپىدىن قويۇلغان لەقەم بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ لەقەم بارغانسىرى كېڭىيىپ، شۇ ئائىلىگە، شۇ جەمەتكە مەركەزلىشىپ قالغان. كېيىن باشقا ئوقۇغۇچىلار تەرپىدىن مەكتەپكىچە سۆرىلىپ كەلگەن لەقەملەرئىكەن.
مەسلەن: پالاق، تورغاي، قارىغۇ دېگەنگە ئوخشاش.
يەنە بىر قىسىم لەقەملەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز- ئارا قويۇشۇۋالغان لەقەملىرى بولۇپ، بۇ لەقەم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سىنىپتا، ھەتتا مەكتەپ ئىچىدە ئومۇملشىپ قالغان .
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا 2-سائەتلىك دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چىلىنشى بىلەن ماتىريالىمنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈم دەرىس بىردىغان سىنىپقا كېتىۋاتاتتىم.
تۇيۇقىسىز ياندىكى پاراللىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنڭ ئىشىك ئالدىدا ديشىۋاتقان گپى قۇلقىمغا كىرىپ قالدى.
- بىزگە ھازىر نېمە دەرىس بار ئىكەن؟
- ھىلقى يوغان قورساق مۇئەللىمنىڭ.
- بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى.
ھە،ئەمدى ئوقۇغۇچىلار ئۆز- ئارا لەقەم قويۇشتىن ھالقىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆتۈپتۇ-دە، ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يەنە قانداق ناملار بىلەن ئاتايدىغاندۇ؟- دېگەن خىيالغا كەلدىم.
ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس سۆزلەۋاتقان بولساممۇ، قۇلاق تۈۋىمدە يەنىلا« يوغان قورساق مۇئەللىم» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
دەرىستىن چۈشكەندىن كېيىن، مەن ئۇ ئۇقۇغۇچىغا ئايرىم تەربىيە قىلدىم.
ھىلىمۇ ئېسىمدە، ئاكامنىڭ تۈنجى بالسى تۇغۇلغاندا ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەن شۇنداق خۇشال بولۇپ، بەس- بەستە يېڭى قىز بوۋاققا ئىسىم تاللاپ كەتكەن ئىدۇق .
شۇ چاغدا، ئانام مېراي قويمىز دەپ تۇرۋالغاندا ئاكام بۇ ئىسىمنى قويۇشقا قەتئىي قوشۇلمىدى.
ئانام نېمىشقا ئۇنمايسەن دېگەندە: ئاكام، بالام چوڭ بولۇپ مەكتەپ يىشىغا توشقاندا، ساۋاقداشلىرى « مىكجىن » دەپ لەقەم قويۇپ قويىدۇ، دېگەن ئىدى.
مەن شۇ چاغدا بىر ئوبدان ئىسىمنى ساۋاقداشلىرى نېمىشقا ئۇنداق توۋلايدىغاندۇ؟- دەپ، بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەن ئىدىم. مانا ئەمدى چوڭ بولۇپ، خىزمەتكە چىقىپ مەكتەپتە ئىشلەش جەريانىدا ئاكامنىڭ شۇ چاغدىكى گىپىنىڭ مەنىسنى تولۇق چۈشىنىپ يەتتىم ھەم ئەمىليەتتە كۆردۈم.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدىمۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار دائىم بىر- بىرىگە قالايمىقان لەقەم قويۇپ قوياتتى ۋە ئەسلىي ئىسمىنى دىمەي ،شۇ قويغان لەقىمى بويىچە چاقىردىغان ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر ئىدى.
بەزىدە، بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمزمۇ سىنىپتىكى كەپسىزرەك، شوخراق ئوقۇغۇچلارغا لەقەم قويۇپ قوياتتى. بۇ لەقەم بىردەمدىلا سىنىپ ئىچىدە ئومۇملىشىپ بولاتتى.
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا يامىراپ كېتۋاتقان لەقەم قويۇش ئىسىملىرنى خالىغانچە قىسقارتىپ چاقىرشتىن ئىبارەت بۇ ناچار ئادەتكە قارىتا مەندە كۈچلۈك بىر قارشىلىق ئىنكاسى پەيدا بولدى.
بۇ ئەھۋال يالغۇز بىزنىڭ مەكتەپتىلا مەۋجۇتمىدۇ دەپ ئويلايتىم.
لېكىن بىر قىتىملىق ئوچۇق دەرىس ئۆتۈش مۇسابىقىسگە قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ناھىيە مەركىزدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچىرشىش، ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم.
تەنەپپۇس ۋاقىتلىرىدا ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ كۈزتۈپ باقتىم. كۈزتۈش جەريانىدا بۇ يالغۇز بىزنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس، باشقا ھەر قايسى مەكتەپلەردە ساقلىنىۋاتقان، ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى بۇ خىل ئۆز- ئارا لەقەم قويۇشتىن ئىبارەت يامان ئىللەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يالغۇز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ؟
بۇ مەسىلە ئۈستىدە مائارىپ سېىپىدە ئىشلەۋاتقان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئەستايدىل ئويلىنىشقا تىگىشلىك.
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى ( مائارىپ مىنىستىرلىكى 2008- يىل 9- ئاينىڭ 1-كۈنى ) نىڭ بەشىنجىسىدە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش ( ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى ساقلاپ، شەرەپ- نۇمۇسنى بىلىش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش، كىيىمى رەتلىك، يارشىملىق، سۆزلىرى ئۆلچەملىك، يۈرۈش- تۇرۇشى مەدەنىي، ئەدەپلىك بولۇش، كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشش، جىزمەتداش ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئىستىلى دۇرۇس، پاك- دىيانەتلىك بولۇش، ئاڭلىق ھالدا ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى رەت قىلىش، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتماسلىق ) دېگەن مەزمۇن بىرىلگەن. ئۇنداقتا بىزئوقۇتقۇچىلار يۇقىردا تىلغا ئالغاندەك راستىنلا گەپ- سۆزدە ئۆلچەملىك بولالىدۇقمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار بار پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئۆز- ئارا چاقچاقلىشىدىغان ناچار ئادەتلەرنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتەلىدۇقمۇ؟ بىزنىڭ بۇ خىل << ياخشى ئادەتلىرىمىز >> ئوقۇغۇچىلارغاتەسىر كۆرسەتمەي قالارمۇ!؟
ئوقۇغۇچى ھەر قانداق بىر ئىشتا ئوقۇتقۇچىنى دورايدۇ، ئوقۇتقۇچىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ.
بىز مەيلى دەرىسخاندا بولسۇن، مەيلى باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىدا بولسۇن يېقىملىق، چىرايلىق تىللارنى تاللاپ ئىشلىتشىمىز،ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەسىرى بولدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلماسلىقمىز لازىم.
ئوقۇتقۇچى، قېنى ئىيتىپ بىقىڭ.
ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا تارقىلىپ، كۈنسايىن يامىراپ كىتىۋاتقان ئۆز- ئارا لەقەم قويۇش، ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنى ئۆزىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بۇ مەسىلىدە مىنىڭ قىلچىلىك مەسئۇلىيتىم يوق دەپ قارامسىز؟
بىز ئۆزىمىز ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىندىغان بولساق ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا يامراپ كىتۋاتقان لەقەملەرنىڭ بارلىققا كىلىشىدە بىزنىڭمۇ ئاز بولمىغان << تۆھپىمىز >> بار.
ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئوبدان ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، خالىغانچە ئىسىم قويۇپ قويدىغان ۋە ياكى باشقا قوپال تىللار بىلەن چاقىردىغان ئەھۋال يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە.
تازا ئىنچىكلىك بىلەن ئاقتۇردىغان بولساق، بۇنداق ئەھۋاللار خىلى كۆپ ئۇچىرايدۇ.بىزمۇ بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹ ھوي، قادىخان، بۇياققا كەل. ھاشىخان، بۇ يەرنى سۈپۈر.›› دېگەنگە ئوخشاش قاملاشمىغان قوپال ئىسىملار بىلەن ئاتايدىغان، بەزى قاملاشمىغان لەقەملەرنى قويۇپ، ئاشۇ سەبىي ئوقۇغۇچىلارنى رەنجىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.
بىزنىڭ كۆزىمىز ئىككى بولغان بىلەن ئەتراپىمىزدا بىزنى كۈزتۈپ تۇردىغان نەچچەمىڭلىغان كۆزلەر بار.بىزنىڭ مۇشۇنداق چاقىرشلىرىمىز بىز تەربىيلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر قىلماي قالارمۇ؟
مەن بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلىپ باقتىم. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ يىقىمسىز، قوپال ‹‹ئىسىملىرى››نى ئاڭلىغاندا كۆڭلىنىڭ ناھايتى يىرىم بولدىغانلىقى، ساۋاقداشلىرى ئالدىدا بىرسىنىڭ ئۆزنى كەمسۇندۇرۋۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ، ناھايتى كۆڭلى يىرىم بولدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
مىنىڭچە، بۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يۈرەك ساداسى، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئازاپلىق نىداسى.
ئۇنداقتا، بىزنىڭ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىپ- بىلمەي قويۇپ قويغان ‹‹ سوۋغا›› سۈپتىدىكى لەقەملىرىمىز زادى قانچىلىك؟
دۇنيادا ھەر قانداق كىشىگە ئۆزنىڭ ئىسمى ئەڭ يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.
شۇڭا، ھىچكىممۇ ئۆزنىڭ ئىسمىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن خالىغانچە ئۆزگەرتىلىپ دەپسەندە بولۇشىنى خالىمايدۇ.
قەدىرلىك ئوقۇتقۇچىلار، جاپاكەش كەسىپداشلار!
ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا لەقەم قويۇش، ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنى سىلەر ئۆزىڭلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارامسىلەر؟
ئوقۇغۇچىلار بىزنى ئۆزىگە نىسبەتەن ئۈلگە كۆرسەتكۈچى، بىلىم بەرگۈچى، قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتقۇچ نۇرلۇق چىراق دەپ قارايدۇ.
ئۇنداقتا، بىز راستىنلا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولالاتامدۇق؟
مىللىتىمىز ئىچىدە ئەزەلدىنلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىسىم قويۇشتا، مەنىسى چوڭقۇر،ئاڭلىنىشقا يېقىملىق تۇيۇلدىغان ئىسىملارنى تاللاپ قويۇشنى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندۇرغان.
ھەر كىم ئۆز پەرزەنتىگە ئىسىم قويۇشتا قانداقتۇر ئۇدۇللا كەلگەن ئىسىمنى قويۇۋالغان ئەمەس. ئۆزلىرى تاللىغان شۇ ئىسىملارنى دۇنيادىكى بارلىق ئىسىملار ئىچدىكى ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ چىرايلىق ئىسىم دەپ قارايدۇ.پەرزەنتىگە قويۇلغان شۇ ئىسىمنى باشقىلارنىڭمۇ ئۆزلىرىدەك يېقىملىق چاقىرشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
بىز ئوقۇتقۇچى بولغۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر- بىرىگە خالىغانچە لەقەم قويىشىغا يول قويۇپ، ئۆزىمىزمۇ بۇ جەھەتتە ئۇلارغا ‹‹ئۆگەتكۈچى›› بولساق، بىز تەربىيلىگەن ئاشۇ ئوقۇغۇچىلاردا يىتىلدۈردىغان كىشلىك قىممەت قاراش ۋە ئادىمىيلىك قاراشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچالايمىز؟
ئوقۇتقۇچى، ئاخىردا شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويغۇم كىلىۋاتدۇ.
بىز بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يامىراپ كېتۋاتقان ئۆز- ئارا لەقەم قويۇش، بىر-بىرىنىڭ ئىسمىنى خالىغانچە قسقارتىپ ئاتىشنى توسساق،بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ‹‹ ئۆگەتكۈچى›› بولۇپ، يېشىل چىراغ يىقىپ بەرمىسەك.ئوقۇغۇچىلارغا لەقەم قويۇشتا، ئىسمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشتە ئۇلارغا يول باشلامچى ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ھەقىقي ئۈلگىسى بولساق.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆگەتكۈچىسىمۇ ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىن
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياك
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىل
- بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپ
- ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قاندا
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇ
- ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىش
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئە
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بول
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بى
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىنى يا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يې
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى